كومپيوتېر

ماركىلىق كومپيوتېر بىلەن قۇراشتۇرما كومپيوتېرنىڭ پەرقى

كومپيوتېر ئالاي دېگەن، ماركىلىقنى (品牌机) ئالسام ياخشىمۇ ياكى قۇراشتۇرما (组装机) كومپيوتېر ئالسام ياخشىمۇ؟ يانچۇقتىكى پۇلنى زادى قانداق خەجلىسەم ئارتۇق چىقىمدىن خالىي بولغان ھالدا ئۆزەمگە ئەڭ ماس كومپيوتېر سېتىۋالالايمەن؟

بۇ كومپيوتېر سېتىۋالغۇچىلار ئەڭ دەسلەپ يولۇقىدىغان، يېڭى ھەۋەسكارلارنى ئەڭ ئىككىلەندۈرىدىغان مەسىلە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (نېمە؟ قول كومپيوتېرى ئالاي دېگەن دېدىڭىزما؟ ياق- ياق، بۇ دېگەن ئۈستەل كومپيوتېرىنىڭ گېپى، قول كومپيوتېرى چوقۇملا ماركىلىق كومپيوتېرغا تەۋە، ئۇھ )

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئۇنداقتا بۈگۈنكى بەش مىنۇت ۋاقتىڭلار مۇشۇ تېما ئۈستىدە سەرپ بولىدۇ!

ھە راست، ئون ئايغا يېقىن تىرىشىشىم ۋە سىلەرنىڭ قوش قوللاپ قوللىشىڭلار (چەمبىرەك توپلارغا يوللىشىڭلار)  نەتىجىسىدە سالونىمىزنىڭ ئەزا سانى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ ئاران مىڭغا يەتتى ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىلەرگە رەھمەت 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

1. ماركىلىق كومپيوتېرنىڭ ئالاھىدىلىكى:

بازارلاردا دەۋر سۈرۈۋاتقان ماركىلىق كومپيوتېرلار كومپيوتېر بازىرىنىڭ ئاساسلىق كۆركى ھېسابلىنىدۇ. ماركىلىق كومپيوتېر دېگىنىمىز بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭمۇ بارلىق زاپچاسلىرى بىر زاۋۇتتا قۇيۇلۇپ چىقمايدۇ، ئۇمۇ بىر سەپلىمە كومپيوتېر. ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ھەر قايسى زاپچاسلىرى زاپچاس تەمىنلىگۈچى زاۋۇتلارغا مەخسۇس زاكاز قىلىنىپ، چوڭ تىپتىكى تەتقىقات قوشۇنىغا ئىگە كومپيوتېر قۇراشتۇرۇش شىركەتلىرى قۇراشتۇرۇپ، نەچچە يۈز، ھەتتا مىڭ قېتىملاپ سىناشتىن كېيىن تۈركۈملەپ بازارغا سېلىنىدۇ. قاتتىق دېتاللارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ئالاھىدە ياخشى بولغاننىڭ ئۈستىگە، ياساش ھۈنەر- سەنئىتى سىپتا، شاۋقۇنسىز بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. (مۇشۇ شاۋقۇنسىز بولۇش ئالاھىدىلىكى ئەڭ يارقىن ئالاھىدىلىكى دېسەكمۇ بولىدۇ) لېكىن، شۇ…. باياتىندىن بېرى گېپى بولغان شىركەتنىڭ خادىملىرى مائاش ئېلىپ خوتۇن بالا- ۋاقىسىنى باقمىسا بولمايدۇ. دېمەك، تەننەرخى يۇقىرى، باھاسى قىممەت. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سەپلىمىلىرىنى خالىغانچە تاللىيالمايسىز، ئاساسىي سەپلىمىسىگە قاراپ ئالىسىز، قوشۇمچە ئىشلەتمەيدىغان سەپلىمىلەرگىمۇ ئامالسىز پۇل خەجلەپ كېتىسىز.

2. قۇراشتۇرما كومپيوتېرنىڭ ئالاھىدىلىكى:

قۇراشتۇرما كومپيوتېرغا ئالاھىدە ئىزاھات كەتمەيدۇ، ئىسمىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇنى ئىشلەتكۈچى ئېھتىياجىغا ئاساسەن ھەر قايسى بۆلەك، زاپچاسلىرىنى ئۆزى تاللاپ سەپلەيدۇ. تەننەرخى ئەرزان بولغاننىڭ ئۈستىگە، ماركىلىق كومپيوتېردىكىدەك ئىشلەتمەيدىغان قوشۇمچە ئىقتىدارلارغا پۇل ئىسراپ بولمايدۇ. مەلۇم بىر ئىقتىدار لازىم بولسا پۇل خەجلەيسىز، لازىم بولمىسا پۇل يانچۇقىڭىزدا قالىدۇ. كەمچىلىكى شۇكى، سەپلەنمە زاپچاسلىرى ياخشى ماسلاشتۇرۇلمىسا ئوڭاي كاشىلا چىقىدۇ. لېكىن ياخشى تاللاپ سەپلەنسە، ماركىلىق كومپيوتېر سېتىۋالغان پۇلغا ئوخشاش سەپلىمىدىكى قۇراشتۇرما كومپيوتېردىن ئىككىسى كەلگىلى تاس قالىدۇ (چېكىپ تاللاپ دەڭشەپ ئالالىسىڭىز دېمەكچى- دە مەن ).

3. قايسىسىنى تاللاش كېرەك؟

قايسىسىنى تاللاش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى. (ھوشۇكامدەك گەپ بولدى بۇ ) ئاۋۋال يانچۇقىڭىزغا، ئاندىن ئېھتىياجىڭىزغا قاراڭ. ئەگەر يانچۇقىڭىز تومراق بولۇپ، شاۋقۇنغا قويىدىغان تەلىپىڭىز بەكلا يۇقىرى بولسا ماركىلىقنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئەكسىچە بولسا قۇراشتۇرما كومپيوتېر ئەلۋەتتە ئالدىنقى تاللاش. بۇنداق دېسەم، قۇراشتۇرما كومپيوتېرنىڭ شاۋقۇنى تۈگمەنگە ئوخشامدۇ نېمە دەپ قالماڭ. ئەمەلىيەتتە قۇراشتۇرما كومپيوتېرنى سەپلىگەن ۋاقىتتا ئاساسىي ئاپپارات قېپى ۋە سوۋۇتقۇچقا پۇلنى سەل جىقراق خەجلىسىڭىزلا بۇنىڭمۇ شاۋقۇننى بىر تەرەپ قىلىش ئۈنۈمى ماركىلىقتىن قېلىشمايدۇ. (شاۋقۇنسىز سوۋۇتۇش تېخنىكىسى ھەققىدە بىر تېما يېزىشقا توغرا كەلدىمۇ نېمە…)

قوشۇمچە قىلىپ بېرىدىغان ئاق كۆڭۈللەرچە تەكلىپىم شۇكى (پېقىر بەك سەمىمىي ئادەم، بىلىسىلەرغۇ)، ئەگەر سىز يېڭى ھەۋەسكار بولۇپ، ئۆزىڭىز سەپلىمە تاللاپ ئالالىشىڭىزغا ئىشەنچىڭىز بولسا، ماركىلىق كومپيوتېر ئالماڭ. بۇنىڭدا نەچچە يۈز يۈەننى تېجەپ قالالايسىز. ئەگەر ئۆزىڭىز پىششىق بولمىسىڭىز ئىشەنچلىك دوستىڭىز بولسا يەنە بولىدۇ. ھېچقايسىسى بولمىسا، بازاردا ساتقۇچىلارنىڭ ئالداپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلسىڭىز، ئىككىلەنمەي ماركىلىق كومپيوتېرنى تاللىسىڭىز بۇنىڭدا قويۇلۇپ كېتىشتىن غەم يېمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئىشقىلىپ، قايسىسىنى تاللاڭ، ھازىرقى ئېھتىياجىڭىزنىلا كۆزدە تۇتماي، كەلگۈسى ئېھتىياجىڭىزنىمۇ ئويلىشىڭ، ئامال بار يۇقىرى سەپلىمىلىكنى تاللاڭ. كومپيوتېر دېگەن يىلىغا بىردىن ئالىدىغان نەرسە ئەمەس. ئىككى يىلدىن كېيىنلا يېڭى كومپيوتېر ئالماشتۇرىدىغان پىلانىڭىز بولسا ئۇ باشقا گەپ.

 

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى