خەۋەرلەر
نۇر تورى
نۇر تورى ئۇلىنىش شىركىتى بايرىقى ئاستىدىكى تور بېكەت بولۇپ، كۈندىلىك زىيارەت ۋە مەزمۇنلارنىڭ يېڭىلىنىش سانى جەھەتتە ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلىنىش شىركىتى 2012-يىلدىن باشلاپ نۇر تورىنىڭ يانفون ئەپ دېتاللىرىنى تەتقىق قىلىپ تورداشلارغا ھەقسىز ئېچىۋەتكەن، ئايفون، ئاندىرويىد ۋە ۋىندوۋس فون سېستىمىلىق يانفونلاردىمۇ نۇر تورىنى نورمال كۆرگىلى بولىدۇ. نۇر تورى مەزمۇن ۋە سەھىپىلەرنىڭ يېڭىلىنىشى جەھەتتە تېخىمۇ ئىزدەنمەكتە. ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى داڭلىق ماركا يارىتىش ۋە تورداشلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەتلەرنى قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشماقتا!