ساغلاملىق

ئادەمنى نېمىشقا ھېق تۇتىدۇ؟

ھېق تۇتۇش بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە بولۇپ، بەلكىم بىر ۋاق تويغۇچە تاماق يېيىشتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، شۇنداقلا ھاياجانلىنىش، بېسىم بەك چوڭ بولۇش، تەشۋىشلىنىش قاتارلىق كەيپىياتلارنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئادەتتە،ھېق تۇتۇش پەقەت نەچچە مىنۇت ياكى نەچچە سائەتلا داۋاملىشىدۇ، گەرچە بىئارامسىزلىق پەيدا قىلغان، ھەتتا ئوڭايسىزلىق پەيدا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاساسىي جەھەتتىن ھېچقانداق زىيىنى يوق، ئەمما مەلۇم ئەھۋال ئاستىدا ھېق تۇتۇش يوشۇرۇن كېسەللىكنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن.

ئادەمنى نېمىشقا ھېق تۇتىدۇ؟

 

كىلىنىكىدا ھېق تۇتۇش ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ: بىرىنچى خىلى، ھېق تۇتۇش بولۇپ، دىياگرامما مۇسكۇلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلماسلىق، كۈچلۈك سىپازمىلىق قىسقىرىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. كىشىلەرنىڭ بىر قېتىم نەپەس ئېلىشى كۆكرەك بىلەن قورساق بوشلۇقى ئوتتۇرىسىدىكى دىياگرامما مۇسكۇلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. نەپەس ئالغاندا دىيافراگما مۇسكۇلى تۆۋەنگە تارتىلىپ، ھاۋانى ئۆپكىگە سۈمۈرىدۇ؛ نەپەس چىقارغاندا، دىيافراگما مۇسكۇلى يۇقىرىغا ئىتتىرىپ، ھاۋانى سىرتقا چىقىرىدۇ. مۇسكۇلنىڭ ھەرىكىتى نېرۋىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچرايدۇ، دىيافراگما مۇسكۇل نېرۋىسى غىدىقلىنىشقا ئۇچرىغاندا (تاماقنى بەك تېز يېيىش، سوغۇق ھاۋانى يۇتۇۋېتىش، كەيپىيات ئۆزگىرىشى، چوڭ مېڭىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار) سپازمىسىمان قىسىلىش يۈز بېرىپ، ئادەم بەدىنى زور مىقداردىكى ھاۋانى سۈمۈرۈۋېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى ئاۋاز پەردىسى ئارىسىدىكى يېرىق بىردىنلا تارىيىپ، «كېكىرىش» ئاۋازى چىقىشى مۇمكىن.

ئادەمنى نېمىشقا ھېق تۇتىدۇ؟

يەنە بىر خىل تۈردىكى كېكىرىش دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ قىزىلئۆڭگەچ قورۇغۇچى مۇسكۇلىنىڭ بىر ئۆتكۈنچى بوشىشىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بىز يېمەكلىكنى يۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھاۋامۇ ئاشقازانغا كىرىدۇ. ھاۋانىڭ يىغىلىشى ئاشقازاننى كېڭەيتىپ، قورۇغۇچى مۇسكۇلنى بوشىتىدۇ، دىيافراگما مۇسكۇلى، قورساق مۇسكۇلى قاتارلىق بەدەن مۇسكۇللىرى ئاشقازانغا ياردەملىشىپ بۇ ھاۋانى قىزىلئۆڭگەچكە ئىتتىرىپ، ئاندىن ئېغىز (بەزىدە بۇرۇن)دىن چىقىرىۋېتىدۇ. ئاشقازان يېلى كېكىردەكتىن چىققان ئاۋاز بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدۇ، بۇ خىل بىمارلاردا ئاشقازان كۆپۈش، ئاشقازان-ئۈچەي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك بولماسلىق، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

ئادەمنى نېمىشقا ھېق تۇتىدۇ؟

ھېق تۇتۇشنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكى كىلىنىكىلىق ھۆكۈم قىلىشنىڭ پاتولوگىيەلىك ھېق تۇتۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى بولۇپ، 48 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت داۋاملاشسا بۇ جاھىل خاراكتېرلىك ھېق تۇتۇشقا كىرىدۇ، بۇ چاغدا بىمار ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈنىشى كېرەك، مەسىلەن: ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ، كۆكرەك بوشلۇقى دىئاگىراممىسى، مېڭە قاتارلىق ئورۇنلاردا كېسەللىك بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاش كېرەك. پاتولوگىيەلىك ھېق تۇتۇشقا قارىتا كىلىنىكىلىق داۋالاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ئۇسۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: خىلوروپرومازىن، مېتوكسى خلوروپتامىن، باخلوروفېن قاتارلىق دورىلار بىلەن داۋالاش؛ جۇڭيىچە يىڭنە سانجىش ۋە داغلاش، پەللىگە ئوكۇل قىلىش ھەمدە نېرۋىغا كاشىلا قىلىش ياكى غىدىقلاش، ئۇخلىتىش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى بىلەن داۋالاش. ئەگەر يۇقىرىقى ئۇسۇللار بىردەك كۈچكە ئىگە بولمىسا، دوختۇر ئوپېراتسىيە قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشى مۇمكىن. كىلىنىكىدا دائىم بىر تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپ دىيافراگما نېرۋىسىنى توسۇش ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىق جاھىل خاراكتېرلىك ھېق تۇتۇش داۋالىنىدۇ، بىراق دىيافراگما نېرۋىسىنى بىۋاسىتە توسۇۋالغاندا، دىيافراگما مۇسكۇلى ئىقتىدارىنىڭ مەڭگۈلۈك يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، باشقا تاسادىپىيلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ خىل ئوپېراتسىيەنى تاللىغاندا ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك.

فىزىئولوگىيىلىك ھېق تۇتۇشقا قارىتا، تۇرمۇشتا يەنە نۇرغۇن ئەل ئىچى داۋالاش ئۇسۇللىرى بار، مەسىلەن، نەپەسنى توختىتىپ، بىر نەچچە يۇتۇم ئىلمان سۇ ئىچىش، قەغەز خالتىغا نەپەس چىقىرىش قاتارلىقلار، بۇ ئۇسۇللار ھېق تۇتۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان نېرۋىلارنىڭ يەتكۈزۈلۈشىنى توسۇش ئارقىلىق رول ئوينىشى مۇمكىن، لېكىن كونكرېت مېخانىزمى تېخى ئېنىق ئەمەس. ئۇسۇلنى تاللاشتا ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولۇش كېرەك. مەسىلەن، ئەسلىدىنلا مېڭە قان تومۇر ئاساسىي كېسىلى بار كىشىلەر تۇيۇقسىز چۆچۈپ كېتىش ئۇسۇلىنى تاللىماسلىقى كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى