كومپيوتېر

قاتتىق دېسكا ھەققىدە رىۋايەت

بۈگۈنكى كۈندە بىز كۆرۈۋاتقان قاتتىق دېسكا يېڭى بارلىققا كەلگەن ۋاقىتلاردا قانداق ھالەتتە بولغىيدى؟ كۆپلىگەن ياش كومپيوتېر ئىشلەتكۈچىلەر بۇنى ئەسلا تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقى مۇمكىن. ھازىر TB سىغىمىدىكى قاتتىق دېسكىلار خۇسۇسىي كومپيوتېر بازىرىدىكى نورمال سەپلىمىگە ئايلاندى. تېخى يېقىنقى نەچچە ئون يىل ئىلگىرى كومپيوتېر ئەمدىلەتىن بارلىققا كېلىپ پىشىپ يېتىلىۋاتقان چاغلاردا، قاتتىق دېسكا پەقەت ئالىي تەتقىقات ئورۇنلىرى ياكى چوڭ تىپتىكى سانلىق مەلۇمات ساقلايدىغان ھالقىلىق ئورۇنلار ئىشلىتەلەيدىغان غايەت زور «ماشىنا» ھېسابلىناتتى.

بۈگۈن مۇشۇ قاتتىق دېسكىنىڭ تارىخىي «ئەپتى- بەشىرىسىنى» تەلتۆكۈس ئېچىپ تاشلايمىز!

 

قاتتىق دېسكا ھەققىدە رىۋايەت-1

1. قاتتىق دېسكا سىغىم بىرلىكى ھەققىدە چۈشەنچە

قاتتىق دېسكا ھەققىدە سۆزلەشتىن ئاۋۋال، قاتتىق دېسكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى بولغان قاتتىق دېسكىنىڭ سىغىمى ھەققىدىكى سۇندۇرۇپ ھېسابلاش قائىدىسىنى چۈشىنىپ ئۆتەيلى. خەلقئارا بىرلىكلەر سىستېمىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:

1000byte=1KB

1000KB=1MB

1000MB=1GB

1000GB=1TB

1000TB=1PB

1000PB=1EB

…….

خاتا كۆرمىدىڭىز، ئادەتلەنگەن قائىدە بويىچە، بىرلىكلەر 10 نىڭ ئۈچىنچى دەرىجىسىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمدى كومپيوتېرچىلار بىلىدىغان 1024 نى بىرلىك قىلىپ سۇندۇرۇپ ھېسابلاش قائىدىسىگە كەلسەك، بۇ بولسا كومپيوتېر تونۇيدىغان ئىككىلىك سىستېمىدىكى بىرلىك پۈتۈنلەش قائىدىسى بولۇپ، 2 نىڭ 10- دەرىجىسى بويىچە سۇندۇرۇپ ھېسابلىنىپ، ئونلۇق سىستېمىدىكى سۇندۇرۇپ ھېسابلاش ئۆلچىمىگە ئىمكانقەدەر يېقىنلاشتۇرۇلغان. دەل مۇشۇ ھېسابلاش ئۇسۇلىدىكى پەرق تۈپەيلىدىن، قاتتىق دېسكىنىڭ سىستېمىدا كۆرسەتكەن سىغىمى زاۋۇت بېكىتكەن سىغىمدىن كىچىكرەك چىقىدۇ (يېڭى سېتىۋالغان 1000GB لىق قاتتىق دېسكىنىڭ كومپيوتېردا 934GB ئەتراپىدا كۆرۈنۈشىنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى بىلگەنسىز).

 

2. قاتتىق دېسكىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىياتى

1946- يىلى ھەممىمىز بىلىدىغان تۇنجى كومپيوتېر- ENIAC ئاپىرىدە بولغاندا، قاتتىق دېسكا ئۇقۇمى تېخى مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، ھەقىقىي بىر مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ بولمىغان ئىپتىدائىي كومپيوتېر قاتتىق دېسكىنى ئىشلىتەلمەيتتى. ئىككىنچى يىلى ENIAC نى ياساشقا قاتناشقان  داڭلىق ماتېماتىك، پروفېسسور نويمان (John von neumann) «پروگرامما ساقلاش» دېگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئۇقۇم كېيىنچە مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى نەزەرىيە ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا، قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتال تەتقىقاتى جەھەتتىكى بۆسۈشنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ قالدى.

             

قاتتىق دېسكا ھەققىدە رىۋايەت-2

(پروفېسسور جون نويمان 1903-1957)

 

1956- يىلىغا كەلگەندە، IBM شىركىتى دۇنيادا تۇنجى بولۇپ قاتتىق دېسكىنى ياساپ چىقتى ۋە ئۇنىڭغا RAMAC350 دەپ نام قويدى، ئۇنىڭ سىغىمى 5MB ئىدى (ئاران شۇنچىلىكمۇ دېمەڭ، بۇ ئەينى ۋاقىتتا دەۋر بۆلگۈچ خاراكتېرلىك كەشپىيات ئىدى).

قاتتىق دېسكا ھەققىدە رىۋايەت-3

قاتتىق دېسكا ھەققىدە رىۋايەت-4

ئايروپىلاندا توشۇشقا تەييارلىنىۋاتقان قاتتىق دېسكا

 

1962- يىلى IBM شىركىتى ۋاكۇئۇملاشتۇرۇش تېخنىكىسى ئىشلىتىلىپ، سۈرئىتى ۋە مۇقىملىقى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان، سىغىمى 28 مېگابايتقا يەتكۈزۈلگەن 1301 تىپلىق قاتتىق دېسكىنى ياساپ چىقتى.

قاتتىق دېسكا ھەققىدە رىۋايەت-5

 

 

1973- يىلى IBM شىركىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ ھەجىمى كىچىكلىتىلگەن، سىغىمى چوڭايغان 8 ديۇم چوڭلۇقتىكى قاتتىق دېسكا- 33FD نى ياساپ چىقتى.

قاتتىق دېسكا ھەققىدە رىۋايەت-6

 

1976- يىلى IBM شىركىتى ھازىرقى Seagate شىركىتىنىڭ ئانا شىركىتى بولغان Shugart Associates شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 5.25 ديۇملۇق يۇمشاق دېسكا قوزغاتقۇچنى ئېلان قىلدى. 1979- يىلىغا كەلگەندە ئاندىن تېخنىكىنىڭ كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، بۇ خىل يۇمشاق دېسكا قوزغاتقۇچ IBM ۋە ئالما شىركىتى بازارغا سالغان خۇسۇسىي كومپيوتېرلاردا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلدى. بىر دانە تاق يۈزلۈك يۇمشاق دېسكىنىڭ سىغىمى 218 كىلوبايت ئىدى. 

قاتتىق دېسكا ھەققىدە رىۋايەت-7

 

1981- يىلى Fujitsu شىركىتى سىغىمى 445 مېگابايتقا يەتكۈزۈلگەن 10.5 ديۇملۇق قاتتىق دېسكا ياساپ چىقتى.

قاتتىق دېسكا ھەققىدە رىۋايەت-8

 

1982- يىلى NEC، NTT قاتارلىق تېخنىكا شىركەتلىرى قاتتىق دېسكا تەتقىق قىلىشنى باشلىدى، كۆپلىگەن ئېلېكترون كارخانىلىرى بۇ سەپكە قېتىلدى.

1985- يىلى ئانچە نامى چىقمىغان Quantum (昆腾) شىركىتى 3.5 ديۇملۇق قاتتىق دېسكىنى ياساپ چىقتى. سىغىمى ئاران 10 مېگابايت بولسىمۇ، ئىگىلەيدىغان ھەجىمى زور دەرىجىدە كىچىكلەپ، ھازىرغىچە بولغان قاتتىق دېسكىلارنىڭ ئۆلچىمىنى تىكلەپ بەردى.

قاتتىق دېسكا ھەققىدە رىۋايەت-9

 

1988- يىلى Hitachi شىركىتى 9.5 ديۇملۇق قاتتىق دېسكا ياساپ چىقتى، ئۇنىڭغا سەككىز دانە قاتتىق دېسكا تەخسىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، سىغىمى 1.89 گېگابايتقا يەتكۈزۈلگەن.

قاتتىق دېسكا ھەققىدە رىۋايەت-10

 

1992- يىلى SyQuest Technology شىركىتى 3.5 ديۇملۇق 110 مېگابايت سىغىمدىكى قاتتىق دېسكا ياساپ چىقتى.

قاتتىق دېسكا ھەققىدە رىۋايەت-11

 

1997- يىلى Seagate شىركىتى تۇنجى بولۇپ مىنۇتىغا 10 مىڭ قېتىم ئايلىنىدىغان، 10 گېگابايتلىق 3.5 ديۇملۇق قاتتىق دېسكا ياساپ چىقتى.

قاتتىق دېسكا ھەققىدە رىۋايەت-12

 

1998- يىلى Hitachi شىركىتى 12000 قېتىم ئايلىنىدىغان 2.5 ديۇملۇق مىكرو قاتتىق دېسكا ياساپ چىقتى، سىغىمى 10 گېگابايتقا يەتكۈزۈلدى.

 

قاتتىق دېسكا ھەققىدە رىۋايەت-13

 

شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، 3.5 ديۇملۇق ئادەتتىكى قاتتىق دېسكا ۋە 2.5 ديۇملۇق مىكرو قاتتىق دېسكىنىڭ ھەجىم ئۆلچىمى، ئۇلىنىش ئېغىزى ئۆلچىمى ۋە ئايلىنىش تېزلېكىنىڭ ئۆلچىمى تەدرىجىي بىرلىككە كېلىپ، قاتتىق دېسكىنىڭ ھەجمىنىڭ چوڭلۇقى ۋە سانلىق مەلۇمات ئۇلىنىش ئېغىزى تۇراقلاشتى. سىغىمى ۋە ئۇچۇر ئوقۇش- يېزىش تېزلىكى كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

قاتتىق دېسكا دەسلەپ بارلىققا كەلگەن ۋاقىتلارغا قارىغاندا، يېقىنقى 10 يىل مابەينىدە تەرەققىياتى ئۇچقاندەك تېز بولدى دېيىشكە بولىدۇ.

 

3. قاتتىق دېسكىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى

قاتتىق دېسكا- كومپيوتېردىكى ئەڭ ئاساسلىق سىرتقى ساقلاش ئۈسكۈنسى، شۇنداقلا، مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە قوللانما يۇمشاق دېتاللار قاچىلىنىدىغان ساقلىغۇچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر كومپيوتېرنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارىغا باھا بېرىشتە مۇھىم بىر كۆرسەتكۈچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ماقالىمىزنىڭ بېشىدا دېگەندەك، نۆۋەتتە ئاللىقاچان TB سىغىمىدىكى قاتتىق دېسكىلار نورمال سەپلىمىگە ئايلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆزەكلىك ساقلىغۇچ تېخنىكىسىنىڭ كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىشى ۋە تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىشى نەتىجىسىدە، ئۆزەكلىك قاتتىق دېسكىلار (固态硬盘) بازاردىكى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۆزەكلىك قاتتىق دېسكا- خۇسۇسىي كومپيوتېر بازىرىدىكى يېڭى يۈزلىنىش بولۇپ، يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە مېخانىكىلىق قاتتىق دېسكىلارنى پەقەت مۇلازىمىتىرلاردا كۆرۈشىمىز مۇمكىن. چۈنكى، مېخانىكىلىق قاتتىق دېسكىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۆزەكلىك قاتتىق دېسكا كۆپلىگەن ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە. مەسىلەن، ئوقۇش- يېزىش سۈرئىتى تېز، سىلكىنىشكە چىداملىق، نەملىك ۋە ماگىنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىگە بەرداشلىق بېرىشى ياخشى، يۇقىرى- تۆۋەن تېمپىراتۇرىغا چىداملىق، توك سەرپىياتى ۋە ئىسسىقلىق چىقىرىشى تۆۋەن بولۇش قاتارلىقلار. لېكىن، نۇقسانلىرىمۇ بىر تالاي: ئۆزەكلىك قاتتىق دېسكىنىڭ تېخنىكا تەلىپى يۇقىرى بولغاچقا، تەننەرخى سەل يۇقىرى، ئۇنىڭدىن باشقا، ئىشلىتىلىش ئۆمرى بىر قەدەر قىسقا. شۇ ۋەجىدىن، مېخانىكىلىق قاتتىق دېسكىغا ئۆزەكلىك ساقلىغۇچنى توپلاشتۇرۇپ ئىشلەنگەن بىرىكمە قاتتىق دېسكىلار بارلىققا كەلدى. تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى نەتىجىسىدە، ئۆزەكلىك قاتتىق دېسكىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىشلىتىش ئۆمرى ۋە چىدامچانلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېيىنكى يۈزلىنىش بولۇپ قالدى.

 

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى