كومپيوتېرغا قوش سىستېما قاچىلاش-Windows7 ۋە Windows10
بىلىسىلەر، يېقىندىن بېرى VMware بىلەن تۇتۇشۇپ قالدىم. مەۋھۇم كومپيوتېرنى قانچىلىك بۇزساقمۇ بەرىبىر دادىمىز تىللىمىغاندىكىن قورقماي بۇزۇپ باقمامدۇق!؟ بۈگۈن دەل مەۋھۇم كومپيوتېرغا Win7 بىلەن Win10 نى قوش سىستېما قىلىپ قاچىلاشنى تەجرىبە قىلىدىغان كۈن!
بەزى دوستلار ئالدىنقى قېتىم يوللانغان «مەۋھۇم كومپيوتېرنى قاچىلاش ۋە تەڭشەش» دېگەن دەرسنىڭ ئاخىرى يوللانسا دەپ ئۇچۇر قىلدى، ئازراق چۈشىنىكسىزلىك بار. ئەسلىدە مەۋھۇم كومپيوتېر قۇرۇۋالغاندىن كېيىن، رايونغا بۆلۈش ۋە سىستېما قاچىلاش باسقۇچىغا ئۆتۈپ كەتتۇق دېگەن گەپ، سالوندا بۇ ھەقتە تېما يوللانغان ئىدى. بۈگۈن ئېنىقسىز نۇقتىلارغا گەپ قىستۇرغاچ ئۆتۈپ كېتىمىز.
بۈگۈن سەل ئالدىراۋاتىمەن، شۇڭا قۇرۇق گەپنى ئاز قىلايلى، باشلامدۇق؟
تەييارلىق: Windows7 ۋە Windows10 لارنىڭ ئوپتىك دېسكا زاپاس ھۆججىتى (*.iso ھۆججىتى)، Vmware يۇمشاق دېتالى ۋە ئۇنى ئىشلىتىپ قۇرغان Windows7 مەۋھۇم كومپيوتېرى، WinPE قوزغاتقۇچ.
مەشغۇلات باسقۇچى:
1. سىستېما قاچىلاشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق (ئەگەر ھەقىقىي كومپيوتېرغا قوش سىستېما قاچىلىماقچى بولسىڭىز، بۇ تەييارلىق باسقۇچىدىن ئاتلاپ كېتىڭ).
1) بىز قوش سىستېما قاچىلىماقچى بولغىنىمىز ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تەييار قىلىۋالغان ئىككى دانە سىستېما iso ھۆججىتىنى مەۋھۇم ئوپتىك دېسكا ھالىتىدە مەۋھۇم كومپيوتېرغا تونۇتۇۋالىمىز: VMware نى قوزغىتىپ، مەۋھۇم كومپيوتېر Windows7 نى تاللاپ، ئاندىن 【编辑虚拟机设置】نى باسساق، كومپيوتېرنىڭ سەپلىمىسىنى تەڭشەش يۈزى- 虚拟机设置 كۆزنىكى ئېچىلىدۇ.
2) «مەۋھۇم كومپيوتېرنى تەڭشەش» 【虚拟机设置】كۆزنىكىدىن CD/DVD ئۈسكۈنىسىنى چەكسەك، ئوڭ تەرەپتە ئۈسكۈنە ھالىتى (设备状态) كۆرۈنىدۇ.
3) بۇ يەردىن «iso ھۆججىتىنى ئىشلىتىش» 【使用iso镜像文件】 نى تاللاپ، ئاندىن «كۆز يۈگۈرتۈش» 【浏览】كونۇپكىسىنى بېسىپ، Windows7 نىڭ ئوپتىك دېسكا زاپاس ھۆججىتى (*.iso) نى كۆرسىتىپ بېرىمىز.
ئەمدى Windows10 نىڭ iso ھۆججىتىنى تونۇتۇش ئۈچۈن، مەۋھۇم ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچتىن بىرنى قوشىمىز:
4) باش كۆزنەكتىن 【编辑虚拟机设置】نى بېسىپ،مەۋھۇم كومپيوتېرنىڭ سەپلىمىسىنى تەڭشەش虚拟机设置 كۆزنىكىنى ئاچىمىز.
بۇ يەردىن «قوشۇش» 【添加】كونۇپكىسىنى باسىمىز.
5) مەۋھۇم ئۈسكۈنە قوشۇش يېتەكچى رامكىسى ئېچىلىدۇ. CD/DVD驱动器 نى تاللاپ كېيىنكى قەدەم.
6) بۇ يەردىن «ئوپتىك دېسكا زاپاس ھۆججىتى (iso) نى ئىشلىتىش» 【使用iso镜像】 نى تاللاپ كېيىنكى قەدەمگە ئۆتىمىز.
7) 【iso镜像】 رامكىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى 【浏览】 نى بېسىپ، Windows10 نىڭ iso ھۆججىتىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، «تاماملاش» 【完成】 نى باسىمىز.
نەتىجىدە ئىككى دانە ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچ قۇرۇلدى ۋە ئىككى دانە iso ھۆججىتى مەۋھۇم كومپيوتېرغا تونۇتۇلۇپ تەييار بولدى.
ئەمدى مەۋھۇم كومپيوتېردا CMOS قا كىرىپ، ئوپتىك دېسكىدىن قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەپ، ئوپتىك دېسكا ئارقىلىق WinPE نى قوزغىتىپ، سىستېما قاچىلاشنى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ.
ناۋادا بارماقدېسكىدىن قاچىلىماقچى بولساق، يەنى WinPE نى بارماقدېسكىدىن يېتەكلىمەكچى بولساق قانداق قىلىمىز؟
8) WinPE قوزغاتقۇچ بارماقدېسكىنى كومپيوتېرغا ئۇلاپ، 4)- باسقۇچتىكى مەشغۇلاتنى تەكرارلاپ، مەۋھۇم ئۈسكۈنە قوشۇش يېتەكچىسىنى ئاچىمىز. ئاندىن «قاتتىق دېسكا» 【硬盘】 نى تاللاپ كېيىنكى قەدەم.
9) رەسىمدىكىدەك تاللاپ (فىزىكىلىق قوزغاتقۇچنى مەۋھۇم كومپيوتېردا ئىشلىتىش) كېيىنكى قەدەم.
10) «ئۈسكۈنە» 【设备】 دىن«فىزىكىلىق قوزغاتقۇچ-1» 【PhysicalDrive1】 نى تاللايمىز، دىققەت: بۇ يەردىكى نۆلىنچى قوزغاتقۇچ باش ئاپپاراتتىكى ئاساسىي قاتتىق دېسكىنى كۆرسىتىدۇ، بارماقدېسكىدىن بىرقانچىسى ئۇلانغان ياكى قوشۇمچە قاتتىق دېسكا ئۇلانغان ئەھۋالدا بۇ يەردىن تاللايدىغىنىمىزمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن.
11) «تاماملاش» 【完成】 نى باسساق، بارماقدېسكا مەۋھۇم كومپيوتېرغا ئىككىنچى قاتتىق دېسكا ھالىتىدە ئۇلىنىدۇ.
2. تەڭشەش تاماملاندى، ئەمدى WinPE ئارقىلىق كومپيوتېرنى قوزغىتىپ، Win7 نى قاچىلايمىز.
1) CMOS قوزغىلىش تىزىملېكىنى تەڭشەش ئۈچۈن «مەۋھۇم كومپيوتېر» 【虚拟机】تىزىملىكىدىن «توك مەنبە» 【电源】 تارماق تىزىملىكى ئىچىدىكى «BIOS تەڭشىكىنى قوزغىتىش» 【启动到BIOS设置】 نى باسىمىز.
مەۋھۇم كومپيوتېر CMOS قاكىرىدۇ:
2) ئادەتتىكى كومپيوتېرنى تەڭشىگەندەك، بارماقدېسكىدىن ياكى ئوپتىك دېسكىدىن (WinPE قوزغاتقۇچ) قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەپ، F10 نى بېسىپ ساقلاپ چېكىنسەك، مەۋھۇم كومپيوتېر قايتىدىن قوزغىلىپ، WinPE قوزغىتىش تىزىملىكىگە كىرىدۇ.
بۇنىڭدىن WinPE نى تاللاپ قوزغىتىمىز. قوزغالغاندىن كېيىنكى ئۈستەل يۈزى:
3) DiskGenius نى ئىجراقىلىپ، قاتتىق دېسكىنى رايونغا ئايرىۋالىمىز. رايونغا ئايرىش دەرسلىكى: بۇ يەرنى بېسىڭ.
4) ئاندىن【手动运行Ghost】نى قوش چېكىپ، Ghost پروگراممىسىنى قوزغىتىمىز.
【OK】نى بېسىپ، ئاستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلىمىز.
5) چىققان كۆز يۈگۈرتۈش رامكىسىدىن Win7 نىڭ iso ھۆججىتى قاچىلانغان مەۋھۇم ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچنى تاللاپ جەزملەشتۈرىمىز.
6) ئوپتىك دېسكا ئىچىدىكى ھۆججەتلەر كۆرۈنگەندىن كېيىن، كېڭەيتىلگەن نامى gho بولغان سىستېما زاپاس ھۆججىتىنى ئىزەپ تاپىمىز. ھۆججەت نامى Windwos.gho ياكى system.gho دېگەندەك بولۇشى مۇمكىن (ئىشلەتكەن iso ھۆججىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ پەرقلىنىشى مۇمكىن). باش مۇندەرىجىدە HD-4.gho دېگەن كىچىك سىغىملىق بىر ھۆججەت بار بولۇپ، بۇنى تاللاشقا بولمايدۇ، ھۆججەت سىغىمىغا دىققەت قىلىڭ. سىستېما زاپاس ھۆججىتى ئادەتتە 2GB دىن چوڭراق بولىدۇ. ئەگەر بۇ يەردە كۆرۈنمىسە، Windows ياكى system قىسقۇچىنىڭ ئىچىگە قاراپ بېقىڭ.
7) سىستېما زاپاس ھۆججىتىنى تاللاپ 【open】 نى باسساق بىر ئۇچۇر رامكىسى چىقىدۇ، «جەزملەش» OK نى باسىمىز.
بىرىنچى قاتتىق دېسكىنىڭ بىرىنچى رايونىنى (primary تىپلىق دېسكىنىڭ partition1 نى) تاللاپ جەزملەشتۈرىمىز.
8) بىر ئۇچۇر رامكىسى چىقىپ جەزملەشتۈرۈشنى سورايدۇ، OK نى بېسىپ جەزملەشتۈرىمىز.
Windows7 نىڭ سىستېما زاپاس ھۆججىتى Windows.gho نى قاتتىق دېسكىنىڭ بىرىنچى رايونىغا يېشىۋاتىدۇ.
9) يېشىپ بولغاندىن كېيىن قايتا قوزغىلىپ، Windows7 نى قاچىلايدۇ.
10) قاچىلاش تاماملانغاندىن كېيىن، Windows7 قوزغىلىپ، ئۈستەل يۈزىگە كىرىدۇ.
11) بارماقدېسكا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئۈسكۈنىلەرنى بۇ سىستېمىغا تونۇتماقچى بولساق، Vmware نىڭ تىزىملىكىدە تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىمىز:
3. ئەمدى Windows10 نى قاچىلاپ، قوش سىستېما قىلايلى!
1) كومپيوتېرنى قايتىدىن قوزغىتىپ WinPE غا كىرىمىز ۋە بۇ قېتىم Ghost پروگراممىسى ئارقىلىق Win10 نىڭ سىستېما زاپاس ھۆججىتىنى D رايونغا قاچىلايمىز. Ghost نى ئىشلىتىشكە پىششىق بولمىسىڭىز، بارماقدېسكىنى تارتىۋېتىپ مەشغۇلات قىلىڭ، خاتا تاللاپ قويسىڭىز سىستېمىنى بارماقدېسكىغا قاچىلىۋالىدىغان ئىش چىقىدۇ. Win10 قاچىلاشنىڭ مەشغۇلات باسقۇچى يۇقىرىدا Win7 نى قاچىلىغىنىمىز بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. ئوخشىمايدىغان يېرى ئىككى: 5)- باسقۇچتا تاللىغان Win7 نىڭ iso مەۋھۇم ئوپتىك دېسكىسىنىڭ ئورنىغا Win10 نىڭكىنى تاللاپ بېرىمىز ۋە 7)- باسقۇچتا تاللىغان C رايون (يەنى Part1) نىڭ ئورنىغا D رايوننى (يەنى Part2) نى تاللاپ بېرىمىز.
2) gho ھۆججىتى D رايونغا يېشىلىپ بولغاندىن كېيىن، كومپيوتېرنى قايتا قوزغاتماي تۇرۇپ 引导修复 پروگراممىسىنى ئىجرا قىلىمىز. مەن كۆپ قېتىم سىنىغان ئەھۋالدا، ئوپتىك دېسكىدىن قوزغىلىدىغان WinPE لاردا 引导修复 پروگراممىسى Win10 نىڭ يېتەكلەش ھۆججىتىنى ئوڭشاشنى قوللىيالمايدىكەن، شۇڭلاشقا بارماقدېسكىدىن قوزغىلىدىغان، ئىقتىدارى تولۇقراق بولغان WinPE نى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ياكى قاچىلىنىپ بولغان Win7 نى قوزغىتىپ، PE工具箱 نى Win7 غا قاچىلاپ، مۇشۇنى قوزغىتىپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
3) 引导修复 پروگراممىسى ئېچىلغاندىن كېيىن، C رايوننى تاللاپ بېرىمىز.
«ئوڭشاشنى باشلاش» 【开始修复】 نى باسىمىز.
يېتەكلەش ھۆججىتىنى ئوڭشاۋاتىدۇ.
تاماملانغاندىن كېيىن، كومپيوتېرنى قايتىدىن قوزغىتىمىز. قاتتىق دېسكىدىن قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قوزغاتساق، Windows10 ۋە Windows7 نى تاللاپ قوزغىتىش تۈرى قوشۇلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
Windows10 نى تاللاپ قوزغاتساق، بايام يېشىلگەن Win10 قاچىلاش ھۆججىتى ئىجرا بولۇپ، Win10 نى قاچىلاشقا باشلايدۇ.
قاچىلاشقا بىرئاز ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ جەرياندا بىر نەچچە قېتىم قايتا قوزغىلىشى مۇمكىن، ھەر قېتىم قايتا قوزغالغاندا قوزغىلىش سىستېما تىزىملىكىدىن Windows10 نى تاللايمىز. قاچىلاش تاماملانغاندىن كېيىن Windows10 نىڭ ئۈستەل يۈزى ئېچىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن، كومپيوتېرغا قوش سىستېما قاچىلاشنى تاماملىدۇق. WinXP، Win7/8/10 لارنى مۇشۇ ئۇسۇلدا خالىغانچە كۆپ سىستېما قىلىپ قاچىلىغىلى بولىدۇ.
بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى