كومپيوتېر

مەۋھۇم كومپيوتېرنى قاچىلاش ۋە تەڭشەش

قاتتىق دېسكىنى رايونغا ئايرىش، سىستېما قاچىلاشنى ئۆگەنگۈچىلەر ۋە كۆپ سىستېما ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن مەۋھۇم كومپيوتېر يۇمشاق دېتالى VMware نى ۋە ئىشلىتىش دەرسلېكىنى ئېلىپ كەلدۇق. بۇ يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ، كومپيوتېرىمىزدا بىر ياكى بىر قانچە مەۋھۇم كومپيوتېر قۇرغىلى بولىدۇ ھەمدە مەۋھۇم كومپيوتېرغا قاتتىق دېتال پارامېتىرلىرىنى تەڭشەش، قاتتىق دېسكىنى رايونغا ئايرىش، فورماتلاش، سىستېما قاچىلاش، ھەتتا كۆپ سىستېما قاچىلاش مەشغۇلاتلىرىنى يۈرگۈزگىلى بولىدۇ. ئۇنداق بولسا تېمىنى چەمبىرەككە چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن دەرسكە نەزەر سالايلى.

چۈشەنچە: مەۋھۇم كومپيوتېر قانداق نەرسە؟ 

 

كومپيوتېرىمىزنىڭ زاپاس سەپلىمە بايلىقلىرىنى ئىشلىتىپ تەقلىدىي كومپيوتېر قۇرۇپ، بۇ كومپيوتېردا قاتتىق دېسكىنى رايونغا بۆلۈش ۋە سىستېما قاچىلاشقا، ھەتتا قاچىلانغان سىستېمىغا ھەقىقىي كومپيوتېرنىڭ بارلىق يۇمشاق دېتاللىرىنى قاچىلاپ مەۋھۇم ھالەتتە سىناشقا، ئەمەلىي ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇ كومپيوتېر مەۋھۇم بولسىمۇ، ئۇنىڭغا سىستېما قاچىلاش ۋە مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلاتلار مەۋھۇم مۇھىتتا ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ كومپيوتېرنى بۇزۇشنى ئۆگىنىشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. VMware نى چۈشۈرۈش

چۈشۈرۈش ئادرېسى: www.pc.qq.com غا كىرىپ، ئىزدەش رامكىسىغا VMware دەپ يېزىپ ئىزدەپ، رەسىمدىكى كۆرسەتمە بويىچە چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.

 

مەۋھۇم كومپيوتېرنى قاچىلاش ۋە تەڭشەش-1

460 نەچچە مېگابايت ئەتراپىدا بىر تال پىرىسلانغان ھۆججەت چۈشىدۇ.

2. قاچىلاش

بۇ ھۆججەتنى ئوڭ چېكىپ، تىزىملىكتىن «نۆۋەتتىكى قىسقۇچقا يېشىش» 【解压当前文件夹】 نى چېكىمىز.

 

مەۋھۇم كومپيوتېرنى قاچىلاش ۋە تەڭشەش-2

يېشىلگەن مۇندەرىجىگە كىرىپ، قاچىلاش ھۆججىتىنى قوش چەكسەك، قاچىلاش يېتەكچىسى قوزغىلىدۇ. «كېيىنكى قەدەم» 【Next】 نى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز. قاچىلاش شەكلىنى تاللايدىغان باسقۇچقا كەلگەندە Typical نى تاللاپ داۋاملاشتۇرىمىز.

 

مەۋھۇم كومپيوتېرنى قاچىلاش ۋە تەڭشەش-3

باشقا تاللاش تۈرلىرىگە چېقىلماي داۋاملاشتۇرساق، بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن قاچىلاش تاماملىنىدۇ ۋە تىزىملاش كۆزنىكى چىقىدۇ (ئەگەر تىزىملاش كۆزنىكى چىقماي ئاياغلاشسا بۇ باسقۇچتىن ئاتلاپ كەتسىڭىز بولىدۇ).

 

مەۋھۇم كومپيوتېرنى قاچىلاش ۋە تەڭشەش-4

بايا پرىستىن يەشكەن قىسقۇچقا قارىساق، keygen ياكى 注册机 دېگەن خەت بار تارماق قىسقۇچنى كۆرىمىز، ئۇنى ئېچىپ، ئىچىدىكى ھۆججەتنى ئىجرا قىلساق، بىر گۇرۇپپا تىزىملاش تەرتىپ نومۇرى (Serial) چىقىرىپ بېرىدۇ. ئۇنى كۆچۈرۈۋېلىپ، VMware نىڭ تىزىملاش كۆزنىكىدىكى رامكىغا چاپلايمىز ۋە Enter نى بېسىپ قاچىلاشنى داۋاملاشتۇرىمىز. تاماملانغاندىن كېيىن ئۈستەل يۈزىدە VMware Workstation ناملىق سىنبەلگە پەيدا بولىدۇ.

3. خەنزۇچىلاشتۇرۇش

ئەسلى نەشرى ئېنگلىزچە بولغاچقا، خەنزۇچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىمىز (ئېنگلىزچە ئىشلىتىۋېرىشنى خالىسىڭىز بۇ باسقۇچتىن ئاتلاپ كېتىڭ): VMware نى چۈشۈرۈپ پىرىستىن يەشكەن قىسقۇچقا قارىساق VMware Workstation完美汉化补丁 دېگەن بىر پىرىسلانغان ھۆججەت بار. ئىچىدىكى بارلىق ھۆججەتنى تاللاپ ئوڭ چېكىپ، «كۆرسەتكەن مۇندەرىجىگە يېشىش» 【解压到指定的文件夹】 نى باسىمىز.

 

مەۋھۇم كومپيوتېرنى قاچىلاش ۋە تەڭشەش-5

ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق ھۆججەتنى VMware قاچىلانغان مۇندەرىجىگە يېشىمىز (سىستېمىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ، قاچىلانغان مۇندەرىجىدىمۇ پەرق بولۇشى مۇمكىن، دىققەت قىلىڭ).

 C:\Program Files(x86)\VMware\VMware Workstation

 

مەۋھۇم كومپيوتېرنى قاچىلاش ۋە تەڭشەش-6

 ئەگەر «بۇنداق ھۆججەت بار، قاپلىۋېتەمسىز» دەپ ئۇچۇر كۆرۈنسە قوشۇلۇشنى بېسىپ قاپلىۋەتسەك بولىدۇ.

 

مەۋھۇم كومپيوتېرنى قاچىلاش ۋە تەڭشەش-7

دىققەت، ئەگەر پىرىستىن يېشىش باسقۇچىدا خاتالىق ئۇچۇرى چىقىپ يېشىلمىسە، ئاۋۋال باشقا مۇندەرىجىگە يېشىۋېلىپ، ئاندىن كۆرسىتىلگەن مۇندەرىجىگە قاپلاپ كۆچۈرۈۋېتىڭ ياكى كومپيوتېرىڭىزغا قاچىلانغان پىرىستىن يېشىش يۇمشاق دېتالى (مەسىلەن Winrar) نى باشقۇرغۇچى سالاھىيىتىدە (管理员身份) ئىجرا قىلىپ ئاچسىڭىز بۇنداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ.

كۆچۈرۈش داۋامىدا بەزى ھۆججەتلەر نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ دەپ ئۇچۇر چىقىپ كۆچۈرۈش ئوڭۇشلۇق بولماسلىقى مۇمكىن، شۇنداق بوپقالسا، ctrl+alt+del بىرىكمە كونۇپكىسىنى بېسىپ ۋەزىپە باشقۇرغۇچنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن «جەريان» 【进程】 تۈرىدىن VMware نى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەريانلارنى توختىتىۋېتىپ ئاندىن قايتا كۆچۈرسەك بولىدۇ.

 

مەۋھۇم كومپيوتېرنى قاچىلاش ۋە تەڭشەش-8

4. ئىجرا قىلىش

قاچىلاش تاماملانغاندىن كېيىن، VMware نىڭ ئايكونىنى قوش چېكىپ ئىجرا قىلساق، بىر كېلىشىمگە قوشۇلۇشنى سورايدۇ. قوشۇلۇشنى تاللاپ جەزملىسەك، قوزغىلىپ رەسىمدىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ.

 

مەۋھۇم كومپيوتېرنى قاچىلاش ۋە تەڭشەش-9

 5. مەۋھۇم كومپيوتېر قۇرۇش

كۆزنەكتىن «يېڭى مەۋھۇم ماشىنا قۇرۇش» 【新建虚拟机】 نى چەكسەك ياكى 【文件】 تىزىملىكىدىن 【新的虚拟机】 نى ئىجرا قىلساق، يېڭى مەۋھۇم كومپيوتېر قۇرۇش يېتەكچىسى چىقىدۇ.

 

مەۋھۇم كومپيوتېرنى قاچىلاش ۋە تەڭشەش-10

«ئۆلچەملىك»【标准】 ھالەتنى تاللاپ كېيىنكى قەدەمگە ئۆتىمىز، مەۋھۇم كومپيوتېرغا سىستېما قاچىلايدىغان قوزغاتقۇچ ياكى سىستېما زاپاس ھۆججىتى (*.iso) نى كۆرسىتىشنى سورايدۇ، بۇنىڭدىن «مەشغۇلات سىستېمىسىنى كېيىن قاچىلايمەن» 【以后再安装操作系统】 نى تاللاپ ئۆتۈپ كەتسەك بولىدۇ.

 

مەۋھۇم كومپيوتېرنى قاچىلاش ۋە تەڭشەش-11

قۇرۇلىدىغان مەۋھۇم ماشىنىغا قاچىلىماقچى بولغان مەشغۇلات سىستېمىسىنى تاللاپ بېرىپ، كېيىنكى قەدەمگە ئۆتىمىز.

 

مەۋھۇم كومپيوتېرنى قاچىلاش ۋە تەڭشەش-12

مەۋھۇم كومپيوتېرنىڭ نامى، ساقلىنىدىغان ئورنىنى بېكېتىپ بېرىمىز، ئادەتتە ئۆزى بېكىتكەن بويىچە قويساقمۇ بولىدۇ.

 

مەۋھۇم كومپيوتېرنى قاچىلاش ۋە تەڭشەش-13

كېيىنكى قەدەمدە مەۋھۇم كومپيوتېرنىڭ قاتتىق دېسكىسىغا سىغىم بۆلۈپ بېرىمىز.

 

مەۋھۇم كومپيوتېرنى قاچىلاش ۋە تەڭشەش-14

كېيىنكى قەدەمدە قۇرۇلىدىغان مەۋھۇم كومپيوتېرنىڭ سەپلىمە ئۇچۇرلىرى كۆرۈنىدۇ.

 

مەۋھۇم كومپيوتېرنى قاچىلاش ۋە تەڭشەش-15

قاتتىق دېتال سەپلىمىسىنى سۈكۈتتىكى قىممەت بويىچە بېكىتسەك ياكى 【定制硬件】 نى بېسىپ ئۆزىمىز تاللاپ بەرسەكمۇ بولىدۇ. ئىچكى ساقلىغۇچ، بىرتەرەپ قىلغۇچ قاتارلىق سەپلىمىلەرنى ئۆزگەرتمەكچى بولساق، 【定制硬件】 بېسىلسا رەسىمدىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ.

 

مەۋھۇم كومپيوتېرنى قاچىلاش ۋە تەڭشەش-16

ئاخىرىدا جەزملەشتۈرسەك باش كۆزنەككە قايتىپ، بىز يېڭى قۇرغان مەۋھۇم كومپيوتېر كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ. بۇ يەردىن 【打开此虚拟机电源】بېسىلسا  مەۋھۇم كومپيوتېرنىڭ توك مەنبەسى ئېچىلىدۇ، ئەمما بىز تېخى مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلىمىدۇق.

 

مەۋھۇم كومپيوتېرنى قاچىلاش ۋە تەڭشەش-17

ئەمدى بۇ مەۋھۇم كومپيوتېرغا CMOS نى تەڭشەش، قاتتىق دېسكىنى رايونغا ئايرىش، سىستېما قاچىلاش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى يۈرگۈزسەك بولىدۇ. بۇ مەزمۇنلار كېيىنكى تېمىغا قالدۇرۇلدى، دىققىتىڭىز كېيىنكى مەزمۇنلىرىمىزدا بولسۇن.

 

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى