كومپيوتېر

32 بىتلىق سىستېما بىلەن 64 بىتلىق سىستېمىنىڭ پەرقىنى بىلىۋېلىڭ

بۈگۈن مۇشۇ تېمام ئارقىلىق 32 بىتلىق ۋە 64 بىتلىق سىستېمىنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچتىن باشقا يەنە قايسى جەھەتلەردە پەرقى بارلىقىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن.

بىرىنچىسى: قوللايدىغان ئىچكى ساقلىغۇچىسى ئوخشىمايدۇ؛

32 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 4G لىق ئىچكى ساقلىغۇچنى قوللايدۇ. ئەمەلىي كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىچكى ساقلىغۇچ بولسا 3.25G خالاس.  64بىتلىق سىستېما 4G ، 8G ، 16G ، 32G ، 64G ، 128G ۋە 256G ئىچكى ساقلىغۇچلارنى بىمالال قوللايدۇ. مۇنداقچە ئېيتساق ، ئانا تاختىڭىزدا يېتەرلىك ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەيدىغان ئوقۇرى بولسىلا، ئۇنى چەكسىز چوڭايتىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ يەنى ئانا تاختىنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچ قوللاش دائىرىسگە قاراپ زورايتىشقا بولىدۇ. مانا بۇ 32 بىتلىق ۋە 64 بىتلىق سىستېمىلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكنىڭ بىرسى.

سى ئوخشىمايدۇ CPUقوللايدىغان

64 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسى 64 بىتلىق CPU نى قوللايدۇ ، ئەمما 32 بىتلىق سىستېما 64 بىتلىق CPU نى قوللىمايدۇ. شۇڭا CPU رىڭىزنىڭ قايسى بىتلىق سىستېمىنى قوللايدىغانلىقىغا قاراپ سىستېما قاچىلاڭ.

قوللايدىغان يۇمشاق دېتاللار ئوخشىمايدۇ؛

32 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسى 32 بىتلىق يۇمشاق دېتالنى قوللايدۇ ، 64 بىتلىق يۇمشاق دېتالنى ئىجرا قىلالمايدۇ، 64 بىتلىق سىستېمىلار ئادەتتە ھەر ئىككى خىل تىپنى قوللايدۇ (يەنى 32 بىتلىق ۋە 64 بىتلىق يۇمشاق دېتاللارنى تەڭ قوللايدۇ،) ھەر خىل يۇمشاق دېتاللار، بولۇپمۇ Adobe يۇمشاق دېتاللىرى بىلەن ئاساسەن ماس كېلىدۇ. لېكىن ھازىرقى يېڭى نەشرلىرى پەقەت 64 بىتلىق سىستېمىلارنىلا قوللايدۇ يەنى 64 بىتلىق سىستېمىلارغىلا قاچىلاشقا بولىدۇ دېگەنلىك.

سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى

32 ۋە 64 لىق CPU لارنىڭ بىرلا قېتىمدا ئىجرا بولۇپ سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىشى ئوخشىمايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ، 64 بىتلىق 32 بىتلىقتىن ئىككى ھەسسە تېز.

سىستېما چوڭلۇقى

64 بىتلىق سىستېمىلار سىغىم جەھەتتىن 32 بىتلىق سىستېمىلاردىن خېلىلا چوڭ. مەسىلەن 64 بىتلىق 10 نىڭ سىغىمى 4.95GB. ئەمما 32 بىتلىقنىڭ سىغىمى 3.54GB كېلىدۇ.

خوش ئۇنداقتا يۇقارقى بەش خىل پەرق ئارقىلىق 32 بىتلىق ۋە 64 بىتلىق سىستېمىنىڭ پەرقىنى بىلىۋالدىڭىز. ئەمدى كاللىڭىزدا مېنىڭ كومپيوتېرىمغا قايسى سىستېمىغا ماس كېلىدىغاندۇ دەپ قالغانسىز ھە؟ ئۇنداق مۇشۇ ھەقتىمۇ كىچىككىنە سۆزلەپ بېرەي؛

1. ناۋادا كومپيوتېرىڭىزنىڭ CPU سى 32 بىتلىق بولۇپ قالسا، سىز چوقۇم 32 بىتلىق سىستېما ئىشلىتىشىڭىز كېرەك. ئەگەر 64 بىتلىق CPU بولۇپ قالسا ئۇنداقتا 32 ياكى 64 نىڭ خالىغان بىرسنى قاچىلىسىڭىز بولىدۇ. كونا كومپيوتېرلار يەنى 1-2-3-ئەۋلاد كومپيوتېرلارغا 64 بىتلىق سىستېمىلار ماس كەلمەيدۇ چوقۇم 32 نى ئىشلىتىش كېرەك.

2. ئىچكى ساقلىغۇچى 4GB دىن تۆۋەن بولسا، چوقۇمكى 32 بىتلىق سىستېمىلارنى قاچىلاڭ. ناۋادا ئىچكى ساقلىغۇچىڭىز 4GB ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولسا ئەلۋەتتە ئىككىلەنمەي شاش تۇرۇپ 64 بىتلىق سىستېمىنى قاچىلىسڭىز بولىدۇ.

خوش ئەمدى خۇلاسىلىسەم:

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى