ئالەم

ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىپ ئالەم تېلېسكوپىنى ياسايدۇ؟

خابىل تېلېسكوپى (哈勃望远镜) ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك ئالەم بوشلۇقى تېلېسكوپى بولۇپ، ئۇ بىزگە كائىناتنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن گۈزەل مەنزىرىسىنى سۈرەتلەپ بەرگەن، تېخىمۇ مۇھىمى بىزگە كائىناتنى چۈشىنىش ئۈچۈن نۇرغۇن سۈرەت ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ كەلگەن. گەرچە خابىل تېلېسكوپى شۇنچە كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما ئ‍ۇ يەر شارىدىن نەچچە يۈز كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئالەم بوشلۇقىغا جايلاشقان. بۇنىڭ بىلەن خابىل تېلېسكوپىنى قويۇپ بېرىش، ياساش ۋە كېيىنكى رېمونت قىلىش غايەت زور مەبلەغ بېسىمىغا دۇچ كەلگەن.

ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىپ ئالەم تېلېسكوپىنى ياسايدۇ؟

خابىل تېلېسكوپى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولغاچقا، كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنغان. شۇڭا NASA ئالەم ئايروپىلانى ئارقىلىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى نەچچە يۈز كىلومېتىر ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان، بۇنىڭ بىلەن NASAنىڭ ئاسراش تەننەرخى ئىزچىل ئۆرلەپ كەتكەن. بىز يەر شارىدا تۇرۇپ تېلېسكوپتىن پايدىلىنىپ، ئاشۇ يىراق بەلۋاغلاردىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسى ۋە تۇمانلىقلارنى كۆزىتەلەيمىز، نېمە ئۈچۈن NASA زور مەبلەغ سەرپ قىلىپ خابىل تېلېسكوپىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىدۇ؟ خابىل يەنە قانداق ئەۋزەللىككە ئىگە؟

ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىپ ئالەم تېلېسكوپىنى ياسايدۇ؟

ئىنسانلارنىڭ ھازىرقى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات باسقۇچىدا، ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، بىز تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى يىراق ئالەم رايونىغا ئاپىرىپ ئىزدىنىشكە ئامالسىز قالدۇق. تېلېسكوپ يەنىلا بىزنىڭ ئالەمنى چۈشىنىشىمىزدىكى ئەڭ ياخشى قورال. ئەمما كىشىنى تېخىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغىنى شۇكى، بىز يورۇقلۇق تېزلىكىدىن مەڭگۈ بۆسۈپ ئۆتەلمەيمىز، كائىنات نەچچە مىليون نۇر يىلى چوڭلۇقىدا كېلىدۇ، ھازىرقى ئىلمىي بىلىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ بىزنىڭ پەن-تېخنىكىمىزنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن باسقۇچقا يەتكەن تەقدىردىمۇ، بەلكىم بىز يەنىلا كائىناتنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىغا يېتىپ بارالماسلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا بىز پەقەت تېلېسكوپ ئارقىلىق يىراقتىكى ئالەم رايونىنىڭ مەنزىرىسىنى كۆزىتەلەيمىز. ئەمما يەر يۈزىدىكى تېلېسكوپلار مۇقەررەر ھالدا نۇرغۇن كاشىلىلارغا ئۇچرايدۇ. ئالدى بىلەن ئاتموسفېرا تۇربۇلېنتىنىڭ تەسىرى بولىدۇ. بىز ھاۋا ئوچۇق كېچىلىرى ئاسماننى قاپلىغان يۇلتۇزلارغا قارىغىنىمىزدا، ئاتالمىش بۇ يۇلتۇزلارنىڭ «كۆزىنى چىمىلداتقانلىقىنى» كۆرىمىز، ئەمەلىيەتتە بۇ ئاتموسفېرا تۇربۇلېنتىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىپ ئالەم تېلېسكوپىنى ياسايدۇ؟

ئاتموسفېرا تۇربۇلېنتى بولسا ئاتموسفېرا قاتلىمىدا دائىم كۆرۈلىدىغان بىر خىل تەبىئىي ھادىسە بولۇپ، ئاتموسفېرانىڭ بىر خىل مۇھىم ھەرىكەت شەكلىدۇر. ئۇنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ئوخشاش بولمىغان قاتلام-دەرىجە ياكى ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى ھاۋانىڭ ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىشى تەكشى بولماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئاتموسفېرادىكى ھەرىكەت مىقدارى، ئىسسىقلىق مىقدارى، سۇ پارى ۋە بۇلغىمىلارنىڭ ۋېرتىكال ۋە گورىزونتال ئالماشتۇرۇش رولىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىدۇ، مولېكۇلا ھەرىكىتىنىڭ ئالماشتۇرۇش سىجىللىقىدىن خېلىلا چوڭ. ئاتموسفېرا تۇربۇلېنتىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى بىرلا ۋاقىتتا يورۇقلۇق دولقۇنى، ئاۋاز دولقۇنى ۋە ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىنىڭ ئاتموسفېرادا تارقىلىشىغا بەلگىلىك كاشىلا پەيدا قىلىدۇ.

ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىپ ئالەم تېلېسكوپىنى ياسايدۇ؟

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، يەر شارى ئاتموسفېرا قاتلىمىدىكى ماددىلار تەكشى تارقالمايدۇ، يەر شارى ئاتموسفېرا قەۋىتىنىڭ ئىسسىق-سوغۇقلۇقى تەكشى بولمىغانلىقتىن، ئاتموسفېرا قاتلىمىدىكى ماددىلارنىڭ تارقىلىشىمۇ تەكشى بولمايدۇ، بۇ بىزنىڭ بىر گاز كۆپۈكچىسىنىڭ ئىچىدە ئالەمنى كۆزەتكىنىمىزگە باراۋەر، بۇ بىز كۆرگەن ئالەم تەسۋىرىدە تەۋرىنىش ۋە مۈجمەللىك پەيدا قىلىپ، كۆزىتىشنىڭ توغرىلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ئۇنىڭدىن قالسا ئاتموسفېرا قاتلىمى يورۇقلۇق دىفراكسىيىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نۇر دىفراكسىيىسى يورۇقلۇقنىڭ تارقىلىش جەريانىدا توسالغۇ ياكى كىچىك تۆشۈككە يولۇققاندا، يورۇقلۇقنىڭ تۈز سىزىق بويىچە تارقىلىش يولىدىن چەتنەپ، توسالغۇ جىسىمنىڭ كەينىگە ئايلىنىپ تارقىلىش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ. يەر شارى ئاتموسفېراسىدا بولسا، نۇرغۇن ماددا ۋە چاڭ-توزانلار تارقالغان ۋە لەيلەپ يۈرگەن بولغاچقا، يىراق ئالەمدىن كەلگەن يورۇقلۇق يەر شارى يۈزىگە يېتىپ كەلگەندە مۇقەررەر ھالدا ئېغىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەيلى كۆرۈنىدىغان نۇر ياكى كۆرگىلى بولمايدىغان نۇر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىنىڭ بىر خىلىغا تەۋە، پەقەت دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئوخشاش بولمىغان ئېنېرگىيە ئوخشىمايدۇ، خالاس.

ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىپ ئالەم تېلېسكوپىنى ياسايدۇ؟

ھاۋادىكى لەيلىمە دانىچىلەر، ئائېروزول توپى، ھەتتا گاز مولېكۇلىلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇلار سۈمۈرۈلۈشى ۋە ئاجىزلىشىشى مۇمكىن، بۇ يەر يۈزىدە تۇرۇپ كۆزىتىشكە غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، X نۇرى يەر شارى ئاتموسفېراسى تەرىپىدىن تولۇق توسۇۋېلىنسا، بىز يەر شارىنىڭ سىرتقى يۈزىدە ئالەمنىڭ X نۇرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆزىتەلمەيمىز.

ئەلۋەتتە، يەنە ئەڭ مۇھىم بىر نوقتا يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى بولۇپ، بۇ نۇرنىڭ مەلۇم بىر رايوننى ئۇزاق ۋاقىت يورۇتۇشقا ئامالسىز قالدۇرىدۇ، ئەمما ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلگەن خابىل تېلېسكوپى بۇ مەسىلىلەرنى مۇكەممەل ھەل قىلىدۇ. بىرى، ئالەم بوشلۇقىدىكى خابىل تېلېسكوپى يەر شارى ئاتموسفېرا قاتلىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش تەسىرىگە تېخىمۇ ئۇچرىمايدۇ، ئۇ مەلۇم بىر رايوننى ئۇزاق ۋاقىت كۆزىتەلەيدۇ. شۇڭا خابىل تېلېسكوپىنىڭ ياردىمىدە ئىنسانلارنىڭ كائىناتنى چۈشىنىش سۈرئىتى بارغانسېرى تېزلەشكەن، نەزەرىيەدىكى نۇرغۇن ئالەم تەلىماتلىرى خابىل تەمىنلىگەن سۈرەتلەردە ئىسپاتلانغان.

ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىپ ئالەم تېلېسكوپىنى ياسايدۇ؟

ھازىرغا قەدەر، خابىل تېلېسكوپى بوشلۇقتا 31 يىل خىزمەت قىلدى، كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنغاندىن كېيىن ئ‍ۇمۇ «قېرىپ» قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالەم ئايروپىلانى سەپتىن چېكىنگەچكە، خابىل تېلېسكوپى ئالەم بوشلۇقىدا رېمونت قىلغىلى بولىدىغان توشۇش قورالىدىن ئايرىلىپ قالدى. نۆۋەتتە NASA خابىل ئەترىتى تارقاتقان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، خابىل كەلگۈسى نەچچە يىلدا خىزمىتىدىن چېكىنىپ، ئۆزىنىڭ «ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىكەن». ئۇ يەنە ناھايىتى تېزلا ئۆزىنىڭ ئىزباسارى ــ ۋېبېر ئالەم بوشلۇقى تېلېسكوپى بىلەن ئۇنىڭدىن باشقا تېخىمۇ كۈچلۈك ئالەم بوشلۇقى تېلېسكوپلىرىنى كۈتۈۋالىدىكەن، بەلكىم بىز ناھايىتى تېزلا ۋېبېر ئالەم بوشلۇقى تېلېسكوپى ئارقىلىق تېخىمۇ چاقناپ تۇرىدىغان ھەم سىرلىق بىر چەكسىز ئالەمنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى