exFAT ھۆججەت سىستېمىسىنى بىلەمسىز
بۇ دەرستىكى ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:
ھۆججەت تەقسىملەش جەدۋىلى- 文件分配表
ھۆججەت سىستېمىسى- 文件系统
ئۆزەكلىك ساقلىغۇچ- 闪存
سالونىمىزدا ئېلان قىلىنغان بارماقدېسكىدىن WinPE قوزغاتقۇچ دېسكىسى ياساش ھەققىدىكى تېمىدا بىز بارماقدېسكىنىڭ ھۆججەت فورماتى FAT32 بولسا سىغىمى 4GB دىن چوڭ بولغان يەككە ھۆججەتنى قاچىلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى دېگەن. قىسمەن ئوقۇرمەنلىرىمىز بۇنى چۈشىنەلمەي قالغان ئوخشايدۇ: بۇ دېگەنلىك- بارماقدېسكىغا 4GB لا ھۆججەت قاچىلىغىلى بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى، يەككە (بىر دانە) سىغىمى 4GB دىن چوڭ بولغان ھۆججەتنى كۆچۈرگىلى بولمايدۇ، يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى بەزى ئۇزۇنراق كىنو، يەنە بەزى گوست زاپاس ھۆججىتى (*.gho) قاتارلىقلارنىڭ سىغىمى 4 گېگابايتتىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ مەسىلىنى گەرچە NTFS ھۆججەت سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ ھەل قىلغىلى بولسىمۇ، ئەمما كۆپ قىسىم كونىراق يانفون ۋە تېلېۋىزورلار NTFS فورماتىدىكى بارماقدېسكىنى نورمال تونۇمايدۇ (Android6.1 دىن باشلاپ نورمال تونۇۋاتىدۇ).
بۈگۈنكى دەرسىمىزدە بۇ مەسىلىنى ئەپچىل ھەل قىلىدىغان بىر ئۇسۇلنى، يەنى، exFAT ھۆججەت سىستېمىسىنى تونۇشتۇرۇشنى ئويلاپ قالدىم.
ئەمىسە قۇرۇق گەپ باشلاندى:
exFAT ھۆججەت سىستېمىسى Extended File Allocation Table File System يەنى «كېڭەيتىلگەن ھۆججەت تەقسىملەش جەدۋىلى» دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى. مىكرو سوفت شىركىتى FAT32 نىڭ يەككە ھۆججەتنىڭ سىغىم چەكلىمىسى 4GB بولۇشتەك كەمچىلېكىنى تۈزىتىش، شۇنداقلا، NTFS ھۆججەت سىستېمىسىنىڭ بارماقدېسكا قاتارلىق نىسبەتەن تۆۋەن سىغىملىق ئۆزەكلىك ساقلىغۇچلارنىڭ بوشلۇقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئېلان قىلغان مەخسۇس ئۆزەكلىك ساقلىغۇچقا چىقىرىلغان ھۆججەت تەقسىملەش سىستېمىسى بولۇپ، يەنە FAT64 دەپمۇ ئاتىلىدۇ. exFAT ھۆججەت سىستېمىسى ئۆزەكلىك ساقلىغۇچ، مەسىلەن، بارماقدېسكا، SD/TF كارتا، ھەرخىل يۆتكەلمە قويغۇچ ئۈسكۈنىلىرىگە ماس كېلىدىغان بولۇپ، ئۆزەكلىك ساقلىغۇچنىڭ ئوقۇش- يېزىش سۈرئىتى ۋە ئىشلىتىلىش ئۆمرى قاتارلىقلارغا نىسبەتەنمۇ مۇئەييەن ئەھمىيىتى بار. ئەمما، قاتتىق دېسكىنى بۇ ھۆججەت سىستېمىسىدا ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
بارماقدېسكىنى exFAT شەكلىدە فورماتلاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بارلىق سانلىق مەلۇماتلىرىڭىزنى كومپيوتېرغا زاپاسلاپ قويۇڭ، فورماتلاپ بولۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.
«كومپيوتېرىم» 【计算机】 كۆزنىكى ئىچىدە بارماقدېسكىنى ئوڭ چېكىپ، چىققان تىزىملىكتىن «فورماتلاش» 【格式化】 بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىمىز.
فورماتلاش دىئالوگ رامكىسى ئېچىلغاندىن كېيىن، رەسىمدىكىدەك تاللاپ، «باشلاش» 【开始】 نى باسسىڭىزلا بولىدۇ. بايا كومپيوتېرغا زاپاسلىغان ھۆججەتلىرىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، OTG سىم ئارقىلىق يانفونغا چاتسىڭىز نورمال تونۇغانلىقىنى كۆرىسىز.
بۇ بارماقدېسكىنى كومپيوتېردا ئىشلەتسىڭىز نۇرغۇن ھۆججەتنى بىرلا ۋاقىتتا كۆچۈرگەندە ئوقۇش- يېزىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك تېزلەشكەنلېكىنى بايقايسىز. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، exFAT ھۆججەت سىستېمىسىنى ئالما، ئاندىرويىد لىناكىس سىستېمىلىرى نورمال تونۇغاندىن باشقا، يەككە ھۆججەت سىغىمىغا بولغان چەكلىمىسىنىمۇ چەكسىز دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى