سىياھ بېلىقنىڭ ئۆزىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدىكەن
سىياھ بېلىقنىڭ ئۆزىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولۇپ، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كۆز ئالدىدىكى ئېزىقتۇرۇشلارغا چىداپ تۇرالايدىكەن.
يېقىنقى تەتقىقاتچىلار سىياھ بېلىققا «كەمپۈت سىنىقى»غا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئېھتىياجىنى كېچىكتۈرۈپ ئورۇنداش سىنىقى ئىشلىگەن بولۇپ، تەجرىبىدە سىياھ بېلىققا ئالدىدىكى يېمەكلىكنى دەرھاللا يەۋېتىش ياكى بىردەم ساقلاپ تۇرالىسا تېخىمۇ كۆپ يېمەكلىك مۇكاپات بېرىشتەك ئۇسۇلنى ئىشلەتكەن.
نەتىجىدە، سىياھ بېلىقنىڭ مۇئەييەن دەرىجىدە ئۆزىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى بارلىقى مەلۇم بولغان. تېخىمۇ ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 130 سېكۈنت سەۋر قىلىپ تۇرالىغان بولۇپ، شىمپەنزە، قاغا ۋە شاتۇتى قاتارلىقى ھايۋانلارنىڭ نەتىجىسى بىلەن تەڭ چىققان. تەتقىقاتتا يەنە «ئېزىقتۇرۇشلارغا تاقابىل تۇرالىغان» سىياھ بېلىقنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارى سىنىقىدا ئىپادىسىنىڭ ناھايىتى ياخشى بولىدىغانلىقى بايقالغان.
تەتقىقاتچىلارنىڭ پەرەز قىلىپ، سىياھ بېلىقنىڭ ئۆزىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل يالغان تۈستە ياشاشتەك تۇرمۇش ئادىتى سەۋەبلىك شەكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىن دېگەن.