ساغلاملىق

نۇرغۇن راك كېسەللىكلىرى نامۇۋاپىق «تېجەش»تىن كېلىپ چىقىدۇ!

كونىلاردا «قېلىن مۇز بىر كۈندىلا قاتقان ئەمەس» دېگەن گەپ بار، بۇ سۆز ئوخشاشلا راك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ماس كېلىدۇ. مەن نېمىشقا راك بولىمەن؟ نېمىشقا بۇ كېسەل مېنى ئىزدەپ قالدى؟ نۇرغۇن بىمارلاردا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاشۇ دەقىقىدە مۇشۇنداق پىسخىكا پەيدا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە راك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى تۇرمۇش ئادىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئادەت تېجەشكە تېگىشلىك بولمىغان «تېجەش»تۇر. تۆۋەندىكى ئالتە خىل ئادەت سىزدىمۇ بارمۇ؟

نۇرغۇن راك كېسەللىكلىرى نامۇۋاپىق «تېجەش»تىن كېلىپ چىقىدۇ!

  1. پۇل تېجەيمەن دەپ يېڭى مېۋە ـ چېۋە، كۆكتاتلارنى يېمەسلىك

بەزى ياشانغانلار بازارغا بېرىپ كۆكتات سېتىۋالغاندا ئەرزانلىرىنى تاللاپ سېتىۋالىدۇ، ئەمما ئەرزان مېۋە ـ كۆكتاتنىڭ ھەممىسى يېڭى ئەمەس. ئەرزان، باھاسى چۈشۈرۈلگەن مېۋە، كۆكتاتلارنىڭ كۆپىنچىسىدە سېسىپ سۈپىتى ئۆزگىرىش مەسىلىسى مەۋجۇت، بۇنىڭ ئىچىدە كۆكەرتكۈچى باكتېرىيە بىرىنچى دەرىجىلىك راك پەيدا قىلغۇچى ماددا، بۇنداق يېمەكلىكلەرنىڭ كۆكىرىپ قالغان قىسمىنى كېسىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا راك پەيدا قىلىش خەۋپى بار.

توغرا ئۇسۇل:

كۆكتات سېتىۋالغاندا ئامال بار يېڭى كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى سېتىۋېلىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئوزۇقلۇق تەركىبى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا،بازاردا يەنە توغراپ، ماسلاشتۇرۇپ تەييارلانغان يېرىم تەييار كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەر بار، ئەگەر ئۇزاق ۋاقىت قويۇپ قويۇلغان بولسا، بۇ خىل كۆكتاتلارنى ئىمكانقەدەر ئاز سېتىۋېلىش كېرەك.

نۇرغۇن راك كېسەللىكلىرى نامۇۋاپىق «تېجەش»تىن كېلىپ چىقىدۇ!

2. توك تېجەيمەن دەپ تاماق ئەتكەندە بۇستارتقۇنى ئاچماسلىق

بەزى ياشانغانلار قورۇمىلارنى كۈچلۈك ئوتتا قورۇشقا ئادەتلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياشانغانلار توك تېجەش ئۈچۈن بۇستارتقۇنى ئىشلىتىشكە كۆزى قىيمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا كۆپ مىقداردا بۇس سۈمۈرۈۋالىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ماي ئىسى ئائىلىدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە قانداق زىيان يەتكۈزىدۇ؟ سىچۈەن ئۆلكىلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ كۆكرەك تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى جۇاڭ شياڭ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ھىم ئېتىلگەن، بۇستارتقۇ ئېچىلمىغان مۇھىتتا قورۇما قورۇغاندا، ئىچىدە بىر سائەت تۇرسا، ئۆپكىگە زىيان يەتكۈزۈشى توپتوغرا ئىككى قاپ تاماكا چەككەنگە باراۋەر بولىدۇ!» بۇ ئوخشىتىش ئادەمنى شۈركەندۈرىدۇ.

توغرا ئۇسۇل:

قورۇما قورۇغاندا چوقۇم بۇستارتقۇنى ئېچىش ھەمدە قەرەللىك ھالدا بۇستارتقۇنى تازىلاپ، شامال ئۆتۈشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

نۇرغۇن راك كېسەللىكلىرى نامۇۋاپىق «تېجەش»تىن كېلىپ چىقىدۇ!

3. ماي تېجەيمەن دەپ يېمەكلىك مېيىنى ئۇزاق ۋاقىت قويۇپ، تاشلىۋېتىشكە كۆزىڭىز قىيماسلىق

نۇرغۇن ياشانغانلار يېمەكلىك مېيىنى پەقەت سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئىچىدە بولسىلا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس.

2018- يىلى تيەنجىن سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىنىڭ «يېمەكلىك ھەققىدە ھەقىقىي بىلىم» پىروگراممىسىدا مەخسۇس سىناق قىلىنغان. يېمەكلىك مېيى ئېچىلىپ قالسا، ئۈچ ئاي بىخەتەر ماي ئىشلىتىدىغان كىرىتىك نوقتا بولۇپ، ئاغزى ئېچىلىپ ئۈچ ئايدا تېخى يەپ بولالمىغان ماي، بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى راك پەيدا قىلىدىغان ئەڭ خەتەرلىك ئامىلغا باراۋەر ئىكەن.

تونۇشتۇرۇلىشىچە، ماي ئوكسىدلانغان ۋە ئېچىغاندىن كېيىن دائىم ئافلاتوكسىن بىلەن بۇلغىنىپ، بىر خىل «غەلىتە پۇراق» پەيدا بولىدىكەن، قىزىتقاندا ئىس كۆپ چىقىپ، ئادەم قېقىلىپ كېتىدىكەن، بۇ جىگەر راكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئاپتاپقا قاقلاپ قويسام سېرىق ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى يوقاپ كېتىدىغۇ دەپ ئويلىماڭ، ئەمەلىيەتتە ھازىر سېرىق ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغىنى چىقىرىۋېتىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى يوق.

توغرا ئۇسۇل:

ئەگەر ئۆيدە نوپۇس ئاز بولسا، ئەڭ ياخشىسى كىچىك تۇڭغا قاچىلانغان ماينى سېتىۋېلىش كېرەك. چوڭ تۇڭلۇق ماينى چوقۇم ماي چەينىكى بىلەن ئايرىپ قاچىلاش كېرەك، ئەڭ ياخشىسى ماي بوتۇلكىسىنى دېرىزە تەكچىسى قاتارلىق قۇياش نۇرى تىك چۈشىدىغان جايغا قويماسلىق كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا ئوكسىدلىنىپ كېتىدۇ.

نۇرغۇن راك كېسەللىكلىرى نامۇۋاپىق «تېجەش»تىن كېلىپ چىقىدۇ!

4. ئىقتىسادچىل بولدۇم دەپ ئېشىپ قالغان قورۇمىنى تۆكىۋەتمەسلىك

نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئاشلىقنى ناھايىتى تېجەيدۇ، يەپ بولالمىغان تاماقلارنى دائىم توڭلاتقۇغا سېلىپ قويىدۇ، ئىككىنچى، ئۈچىنچى كۈنلىرىمۇ داۋاملىق ئىسسىتىپ يەيدۇ.

سىچۈەن ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى كىلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ ئوزۇقلۇق دوختۇرى سۇڭ يى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كۆكتاتلاردا ئادەتتە نىترات كىسلاتا تۇزى بولىدۇ، باكتېرىيەنىڭ تەسىرىدە نىترات كىسلاتا تۇزى ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق نىترىتقا ئايلىنىدۇ، ئۇنى ساقلاش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، نىترىت كىسلاتا تۇزى مىقدارى شۇنچە كۆپ بولىدۇ».

ئاندا-ساندا بىر ۋاخ ئېشىپ قالغان تاماق يېيىشنىڭ كارايىتى چاغلىق، ئەمما بىز ئۇزۇن مۇددەت بۇنداق ئېشىپ قالغان قورۇمىلارنى يېسەك، نىترىتلار ناھايىتى كۆپ قوبۇل قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەم بەدىنىگە بەزى تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ، ئەڭ ئاساسلىق زىيىنى راك پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

توغرا ئۇسۇل:

بىر كېچە تۇرۇپ قالىدىغان كۆكتاتلارنىڭ نىترىت كىسلاتا تۇزى مىقدارى بەك يۇقىرى ئەمەس، مەسىلەن: گۆش تۈرىدىكىلەرنىڭ نىترىت كىسلاتا تۇزى مىقدارى بىر قەدەر ئاز بولىدۇ، شۇڭا گۆش تۈرلىرى ئېشىپ قالسا بولىدۇ (ئەمما بىر كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك). لېكىن بۇ تۈردىكى كۆكتاتلارنى ئەڭ ياخشىسى تاشلىۋېتىش كېرەك، مەسىلەن: يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات قورۇمىلىرىنىڭ بىر كېچە تۇرۇپ قېلىش ئەڭ خەتەرلىك! چۈنكى ئۇنىڭدىكى نىترات كىسلاتا تۇزلىرىنىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى.

نۇرغۇن راك كېسەللىكلىرى نامۇۋاپىق «تېجەش»تىن كېلىپ چىقىدۇ!

5. كۈچۈمنى تېجەيمەن دېمەڭ! بەزى راكلار ھۇرۇنلۇقتىن چىقىدۇ

بەزىلەرنىڭ خۇددى ھەر كۈنى ئۇزۇن ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىش، يەنە ئۇخلاشتىن باشقا ئىشى يوقتەك يۈرىدۇ؛ ئاپتوموبىلغا چىققىلى بولسا ھەرگىز ماڭمايدۇ، لىفىتقا چىققىلى بولسا ھەرگىز پەلەمپەيدىن چىقمايدۇ. ئازراقمۇ كۈچ چىقارمىسام بولسا راھەت يېتىپ ئۇخلىساملا دەيدۇ، ئۇزاق مۇددەت بۇنداق چېنىقىش كەمچىل بولسا، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ھەقىقەتەن ئېشىپ كېتىدۇ!

2019 ـ يىلى شەنشى ئۆلكىلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى چەي لى ساغلاملىق ۋاقىت گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەرىكەت كەمچىل بولۇش بەدەندىكى ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدۇ. قانۇنىيەتلىك، سىجىل بەدەن ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش مەلۇم ئورۇنلاردىكى راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

توغرا ئۇسۇل:

يول مېڭىش ناھايىتى ياخشى ھەرىكەت بولۇپ، ئۇ بېسىمنى يەڭگىللىتىدۇ، مۇسكۇللارنى قۇۋۋەتلەيدۇ، بەدەن ئېغىرلىقىنى يېنىكلىتىدۇ. ھەر كۈنى بېشىنى كۆتۈرۈپ، قەددىنى رۇسلاپ، چوڭ ـ چوڭ قەدەم بىلەن مېڭىپ، 30 مىنۇتتىن ئارتۇق داۋاملاشتۇرسا مۇۋاپىق بولىدۇ. خىزمەت قىلغاندا، ئەڭ ياخشىسى ھەر 20 مىنۇتتا ئورنىدىن تۇرۇپ قوللىرىنى سىلكىپ، بەلنى سوزۇپ، پۇت تېپىش كېرەك، بۇمۇ بىر خىل ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ.

نۇرغۇن راك كېسەللىكلىرى نامۇۋاپىق «تېجەش»تىن كېلىپ چىقىدۇ!

6. ئىشنى ئاسانلاشتۇرىمەن دەپ سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە ھۇرۇنلۇق قىلىپ، راك كېسىلىنى ئەڭ بالدۇر بايقاش مەزگىلىنى قولدىن بېرىپ قويماڭ

نۇرغۇن كىشىلەر سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە دوختۇرخانىغا بېرىشقا ئېرىنىدۇ، گەرچە ئۆزىگە ئازراق ئىشنى تېجەپ قالغان بولسىمۇ، ئويلىمىغان يەردىن ئېغىر كېسەل بولۇپ قالىدۇ! نۇرغۇن راك كېسەللىكى بىمارى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغاندا ئاندىن دوختۇرخانىغا بارىدۇ، بۇ ۋاقىتتا راك كېسەللېكىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكى، ئەڭ ياخشى داۋالاش ۋاقتىنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقى ئېنىقلىنىدۇ، دوختۇرغىمۇ ئامال يوق.

توغرا ئۇسۇل:

ساغلام كىشىلەر توپى ھەر يىلى قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتىدۇ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان جەمەت تارىخى، خەتەرلىك ئامىللار بار كىشىلەر توپى ھەر يىلى قەرەللىك ھالدا قاراتمىلىق ھالدا تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، 40 ياشتىن ئاشقانلار، ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپىنى قەرەللىك ھالدا ئاشقازانغا ئەينەك سېلىپ تەكشۈرۈش، 45 ياشتىن يۇقىرى، ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپى قەرەللىك ھالدا ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرتۈشى كېرەك. 20 نەچچە ياشلىق ياشلارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى ئىلغاپ تەكشۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك، 25 ياشتىن يۇقىرى ئاياللار قەرەللىك ھالدا سۈت بېزى رەڭلىك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئاپپاراتىدا تەكشۈرتۈشى كېرەك، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ ياشايدىغان ئاياللار، قەرەللىك ھالدا TCT ۋە HPV تەكشۈرۈتۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز؛ 40-50 ياشقىچە بولغان كىشىلەرنىڭ ھەر يىلى قەرەللىك ھالدا يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى تەكشۈرتۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى