ساغلاملىق

ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش دورىلىرى راستىنلا ھەقسىز تارقىتىلامدۇ؟

جۇڭگودا ئ‍ەيدىز ۋىرۇسىنى داۋالاش ھەقسىز، بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولسا ئ‍ەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسى مۇسبەت بولۇشى كېرەك. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئادەتتىكى ئۆزىنى تەكشۈرۈش ياكى دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇسبەتلىككە ھۆكۈم قىلىنغان، ئەمما ئەيدىز كېسىلىنى دەلىللەش تەجرىبىخانىسى تارقاتقان كېسەللىك دوكلاتى بولمىسا، دۆلەت تەمىنلىگەن ۋىرۇسقا قارشى ھەقسىز دورىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ.

ئ‍ەيدىز ۋىرۇسىنى ھەقسىز داۋالاش سىياسىتى «تۆتنى كەچۈرۈم قىلىش، بىردە غەمخورلۇق قىلىش» سىياسىتى بولۇپ، بۇ نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتىكى كۈچلۈك سىياسەت تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ. «تۆتنى كەچۈرۈم قىلىش، بىردە غەمخورلۇق قىلىش»تىكى «تۆتنى كەچۈرۈم قىلىش»نىڭ ئىچىدىكى بىر نوقتا: يېزا ئاھالىلىرى ۋە شەھەر-بازارلاردىكى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمىگە قاتناشمىغان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر ئىچىدىكى ئەيدىز بىمارلىرى يەرلىك سەھىيە تارماقلىرى بېكىتكەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ياكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر رايونى (بۆلۈمى) تەسىس قىلىنغان ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلارغا بېرىپ، ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ھەقسىز ئىستېمال قىلىپ، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش دورىلىرى راستىنلا ھەقسىز تارقىتىلامدۇ؟

گەرچە بۇ يەردە ھەقسىز داۋالاشنى قوبۇل قىلىدىغانلار بىر قىسىم ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پەقەت بەلگىلىك شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئ‍ەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن دورا ئىچىشنى ئىلتىماس قىلسا، ئاساسىي جەھەتتىن بۇ سىياسەتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. بۇ يەردىكى «مۇئەييەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىش» دېگىنىمىز CD4 لىمفا ھۈجەيرىسىنىڭ سانى (ئ‍ەيدىز ۋىرۇسى ئاساسلىق ھۇجۇم قىلىدىغان ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسى بولۇپ، سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدەن ئىممۇنىتېت ئەھۋالىنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا ۋاسىتىلىك باھا بېرەلەيدۇ، سانى قانچە ئاز بولسا، ئىممۇنىتېت ئەھۋالىنىڭ شۇنچە ناچارلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ)نى كۆرسىتىدۇ. يۇقۇملانغۇچىلار خالىسىلا بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا بېرىپ ۋىرۇسقا قارشى ھەقسىز داۋالىنىدۇ.

يۇقۇملانغۇچىلار ھەقسىز داۋالانسا، ئادەتتە تۆۋەندىكى تەرتىپلەردىن ئۆتىدۇ:

1. كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى ياكى مۇنتىزىم ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدا ئ‍ەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئەيدىز كېسىلىنى دەلىللەش تەجرىبىخانىسى تارقاتقان دوكلاتقا ئېرىشىش؛

2. ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايدىكى كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىگە بېرىپ CD4نى تەكشۈرۈش، كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى يېزىپ بەرگەن دورا ئىچىش، يۆتكەش تالونىنى ئ‍ېلىش؛

3. بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرىدىغان دوختۇرنى تېپىش؛

4. كېسەل كۆرگەن دوختۇر ئاددىي بولغان سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق يۇقۇملانغۇچىنىڭ جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلەش، دورا ئىچىش چەكلىنىدىغان كېسەللىكلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن دورا تەييارلاش ئىلتىماسى سۇنۇش كېرەك.

5. يۇقىرىدىكى باسقۇچلارنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئادەتتە بىر ھەپتە ئەتراپىدا دورا ئالغىلى بولىدۇ، ئەگەر دورا قىس بولغاندا كۆپرەك ۋاقىت ساقلاش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى