كومپيوتېر

Powerpoint قاچىلانمىغان كومپيوتېردا ppt ھۆججىتىنى قويۇش

Powerpoint تا مىڭبىر مۇشەققەتتە تەييار قىلغان ئورىگىنالنى سىنىپقا ئەكىرىپ ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسەتمەكچى بولغىنىمىزدا، سىنىپتىكى كومپيوتېردا كاشىلا كۆرۈلۈپ powerpoint نورمال قوزغىلالمىدى. بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىمىز؟

تەييارلىغان PPT ھۆججىتىنى ئېلىپ، ئالدىراش يىغىن زالىغا كىرىپ قارىساق، زالدىكى كومپيوتېرغا Powerpoint قاچىلانمىغان، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىمىز؟

 

Powerpoint قاچىلانمىغان كومپيوتېردا ppt ھۆججىتىنى قويۇش-1

ئەمىسە تۆۋەندىكىلەرگە نەزەر سېلىڭ:

ئاۋۋال ppt ھۆججىتىنى powerpoint تا ئېچىپ، باشقا ساقلاش (另存为)بۇيرۇقى ئارقىلىق باشقا ساقلاش كۆزنىكىنى ئاچىمىز.

 Powerpoint قاچىلانمىغان كومپيوتېردا ppt ھۆججىتىنى قويۇش-2

ئاستىدىكى ساقلاش تىپى (保存类型) دېگەن يەردىن powerpoint放映 دېگەن تۈرنى تاللاپ، ئاندىن ساقلىسىڭىز، بۇ ھۆججەتنى powerpoint قاچىلانمىغان كومپيوتېردىمۇ نورمال كۆرسىتەلەيسىز.

Powerpoint قاچىلانمىغان كومپيوتېردا ppt ھۆججىتىنى قويۇش-3

بۇ مەشغۇلاتتا، ppt قويغۇچنىمۇ ھۆججەتكە پىرىسلاپ بىللە ساقلايدىغان بولغاچقا، باشقا كومپيوتېردا قويۇشتا ئانا پروگراممىغا موھتاج بولمايدۇ. لېكىن، پەقەت قويغىلى بولىدۇ، تەھرىرلىمەكچى بولساق چوقۇم Powerpoint قاچىلانغان كومپيوتېردا تەھرىرلىشىمىز كېرەك.

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى