كومپيوتېر

64 بىتلىق ۋە 32 بىتلىق سىستېمىنىڭ قانداق پەرقى بار

كۆپچىلىككە مەلۇم، مەشغۇلات سىستېمىسى 64 بىتلىق ۋە 32 بىتلىق دەپ ئايرىلىدۇ. لېكىن كۆپىنچە ئىشلەتكۈچىلەر بۇ ئىككى خىل سىستېمىنىڭ قانداق پەرقى بارلىقىنى بىلمەيدۇ. ھەقىقەتەنمۇ، ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن بۇ ئىككى خىل سىستېمىنىڭ پەرقى روشەن بىلىنمەيدۇ.

64 بىتلىق ۋە 32 بىتلىق سىستېمىنىڭ قانداق پەرقى بار-1

ئۇنداقتا، 32 بىت ۋە 64 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ پەرقى زادى نەدە؟ نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئايرىش زۆرۈر بولۇپ قالدى؟ قانداق كومپيوتېرغا قايسى نەشىردىكى سىستېما ئەڭ ماس كېلىدۇ؟ بۈگۈنكى تېمىمىزدا مۇشۇ ھەقتە ئازراق پەننى ئومۇملاشتۇرايلى.

 

1. 32 بىت ۋە 64 بىتلىق سىستېما دېگەن نېمە

بىت (خانا) ئۇقۇمى خۇسۇسىي كومپيوتېر مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭ بىر قېتىمدا قوبۇللىيالايدىغان سانلىق مەلۇمات كەڭلىكىگە قارىتا ئېيتىلىدىغان بولۇپ، كونا (قاشاڭ) كومپيوتېرچىلار بىلىدىغان 386، 486 تىپلىق كومپيوتېرلار ئەڭ دەسلەپكى 32 بىتلىق كومپيوتېرلار ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا 32 بىتلىق سىستېما يەنە x86 دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ ياساش ھۈنەر سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە CPU دىكى Cache باففېر ساقلىغۇچنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، 64 بىتلىق (x64) بىر تەرەپ قىلغۇچلار بارلىققا كەلدى. قاتتىق دېتال جەھەتتىن CPU ۋە ئىچكى ساقلىغۇچلار خېلى بۇرۇنلا 64 بىتنى قوللاشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولسىمۇ، ھەقىقىي مەنىدىكى 64 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى كېيىنرەك بولدى. WinXP نىڭ شەخسلەرگە تەمىنلىنىدىغان 64 بىت نۇسخىسى يوق بولۇپ، Win7 دىن باشلاپ 64 بىتلىق نەشرى قوشۇلدى.

64 بىتلىق ۋە 32 بىتلىق سىستېمىنىڭ قانداق پەرقى بار-2

2. ئىككى خىل نەشىردىكى سىستېمىنىڭ قانداق پەرقى بار

نەزەرىيە جەھەتتە 64 بىتلىق سىستېمىنىڭ ئىجرا سۈرئىتى 32 بىتقا قارىغاندا ئىككى ھەسسە تېز بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلەتكەندىكى ئۈنۈم ئۇنچىلىك كۆرۈنەرلىك ئەمەس. بۇنىڭ سەۋەبى كەڭ ئومۇملاشقان قوللانما يۇمشاق دېتاللارنىڭ 64 بىتلىق نۇسخىسى يوق بولۇپ، 32 بىت نۇسخىدىكى يۇمشاق دېتالنى 64 بىتلىق سىستېمىغا قاچىلاپ ئىجرا قىلغاندا مۇئەييەن ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ماسلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىپ، ئىش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، 32 بىتلىق سىستېما ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2 نىڭ 32- دەرىجىسى بايت (يەنى 4096 مېگابايتقا تەڭ) ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتەلەيدۇ (ئەمەلىيەتتە 3.5G ئەتراپىدا). كومپيوتېرنىڭ فىزىكىلىق ئىچكى ساقلىغۇچى 8 گېگابايت بولغاندا 32 بىت سىستېمىنى قاچىلىساق پەقەت يېرىمىدىنلا پايدىلىنالايمىز دېگەن گەپ. 

64 بىتلىق سىستېما بولسا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2 نىڭ 64- دەرىجىسى بايت، يەنى 17179869184 گېگابايت ئىچكى سىغىمنى قوللىيالايدۇ. 64 بىتلىق Win7 نىڭ قاچىلاش بولىقىنىڭ سىغىمى 32 بىتلىق نەشرىگە قارىغاندا 700 مېگابايت ئەتراپىدا چوڭراق چىقىدىغان بولۇپ، قاچىلانغاندىن كېيىنمۇ سىستېما بايلىقىنى كۆپرەك ئىگەللەيدۇ.

 

64 بىتلىق ۋە 32 بىتلىق سىستېمىنىڭ قانداق پەرقى بار-3

3. ئىشلەتكۈچىلەر سىستېمىنى قانداق تاللىغاندا ئەڭ راۋان ئىجرا ئۈنۈمى ۋە ماسلىشىشچانلىققا ئىگە بولالايدۇ

ئەگەر سىز يېڭى ئۆگەنگۈچى بولۇپ، بۇنىڭغا ماس ھالدا كومپيوتېرىڭىزنىڭ سەپلىمىسى ئانچە يۇقىرى بولمىسا، بولۇپمۇ ئىچكى ساقلىغۇچ 4GB ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك بولسا، كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، 32 بىتلىق سىستېما ئەڭ مۇۋاپىق. چۈنكى بۇنىڭ قوللانما يۇمشاق دېتال ئېكولوگىيەسى ئىنتايىن پىشىپ يېتىلگەن، راۋان، سىستېما بايلىقىنى ئاز ئىگىلەيدۇ. 

ئىچكى ساقلىغۇچ 8GB ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ھەمدە CPU ماس ھالدا ياخشىراق بولسا 64 بىتلىق سىستېمىنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بولۇپمۇ لايىھە ۋە مېدىيا ساھەسىدىكى ئىشلەتكۈچىلەر 64 بىتلىق سىستېمىنى قاچىلاپ، كەسپىي يۇمشاق دېتالنىڭمۇ 64 بىت نۇسخىسىنى تېپىپ ئىشلەتسە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ. نۆۋەتتە لايىھە ۋە مېدىيا ساھەسىدىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ 64 بىتلىق نۇسخىسى بار.

ئەگەر سىز بىر ھەۋەسكار بولۇپ، ئالاھىدە ئېھتىياجىڭىز بولمىسا، مۇنداقلا كۆرۈپ باققۇڭىز كېلىپ، «64 بىتلىق سىستېما ئىشلەتسە قانداق بولىدىغاندۇ» دەپ ئويلىغان بولسىڭىز، جاۋاب شۇكى ھېچقانداق بولمايدۇ. ئىشلەتكۈچى كۆرۈنمە يۈزى ۋە مەشغۇلات ئۇسۇلى پەرقسىز. بۇنى كومپيوتېرىڭىزنىڭ سەپلىمىسىنىڭ قوللاش ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلىسىڭىز بولىدۇ.

 

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى