ساغلاملىق

كۆكرەك مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرۇشنىڭ پايدىسى

كۆكرەك مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرۇشنىڭ پايدىسى

كۆكرەك مۇسكۇل توقۇلمىلىرى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %35-%40ىنى ئىگىلەيدۇ، ساغلاملىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ بەدەنگە تۆۋەندىكىدەك پايدىسى بار:

1. ئۆپكە سىغىمچانلىقىنى ئۆستۈرىدۇ

35 ياشتىن كېيىن ئۆپكە سىغىمچانلىقى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ. بۇ چاغدىكى ئادەم بەدىنىنىڭ ئوكسىگېن يەتكۈزۈش مىقدارى ياش چاغلاردىكىدىن %5-%10 ئەتراپىدا ئازلايدۇ. ئۆپكىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئۆپكە سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ، كۆكرەك مۇسكۇلىنىڭ كۈچىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

2. يۈرەكنى ساغلاملاشتۇرىدۇ

يۈرەك كۆكرەكنىڭ سول قىسمىغا جايلاشقان، ئەگەر كۆكرەك مۇسكۇلى كۈچەيسە، يۈرەكنى سىرتقى تايانچ ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇ يالغۇز قان-تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، يۈرەكنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.

3. سۆڭەكنىڭ ساقلىقىنى ساقلايدۇ

كۆكرەك مۇسكۇلى ئۆپكە، يۈرەك ھەمدە كۆكرەك قىسمىدىكى قوۋۇرغىلارنىڭ سىرتقى يۈزىنى قاپلىغان بولۇپ، ئەگەر كۆكرەك مۇسكۇلى تەرەققىي قىلسا، سىرتقى كۈچتىن شەكىللەنگەن زەخىمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سۆڭەكنىڭ ئېغىر توسالغۇغا ئۇچرىشىدىن ساقلايدۇ.

كۆكرەك مۇسكۇلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئەر-ئاياللار ساغلاملىقىغا بولغان ئەۋزەللىكى قەيەردە ئىپادىلىنىدۇ؟

ئەرلەر ئۈچۈن:

1. يۇقىرىقى بەدەن مۇسكۇلىنىڭ كۈچىنى ئۆستۈرىدۇ. يۇقىرىقى بەدەن مۇسكۇلى يۇقىرىقى بەدەننىڭ ئىتتىرىلىش كۈچى، سوزۇلۇش كۈچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆكرەك مۇسكۇلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا قوشنا مۇسكۇل توپى تەسىرگە ئۇچراپ، يۇقىرىقى بەدەن مۇسكۇلىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئاياللارنىڭ كۆكرەك مۇسكۇلىنى مەشىقلەندۈرۈش كۈچى چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ مۇسكۇل كۈچى ئەرلەرنىڭكىگە يەتمەيدۇ.

2. بەدەن شەكلى گۈزەللىشىدۇ. كۆپىنچە ئەرلەرنىڭ كۆكرەك مۇسكۇلىنى مەشىقلەندۈرۈش مەقسىتى گۈزەل بەدەنگە ئېرىشىشتۇر. كۆكرەك مۇسكۇلىنىڭ قاۋۇللىقى بەدەننىڭ شەكلىنى چىرايلىقلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە كىيىم يارىشىدۇ.

ئاياللار ئۈچۈن:

1. كۆكرەك شەكلى گۈزەللىشىدۇ. ئاياللارنىڭ كۆكسى سۈت بېزى، ماي، بىرىكتۈرۈگۈچى توقۇلما، مۇسكۇل ۋە نېرۋا قان-تومۇرلىرىدىن تۈزۈلگەن. بەزى كىشىلەر مۇسكۇل قانچە تەرەققىي قىلسا كۆكسىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بەدەندىكى ماي كۆكسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى بەلگىلەيدىغان ئامىلدۇر. كۆكرەك مۇسكۇلى كۆكسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتەلمىسىمۇ، بىراق شەكلىنى تۈزەپ، ئەتراپىدىكى بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلارنى كۈچەيتىپ، تۆۋەنگە ساڭگىلاشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

2. كۆكرەك قىسمىنىڭ سىرتقا كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئىچ كىيىمنىڭ زىيادە بوش بولۇشى، ئولتۇرۇش ھالىتىنىڭ ناتوغرىلىقى قاتارلىقلار ئاياللار كۆكسىنىڭ سىرتقا كېڭىيىشىنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا كۆكرەك مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كۆكسىنى چىڭىتىدۇ.

3. بەدەن قىياپىتىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ. ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك قۇرۇلمىسى ئالاھىدە بولغاچقا، كۆكرەك مۇسكۇلى ئەرلەرنىڭكىدىن ئاجىز بولىدۇ، شۇڭا كۆكرەك مۇسكۇلىنى قەرەللىك چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەل بەدەن قىياپىتىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

كۆكرەك مۇسكۇلىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ھەرىكەتلەر:

كۆكرەك مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرۇشنىڭ پايدىسى

1. قولنى تامغا تىرەپ يەر بېغىرلاش ھەرىكىتى. تامدىن 60 سانتىمېتىر يىراقلىقتا تۇرۇپ، قولنى مۆرە بىلەن تەڭ ئىگىزلىكتە ھەم مۆرە كەڭلىكىدە تامغا تىرەپ يەر بېغىرلاش ھەرىكىتى ئىشلىسەك بولىدۇ.

كۆكرەك مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرۇشنىڭ پايدىسى

2. بىلەكنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈش ھەرىكىتى. بىلەكنى 180 گىرادۇس ئېچىپ، يۇقىرىدىكىدەك ھالەتتە ئالىقاننى ئالدىغا قارىتىپ بىلەكنى ئاستا-ئاستا يۇقىرى كۆتۈرۈپ يەنە ئەسلى ھالەتكە قايتۇرۇپ كۈندە 10-15 قېتىمغىچە ئىشلىسەك بولىدۇ.

كۆكرەك مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرۇشنىڭ پايدىسى

3. رېزىنكىنى 8 شەكلىدە سوزۇش ھەرىكىتى. رەسىمدىكىدەك تىك تۇرۇپ، پۇتنى مۆرە كەڭلىكىدە ئېچىپ، رېزىنكىنى ئىككى تەرەپكە خۇددى كۆكرەك كېرىش ھەرىكىتى ئىشلىگەندەك سوزساق بولىدۇ.

كۆكرەك مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرۇشنىڭ پايدىسى

4. گانتېل كۆتۈرۈش مەشىقى. سېلىنچىدا تۈز يېتىپ، پۇتنى مۆرە كەڭلىكىدە ئېچىپ، تارغاق سۆڭىكىنى يىغىپ، تۆۋەنگە چۆكتۈرۈپ، دۈمبىنى سېلىنچىغا چاپلاپ، قورساق قىسمىنى يىغىمىز، بىلىمىز يەر يۈزىدىن ئازراق كۆتۈرۈلىدۇ، چوڭ بىلەكنى بەدەننىڭ ئىككى تەرىپىگە چاپلاپ، كىچىك بىلىكىمىزنى يەر يۈزىگە تىك قىلىپ، گانتېلنى كۆتۈرۈپ چۈشۈرىمىز.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى