كومپيوتېر

قول كومپيوتېرىنى قانداق تاللاش كېرەك

كومپيوتېر بۇرۇنلاردا بىر ئالىي ئىستېمال بۇيۇمى، «ئېلېكترونلۇق مېڭە» ھېسابلانغان بولسا، پەيدىنپەي خىزمەت- تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ھەممىباب قورالغا ئايلاندى. بولۇپمۇ قول كومپيوتېرى (笔记本laptop) ئەپچىل ۋە ئىشلىتىشكە قولايلىقلىقى بىلەن ئالدىنقى تاللاش بولۇپ قالدى. كومپيوتېرنى قانداق تاللاپ سېتىۋېلىش بولسا يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن بىر قىيىن مەسىلە. بۈگۈنكى تېمىدا مۇشۇ ھەقتە توختىلىپ، ماركا ۋە سەپلىمىنى قانداق تاللىغاندا ئېھتىياجىمىزدىن چىققۇدەك، شۇنداقلا بىر نەچچە يىلغىچە زاماندىن قالمىغۇدەك كومپيوتېر سېتىۋالغىلى بولىدۇ دېگەن مەسىلىگە جاۋاب بېرىمىز.

كومپيوتېر سېتىۋېلىشتا مۇنداق بىر قانچە پرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كېرەك:

ئېھتىياجقا ئاساسەن سەپلىمە تاللاش

بۇ دېگەنلىك- «كومپيوتېر سېتىۋېلىپ نېمە ئىش قىلىمەن» دېگەنلىك بولۇپ، سىز نورمال ئىشخانا خىزمەتلىرى ۋە ئانچە- مۇنچە كىنو كۆرۈش، تورغا چىقىش ئۈچۈن كومپيوتېر سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، كومپيوتېرنىڭ ئىچكى زاپچاسلىرى شۇ خىزمەتلەرگە ئائىت يۇمشاق دېتاللارنى بېجىرىم يۈرگۈزەلەيدىغان بولۇشىنى شەرت قىلىسىز. ئەگەر لايىھە، سۈرەت ۋە فىلىم ئىشلەش دېگەندەك يۇقىرى سەپلىمە تەلەپ قىلىدىغان خىزمەتلەر ئۈچۈن كومپيوتېر سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، سىز كۆپ ئىشلىتىدىغان كەسپىي يۇمشاق دېتالنىڭ CPU، ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە سىنكارتا (显卡) غا تەلىپى قانداق دېگەننى ئويلىشىسىز.

قول كومپيوتېرىنى قانداق تاللاش كېرەك-1

كەلگۈسى ئۈچ يىل ئىچىدىكى ئېھتىياجنى ئالدىن ئويلىشىش

كومپيوتېر سېتىۋالغاندا، ھازىرقى ئېھتىياجنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ تاللايدىغان بولساقمۇ، كەلگۈسى بىر قانچە يىل ئىچىدىكى سەۋىيە نىشانىنى ئويلىشىپ، «كېيىنچە مۇنداق ئىشلارغىمۇ ئىشلىتىپ قالارمەن» دېگەن مۇمكىنچىلىكنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا كومپيوتېر قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر ساھە. شۇنداق بولغاچقا، بىر نەچچە يىلدىن كېيىنلا كومپيوتېرىمىز مودىدىن قېلىشى تۇرغان گەپ. كومپيوتېر ساھەسىدە مۇنداق بىر سۆز بار: «ئىشلەتكىلى ئۈچ يىل بولغان كومپيوتېر زاماندىن قالغان، بەش يىل بولغان كومپيوتېر كېرەكتىن چىققان ھېسابلىنىدۇ».

بۇ گەپنى سۆز مەنىسى بويىچە تەھلىل قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇ دېگەنلىك پەقەت كومپيوتېر قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتال ساھەسىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كىنايە خالاس.

تۆۋەندە ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن قول كومپيوتېرىنىڭ ھەر قايسى سەپلىمىسى قانداق بولسا مۇۋاپىق دېگەن نۇقتىدىن، بىر قانچە تەۋسىيەنى ئوتتۇرىغا قويىمىز:

1. نورمال خىزمەت، ئۆگىنىش، تورغا چىقىش ۋە كىنو- فىلىم كۆرۈش ئۈچۈن سېتىۋالىدىغانلار

بۇ مەشغۇلاتلار ئۈچۈن بازاردىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم قول كومپيوتېرلىرىنىڭ سەپلىمىسى تامامەن يېتىشلىك بولۇپ، ئىقتىساد يار بەر بەرگەن ئەھۋالدا Intel نىڭ i3,i5 تۈرىدىكى CPU ياكى AMD نىڭ Ryzen تۈرىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچ تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئەگەر باھانى 3000 نىڭ ئاستىدا كونترول قىلىشنى ئويلىغان بولسىڭىز، يەتتىنچى ئەۋلاد Intel Celeron بىر تەرەپ قىلغۇچلىرىمۇ ناچار تاللاش ئەمەس.

4G ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن كومپيوتېرلار ھېلىھەم بازاردا خېلى نۇرغۇن ۋە ئاساسەن ھاجەتتىن چىقسىمۇ، ئۇزۇنغا بارماي مودىدىن قالىدۇ. شۇڭا ئاز دېگەندە 8G ئىچكى ساقلىغۇچنى تاللاش كېرەك. سىنكارتىغا توپلاشما سىنكارتا (集成显卡) تامامەن بولىدۇ، بەلكى كەسپىي بولمىغان ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن توپلاشما سىنكارتا ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇنىڭ تەننەرخى ئەرزان بولغاندىن سىرت، توك سەرپىياتى ۋە ئىسسىقلىق چىقىرىشى تۆۋەن، مۇقىملىقى ياخشى بولۇپ، باتارېيە توكىنىڭ ئۇزۇن يېتىشىگە كۆرۈنەرلىك پايدىسى بار. ئېكران چوڭلۇقىنى ياقتۇرۇشىڭىز ۋە ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ تاللاڭ، لېكىن ئېنىقلىقى 1080P دىن تۆۋەن بولمىسۇن (720P ئېنىقلىقتىكى ئېكرانلار ئىككى يىلغا بارماي بازاردىن چېكىنىدۇ).

يۇقىرىدىكى تەلەپ بويىچە سەپلىمە تاللىغاندا باھانى 2500-3500 يۈەن ئەتراپىدا كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

قول كومپيوتېرىنى قانداق تاللاش كېرەك-2

2. بىر قەدەر كەسپىي بولغان مېدىيا (سۈرەت، فىلىم، ئۈن تەھرىرلەش) خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ۋە چوڭراق ئويۇنلارنى كۆپرەك ئوينايدىغان ئىشلەتكۈچىلەر

بۇ تۈردىكى ئىشلەتكۈچىلەر كومپيوتېر سەۋىيەسى جەھەتتىن مەلۇم باسقۇچقا يەتكەن كىشىلەر بولۇپ، ئۆزىگە قانداق كومپيوتېرنىڭ ماس كېلىدىغىنىنى بىلىدۇ. ئومۇمەن، كەسپىگە ئائىت يۇمشاق دېتالنىڭ قاتتىق دېتالغا قويىدىغان تەلىپى قانداق بۇنى ئويلىشىش كېرەك. بىر تەرەپ قىلغۇچقا Intel نىڭ ئالتىنچى ئەۋلادتىن يۇقىرى i5 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى تىپلىرىنى ياكى AMD نىڭ R5 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى تىپلىرىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئىچكى ساقلىغۇچ ئاز دېگەندە 8G بولغاندىن باشقا، ئۆزەكلىك قاتتىق دېسكا (固态硬盘,SSD) ۋە سىنكارتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

يۇقىرىدىكى لايىھە بويىچە بولغاندا، ماركىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، باھا تەخمىنەن 3700 بىلەن 5300 نىڭ ئوتتۇرىسىدا چىقىدۇ.

3. 3D لايىھەسى، كەسپىي فىلىمچىلىك، چوڭ تىپتىكى ئويۇن ئوينايدىغان ئىشلەتكۈچىلەر

توغرىسىنى دېگەندە، بۇ تۈردىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە قول كومپيوتېرى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. چۈنكى، قول كومپيوتېرىنىڭ ھەجمى كىچىك بولغاچقا، بۇ ھاجەتنى قانائەتلەندۈرىدىغان سەپلىمىدىكى قول كومپيوتېرىنىڭ ياساش ھۈنەر- سەنئىتى ۋە تېخنىكىلىق تەلىپى يۇقىرى بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا باھاسى بەكلا ئۆرە بولۇپ كېتىدۇ. 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى پۇل خەجلەپ قول كومپيوتېرى سېتىۋېلىپ قىلغان ئىشنى 6000 يۈەنلىك ئۈستەل كومپيوتېرىدا قىلغاندا ئىش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. 

4. سېتىۋالغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك

(تۆۋەندىكى ئېلاننى چېكىپ ئۆتۈپ كېتىڭ)

 

تاللىغان ماركىنىڭ تاۋباۋ ياكى جىڭدۇڭدىكى بايراقدار دۇكىنىدىن (官方旗舰店) ياكى ئۇلار ھوقۇق بەرگەن دۇكانلاردىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. پۇل تۆلەشتىن ئاۋۋال چوقۇم «ئەسلى زاۋۇتنىڭ ھەقىقىي مېلىمۇ- ئەمەسمۇ، پۈتۈنلەي يېڭى مالمۇ- ئەمەسمۇ، مەسىلە كۆرۈلسە مەملىكەت ئىچىدە بىر تۇتاش مۇلازىمەت قىلامدۇ- يوق» دېگەنلەرنى چوقۇم خەتچە يېزىپ سوراپ ئېنىق جاۋاب ئېلىش كېرەك. ناۋادا كېيىن مەسىلە چىقىپ قالسا سۆزلىشىش خاتىرىسى ئىسپات بولىدۇ.

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى