بارماقدېسكىنى چەكلەش ئۇسۇلى
بارماقدېسكا چاققان، ئەپچىللىكى ۋە ئىشلىتىشكە ۋەھشەت قولايلىقلىقى بىلەن، ھەممىمىزنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، ساقلاش قورالىمىزغا ئايلىنىپ قالدى. خىزمەت ۋە تۇرمۇشىمىزغا قولايلىق يارىتىش بىلەن بىرگە، مۇشۇ بارماقدېسكا يەنە نۇرغۇن ۋىرۇسلارنىڭ تارقىلىش يولى.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، كومپيوتېرىمىزنى ھەمىشە پەقەت ئۆزىمىزلا ئىشلىتىمىز دەپ كېتەلمەيمىز، ئەتراپىمىزدىكىلەر بارماقدېسكا ئۇلاپ، كېلىش مەنبەسى نامەلۇم ھۆججەتلەرنى ئىجرا قىلىدۇ، بۇنداق ۋاقىتلاردا يۈز ئاياپ بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا بارماقدېسكىنى چەكلىۋەتكىلى بولسا دەپ ئويلاپ قالىمىز.
گەرچە ئۈسكۈنە باشقۇرغۇچ (设备管理器) دىن USB ئېغىزنى چەكلىۋەتكىلى بولسىمۇ، ئەمما بىرىنچىدىن، بۇنى ئاساسەن ھەممە ئادەم بىلىدۇ، ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئىشلىتىۋېتىدۇ، ئىككىنچىدىن، پرىنتېر قاتارلىق بارلىق USB ئۈسكۈنىسى نورمال خىزمەت قىلالمايدۇ.
بۈگۈنكى تونۇشتۇرماقچى بولغان ماھارەتتە، پەقەت بارماقدېسكىنىلا چەكلەپ، باشقا USB ئۈسكۈنىلىرى نورمال خىزمەت قىلىدىغان قىلغىلى بولىدۇ.
ئەمىسە قۇرۇق گەپ باشلاندى!
1. «باشلاش»تىزىملىكىدىن «ئىجرا» 【运行】 نى باسساق، ياكى Ctrl+R بىرىكمە كونۇپكىسىنى باسساق، بۇيرۇق يازىدىغان ئىجرا رامكىسى ئېچىلىدۇ:
2. بۇنىڭغا regedit دەپ يېزىپ جەزملەشتۈرسەك، تىزىملاش جەدۋىلى تەھرىرلىگۈچ كۆزنىكى ئېچىلىدۇ.
3. تۆۋەندىكى يول بويىچە ئىچكىرىلەپ كىرىمىز:
HKEY_LOCAL_MACHINE\SYSTEM\CurrentControlSet\Services\USBSTOR
ئاندىن ئوڭ تەرەپتىن start دېگەن تۈرنى تاپىمىز.
4. ئوڭ تەرەپتىكى start دېگەن تۈرنى قوش چېكىپ، بۇنىڭ Dword قىممىتىنى تەھرىرلەش ھالىتىگە كىرىمىز ۋە «سانلىق قىممەت» 【数据数值】 رامكىسىدىكى 3 دېگەن ساننى 4 كە ئۆزگەرتىپ، جەزملەپ قايتىپ چىقىمىز.
بۇ چاغدا كومپيوتېر ھېچقانداق بارماقدېسكىنى تونۇمايدۇ، لېكىن باشقا USB ئۈسكۈنىلىرى نورمال خىزمەت قىلىدۇ.
ئۇنداقتا، ئۆزىمىز بارماقدېسكا ئىشلەتمەكچى بولساق قانداق قىلىمىز؟
بايامقى ئۇسۇل بويىچە، ھېلىقى start نىڭ Dword قىممىتىنى 3 كە ئۆزگەرتىپ قويساق بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئۇسۇل ئىنتايىن ئاۋارىچىلىق. لېكىن، تىزىملاش جەدۋىلىنىڭ ھۆججەتكە چىقىرىش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ، ئاددىيلاشتۇرىمىز. ئەمىسە، تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ:
ئۈچىنچى باسقۇچتىكى ھالەتتە يەنى، start نىڭ قىممىتىنى ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇن (بارماقدېسكىنى نورمال تونۇيدىغان چاغدا) ئاشۇ start نى تاللاپ تۇرۇپ، 文件 تىزىملىكىدىن 导出 بۇيرۇقىنى باسىمىز.
ھۆججەتنى ساقلاش رامكىسى ئېچىلىدۇ.
ھۆججەت نامىغا «بارماقدېسكا ئوچۇق» 【USB开】 دەپ يېزىپ، مەلۇم ئورۇنغا ساقلاپ قويىمىز. كېڭەيتىلگەن نامى reg بولغان بىر ھۆججەت قۇرۇلىدۇ. ئاندىن تۆتىنچى باسقۇچتىكى مەشغۇلات بويىچە، start نىڭ Dword دېگەن خاسلىقىنىڭ قىممىتىنى 4 كە ئۆزگەرتىپ جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە بۇنى ھۆججەتكە چىقىرىپ ساقلايمىز، ھۆججەت نامىنى USB关 دەپ قويساق بولىدۇ.
كېيىنكى قېتىمدا بارماقدېسكىنى چەكلىمەكچى بولساق USB关 نى، ئاچماقچى بولساق USB开 نى ئىجرا قىلساقلا بولىدۇ.
بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى