ساغلاملىق

بويۇننىڭ كەينىدىكى ياغ ئ‍ۆسمىسى زادى قانداق پەيدا بولىدۇ؟

بەزىدە ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ بوينىدا بىر چوڭ ھۈررەكنىڭ پولتىيىپ چىقىپ قالغانلىقىنى ئ‍ۇچرىتىپ قالىمىز. كۆپ ساندىكى بوينىدا «چوڭ ھۈررەك» بارلارنىڭ كۆپىنچىسى بايلار بولغاچقا، كۆپچىلىك ئادەتتە ئۇنى «دۆلەتمەن ئ‍ۆسمە» دەپمۇ ئاتايدۇ. ئەلۋەتتە بۇ دۆلەتمەنلىكنىڭ سىمۋولى ئەمەس، ئۇنى بىر خىل كېسەللىك دېسەك بولىدۇ، ئۇ بىزنىڭ بويۇن ۋە مۈرە قىسمىمىزغا ماينىڭ زىيادە چۆكۈشتىن شەكىللەنگەن چوڭ ھۈررەك ياكى ياخشى سۈپەتلىك ياغ ئۆسمىسى.

بويۇننىڭ كەينىدىكى ياغ ئ‍ۆسمىسى زادى قانداق پەيدا بولىدۇ؟

ياغ ئۆسمىسىنىڭ شەكىللىنىشى تۇرمۇش ئادىتىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھازىرقى جەمئىيەتتە ئىنتېرنېت تورى ئومۇملىشىپ ھەم يانفوننىڭ ئىقتىدارى كۈچىيىپ، بارغانسېرى كۆپ كىشىلەر يانفوندىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قالدى.

بويۇننىڭ كەينىدىكى ياغ ئ‍ۆسمىسى زادى قانداق پەيدا بولىدۇ؟

ياغ ئۆسمىسىنىڭ شەكىللىنىشى ئاساسلىقى بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئولتۇرۇش قىياپىتىمىزنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان. شۇڭا چوقۇم تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ئولتۇرۇش ھالىتىمىزنى توغرىلاپ، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بەرسەك بەلگىلىك يېنىكلىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيمىز. بويۇننىڭ كەينىدىكى ياغ ئۆسمىسىگە كۆپچىلىك ھەرگىز سەل قارىماسلىقى كېرەك، بۇ كىچىككىنە ياغ ئۆسمىسى بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى پەيدا بولۇشنىڭ بېشارىتى بولالايدۇ.

بويۇننىڭ كەينىدىكى ياغ ئ‍ۆسمىسى زادى قانداق پەيدا بولىدۇ؟بۇنىڭدىن باشقا ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىككە گىرىپتار بولۇپ ئ‍ۇزۇن يىللاردىن بۇيان دورا ئىستېمال قىلىۋاتقانلار ئ‍ىچىدىمۇ، دورا سەۋەبلىك پەيدا بولىدىغان ياغ ئۆسمىسى پەيدا بولىدىغان ئ‍ەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەگەر ياغ ئۆسمىسىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ياكى بويۇن ئومۇرتقىسى بىئارام بولغانلىقىنى بايقىساق، چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ داۋالىنىشىمىز، ھەرگىزمۇ توردىكى ئاتالمىش رېتسېپلارغا ئ‍الدىنىپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى