Win10 مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى باسقاندا ئاستىلاپ كېتىشنى ھەل قىلىش
Win10 مەشغۇلات سىستېمىسىنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن، بولۇپمۇ يۇمشاق دېتالنى كۆپ قېتىم قاچىلاپ ئۆچۈرۈش جەريانىدا، ئۈستەليۈزى ياكى مۇندەرىجە ئىچىدە مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى باسقاندا ئىنكاس ناھايىتى ئاستىلاپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. ھەتتا، مۇشۇ سەۋەبلىك كومپيوتېردىن «زېرىكىپ»، سىستېمىنى قايتا قاچىلاشقا مەجبۇر بولىمىز.
بۈگۈن بۇ مەسىلىنى تىزىملاش جەدۋىلىنى تەھرىرلەش ئارقىلىق ئوڭايلا ھەل قىلىدىغان بىر ئامالنى تونۇشتۇراي:
1. Win+R بىرىكمە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئىجرا رامكىسىنى ئاچىمىز (ياكى باشلاش تىزىملىكى كونۇپكىسىدا ئوڭ چېكىپ، 运行 نى ئىجرا قىلساقمۇ بولىدۇ) ۋە regedit دەپ يېزىپ ئىجرا قىلىمىز.
2. تىزىملاش جەدۋىلى تەھرىرلىگۈچ ئېچىلغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى يول بويىچە ئىچكىرىلەپ كىرىمىز:
HKEY_CLASSES_ROOT\Directory\Background\shellex\ContextMenuHandlers
3. ئاندىن، ContextMenuHandlers مۇندەرىجىسىنىڭ ئاستىدىكى New دىن باشقا بارلىق مۇندەرىجىنى ئۆچۈرۈۋېتىڭ.
ئۆچۈرۈش بۇيرۇقى بەرسىڭىز ئۆچكىنى ئۆچىدۇ، ئەگەر «ئۆچۈرۈش مەغلۇپ بولدى» دەپ ئۇچۇر چىقىپ ئۆچمىسە، مەيلى قېلىۋەرسۇن، سىز پەقەت بىر قېتىم ئۆچۈرۈش بۇيرۇقى بەرسىڭىزلا بولدى. دىققەت: New نى ئۆچۈرۈپ سالماڭ.
تىزىملاش جەدۋىلى تەھرىرلىگۈچتىن چېكىنىپ، ئۈستەل يۈزىدە مائۇسنى ئوڭ چېكىپ بېقىڭە قېنى، تېزلىشىپتىمۇ- يوق؟
ئەگەر تېزلەشكەن بولسا، بۇ تېمىنى چەمبىرەككە يوللىۋېتىسىزغۇ دەيمەن…
بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى