ساغلاملىق

بەزىلەرنى 68 يىل ھېق تۇتقان! ئادەم زادى نېمىشقا ھېق بولۇپ قالىدۇ؟

ھېق تۇتۇش بەزىدە قىزىقارلىق بىلىنگىنى بىلەن، بەزىدە ئادەمنى بىزار قىلىدۇ، ھەتتا مەيۈسلەندۈرىۋېتىدۇ. ئۇ دائىم سىزگە ئەڭ قولايسىز بولغان ۋاقىتتا كېلىپ سىزنى ئاۋارە قىلىدۇ. ئۇنداقتا ھېق تۇتۇش دېگەن نېمە؟ ھېق تۇتۇشنىڭ قانداق ئىلمىي سەۋەبى بار؟

جىننېس دۇنيا رېكورتى قامۇسىغا ئاساسلانغاندا، ئەڭ ئۇزۇن ھېق تۇتۇش ۋاقتى رېكورتىنى ساقلىغۇچى چارلېس ئوسبورن ئىسىملىك بىر كىشى بولۇپ، ئۇنى توپتوغرا 68 يىل ھېق تۇتقان، يەنى 1922-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە جەمئىي 430 مىليون قېتىم ھېق تۇتقان. يەنە كرىستوفېر سەندس (Christopher Sands)مۇ بار، ئۇنى 2007-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە بولغان 27 ئاي ئىچىدە جەمئىي 10 مىليون قېتىم ھېق تۇتقان، ئوتتۇرا ھېسابتا ھەر ئىككى سېكۈنتتا بىر قېتىم، ھەر كۈنى 12 سائەت ھېق تۇتقان.

ئەل ئارىسىدا ھېق تۇتۇش ھەققىدە مۇنداق قاراش بار: «ھېق تۇتۇش بىرسىنىڭ سىزنىڭ گېپىڭىزنى قىلىۋاتقانلىقى ياكى سىزنى سېغىنغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. سىز پەقەت كاللىڭىزدا بارلىق دوستلىرىنى تىزىپ، ئاشۇ <بالا-قازا تېرىغان> دوستىڭىزنى تاپقان چېغىڭىزدا، ھېق تۇتۇش ئاندىن توختايدۇ.»

ئەمەلىيەتتە، ھېق تۇتۇشنىڭ سەۋەبى ئادەم بەدىنىدىكى توغرا دىئافراگما (diaphragm) بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇ ئۆپكە ۋە ئاشقازاننىڭ ئۈستى تەرىپىگە جايلاشقان چوڭ تىپتىكى مۇسكۇل بولۇپ، نەپەسلىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. يۇقىرىغا قاراپ ھەرىكەت قىلغاندا ھاۋانى ئۆپكىدىن چىقارسا، تۆۋەنگە قاراپ ھەرىكەت قىلغاندا ھاۋا ئۆپكىگە كىرىدۇ. گەرچە بىز ھەر قېتىم نەپەس ئالغاندا «باش قاتۇرۇش»نىڭ ھاجىتى بولمىسىمۇ، ئەگەر بىز خالىساق، نەپەس ئېلىش ۋە نەپەس چىقىرىشقا قوماندانلىق قىلساق بولىدۇ، چوڭ مېڭىمىز توغرا دىئافراگمىغا سىگنال بېرىپ بۇ ھەرىكەتلەرنى ئورۇندايدۇ.

بەزىلەرنى 68 يىل ھېق تۇتقان! ئادەم زادى نېمىشقا ھېق بولۇپ قالىدۇ؟

لېكىن، بەزىدە چوڭ مېڭىمىز توغرا دىئافراگما پەردىسىگە سىگنال بېرىپ، ئۇنى نورمال ئەھۋالغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ھالدا تۆۋەنگە يۆتكىلىشكە مەجبۇرلايدۇ. مۇسكۇللارنىڭ بۇ خىل كۈچلۈك ۋە ئاڭسىز قىسقىرىشى ھاۋانىڭ كېكىردەكنىڭ ئارقا قىسمىغا كىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بېسىمنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن، كېكىردەكنىڭ ئاۋاز پەردىسىگە يېقىن جايدىكى قىسمى تۇيۇقسىز يېپىلىپ، «hic» (ھېق) ئاۋازى پەيدا بولىدۇ.

ھېق تۇتۇشنىڭ پەيدا بولۇشى بىر خىل ئىختىيارسىز رېفلېكس. لېكىن، بىزنىڭ چوڭ مېڭىمىز نېمە ئۈچۈن بۇ خىل رېفلېكس پەيدا قىلىدۇ؟ ئالىملار بۇنىڭ ئېنىق سەۋەبىنى تېپىپ چىقىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر يەنىلا تاپالمىدى.

گەرچە بىز چوڭ مېڭىمىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ھېق تۇتۇش سىگنالى بېرىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىسەكمۇ، ئەمما نۇرغۇن ئىشلارنىڭ بۇ خىل رېفلېكسنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ھېق تۇتۇش تاشقى زەخىم (مەسىلەن، باش قىسمى زەخىملەنگەن)، ئۆسمە ياكى قالقانسىمان بەز ئىششىقى، يۇقۇملىنىش (مېڭە پەردە ياللۇغى ۋە مېڭە ياللۇغىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، قورساق كۆپۈش ۋە مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى مەسىلىسى (مەسىلەن، كۆپ قوزغىلىدىغان قېتىشىش كېسىلى)دىن كېلىپ چىقىدىكەن. بەزى غىدىقلاشلار، مەسىلەن، ئاشقازان كۆيۈشۈپ قىزىش، ئاچچىق يېمەكلىكلەر، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان قىزىلئۆڭگەچ كەينىگە يېنىش ۋە يارا قاتارلىقلارمۇ ھېق تۇتۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىلگىرى بەزىلەردە چېچى قۇلاق ناغرا پەردىسىگە تېگىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنمۇ ھېق تۇتۇپ قالغان ئەھۋال كۆرۈلگەن.

بەزىلەرنى 68 يىل ھېق تۇتقان! ئادەم زادى نېمىشقا ھېق بولۇپ قالىدۇ؟

بىز يەنە بىر قىسىم ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ ھېق تۇتۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىمىز: تاماكا چېكىش، تۇيۇقسىز بولغان تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئەسەبىي كەيپىياتنى باشتىن كەچۈرۈش، مەسىلەن، ھاياجانلىنىش ياكى بېسىم ۋە ياكى ئاشقازان زىيادە تويۇنۇش (يېمەكلىك، ئىسپىرت ياكى ھاۋاغا تولغان) قاتارلىقلار.

توختىماي ھېق تۇتۇش ئادەمگە ئېغىر قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ، بولۇپمۇ ئۇ سىزنىڭ يېمەك-ئىچمەك، ئۇخلاش ياكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. داۋاملىق ھېق تۇتۇش بەزى ساغلاملىق مەسىلىلىرىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، قۇلاق يۇقۇملىنىش، بۆرەك زەئىپلىشىش، كېكىردەك ياللۇغى ياكى چۇقۇق (疝气) قاتارلىقلار. 10 مىليون قېتىم ھېق تۇتۇپ قالغان كرىستوفېر سەندس تەكشۈرتكەندىن كېيىن ئەسلىدە مېڭە قىسمىدا پەيدا بولغان ئۆسمىنىڭ دىئافراگما نېرۋىسى (ھېق تۇتۇش سىگنالى بېرىشكە مەسئۇل بولغان نېرۋا)نى بېسىۋالغانلىقى مەلۇم بولغان. ئۆسمىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھېق تۇتۇشى توختاپ قالغان.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى