ساغلاملىق

سوزۇلما خاراكتېرلىك توسۇلۇشچان ئۆپكە كېسىلى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

سوزۇلما خاراكتېرلىك توسۇلۇشچان ئۆپكە كېسىلى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

سوزۇلما خاراكتېرلىك توسۇلۇشچان ئۆپكە كېسلى بولسا ئۆپكە ھاۋا ئېقىمى ئۈزلۈكسىز توسالغۇغا ئۇچراشتەك ئالاھىدىلىكنى ئاساس قىلغان، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقا مۇمكىن بولىدىغان كۆپ ئۇچىرايدىغان نەپەس يولى كېسەللىكى ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە سوزۇلما خاراكتېرلىك شاخچە كاناي ياللۇغى ۋە ئۆپكە گازلىق ئىششىقىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئامىلنىڭ ئورتاق تەسىرىدە پەيدا بولىدۇ،

 

يەنى سوزۇلما خاراكتېرلىك شاخچە كاناي ياللۇغى، كۆپچىلىك ئادەتتە دەپ كېلىۋاتقان ”气管炎“ ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشقاندىن كېيىن ئۆپكە گازلىق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆپكە ھاۋا ئېقىمى ئۈزلۈكسىز توسالغۇغا ئۇچىرىسا ئۇنداقتا سوزۇلما خاراكتېرلىك توسۇلۇشچان ئۆپكە كېسىلى دەپ دىئاگىنوز قويۇشقا بولىدۇ.

گەرچە ئالدىنقى قېتىملىق لېكىسىيەدە سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك زىققا كېسىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىمۇ ئوخشاشلا سوزۇلما خاراكتېرلىك شاخچە كاناي ياللۇغى بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنكى لېكىسىيىمىزدە سۆزلىمەكچى بولغان توسۇلۇشچان ئۆپكە كېسىلىگە ئوخشىمايدۇ، يەنى زىققا كېسىلىنىڭ ھاۋا ئېقىمىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى بولسا ئۈزلۈكسىز بولمايدۇ، شۇنداقلا نورمال ئەسلىگە قايتالايدۇ، لېكىن توسۇلۇشچان ئۆپكە كېسلىنىڭ ھاۋا ئېقىمىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى ئۈزلۈكسىز، ئەسلىگە قايتماسلىقتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، بۇ نۇقتىنىڭ ئۆزى يەنە مۇشۇ زىققا كېسلى بىلەن پەرقلەندۈرۈشتە مۇھىم رولى بار.

ئادەتتە سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە توسۇلۇشچان كېسلىنى تۆۋەندىكىدەك ئىككى مەزگىلگە ئايرىيمىز:

جىددىي خاراكتېرلىك ئېغىرلىشىپ كېتىش مەزگىلى: بۇ مەزگىلدە ھۆتەل، بەلغەم، دەم سىقىلىش، ھاسىراش قاتارلىق ئالامەتلەر ئادەتتىكىگە قارىغاندا روشەن ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، كۆپىنچە ۋاقىتتا زۇكامداپ قالغاندىن كېيىن شاخچە كاناي ياللۇغىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن پەيدا بولىدۇ.

تۇراقلىق مەزگىلى: بۇ مەزگىلدە ھۆتەل، بەلغەم، دەم سقىلىش، ھاسىراش قاتارلىق ئالامەتلەر يەڭگىل بولىدۇ.

كېسەللىك سەۋەبى: ئۇزۇن مەزگىللىك تاماكا چېكىش بولسا بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئەڭ مۇھىم سەۋەب ھېسابلىنىدۇ، لېكىن تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولۇشى ناتايىن. شاخچە كاناي ياللۇغى بولسا يەنە بىر تۈرلۈك مۇھىم سەۋەب ھېسابلىنىدۇ، ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشقان سوزۇلما خاراكتېرلىك شاخچە كاناي ياللۇغى ئاخىرىدا شاخچە كاناينىڭ شەكىلى ئۆزگىرىپ ھەم تارىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ شۇ ئارقىلىق ئاستا-ئاستا مۇشۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇشقا سەۋەبچى بولىدۇ، شۇنداقلا ھەر قېتىم ياللۇغ ئېغىرلاشقاندا جىددىي خاراكتېرلىك ئېغىرلىشىپ كېتىش مەزگىلىگە كىرىپ قالىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە ئېرسىيەت ئامىلى، مۇھىت بۇلغىنىش، تۈرلۈك خىمىيۋى ماددىلار بىلەن ئۇزۇن مەزگىل ئۇچرىشىش قاتارلىقلارمۇ بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئامىللار ھېسابلىنىدۇ.

كېسەللىك پەيدا بولۇش مېخانىزىمى: باشقا تۈردىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك نەپەس يولى كېسەللىكىگە ئوخشاش بۇ كېسەلنىڭمۇ پەيدا بولۇش مېخانىزىمى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس، ئۇزۇنغا سوزۇلغان شاخچە كاناي ياللۇغى ۋە ئۆپكە ياللۇغى، ئوكسىدلىنىش، ئاقسىل ئېرىتكۈچى ئېنىزىم تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇش قاتارلىق بىر تۈرلۈك سەۋەبلەرنىڭ ئورتاق تەسىرى ئاستىدا ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا مۇشۇ خىل كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۇقىرى خەۋپلىك كىشىلەر توپى: 35 ياشتىن يۇقىرىلار، تاماكا چەككۈچىلەر ياكى ئۇزۇن مەزگىل تاماكا ئىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغۇچىلار، سوزۇلما خاراكتېرلىك نەپەس يولى ياللۇغى، بىۋاستە قانداش تۇغقانلاردا مۇشۇ خىل كېسەللىك بارلار، ئۇزۇن مەزگىل ھاۋا بۇلغانغان مۇھىتتا ياشىغۇچىلار، بوۋاق مەزگىلىدە قايتا-قايتا نەپەس يولى ياللۇغى بولغانلار مۇشۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپىغا كىرىدۇ.

دىئاگىنوز:

كىلىنكىلىق ئالامەت: داۋاملىق تۈردە ھاۋا سوغۇق پەسىلدە قايتا-قايتا كۆرۈلگەن ھۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش، دەم سىقىلىش، ھاسىراش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە؛

ئۆپكە ئىقتىدارى تەكشۈرۈش: ئۆپكە ھاۋا ئۆتۈشۈش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش بولسا مۇشۇ كېسەلگە دىئاگىنوز قويۇش، ئېغىر-يېنىكلىك دەرىجىسىنى باھالاش، كېسەللىكنىڭ تەرەققىياتىغا ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايتى مۇھىم رولى بار. تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بولسا ئۆپكە سىغىمچانلىقىنى ئۆلچەشكە ئوخشاپ كېتىدۇ، يەنى بىمار ئۆلچەش ئۈسكۈنىسىگە چېتىلغان شىلانكىغا كۈچەپ پۈۋلەيدۇ، ئۈسكۈنە بىمارنىڭ پۈۋلىگەن ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆلچەيدۇ.

ئۆپكىنى رېنتىگېن نۇرىدا تەكشۈرۈش: بۇ ئارقىلىق ئۆپكە گازلىق ئىششىقى بار-يوقلۇقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ ۋە باشقا كېسەللىكتىن پەرقلەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.

داۋالاش:

دورا ئارقىلىق داۋالاش: يۇقاردا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ كېسەللىك ئاساسلىقى ياللۇغنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشى ۋە شاخچە كاناينىڭ تارىيىپ كېتىشىدىن پەيدا بولىدۇ، شۇڭا كىلىنكىلىق داۋالاشتا ئادەتتە زىققا كېسىلىگە ئوخشاشلا ئالدى بىلەن ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى ئارقىلىق ياللۇغنى كونتىرول قىلىش لازىم، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تۈرلۈك شاخچە كاناينىڭ تارىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق دەم سىقىلىش، ھاسىراش قاتارلىق ئالامەتلەرنى يەڭگىللىتىشكە بولىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە ھۆتەل توختىتىش، بەلغەم بوشىتىش دورىلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامىتىنى يەڭگىللىتىشكە بولىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش:

خەۋپلىك ئامىللاردىن يىراق تۇرۇش، مەسىلەن تاماكا تاشلاش، تاماكا تاشلاشنىڭ بۇ كېسەلنى كونتىرول قىلىش ۋە داۋالاشتا ئەھمىيىتى ناھايتى چوڭ، ئۇندىن باشقا چاڭ-توزان ۋە باشقا غىدىقلىغۇچى ماددىلاردىن يىراق تۇرۇش لازىم.

ۋاكسىنا ئەملەش: ھەر يىلى ئۆپكە زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيسىگە قارشى ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق بۇ كېسەللىكنىڭ قوزغىلىپ قېلىشى ۋە ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى ئازايتىشتا ئۈنۈمى ياخشى.

كېسەللىكنىڭ تۇراقلىق مەزگىلدە سۈمۈرۈپ ئىشلىتىدىغان شاخچە كاناي تارىيىشقا قارىشى دورىلارنى ئۇزۇن مەزگىل قانۇنىيەتلىك ئىشلىتىش ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ داۋاملىق تەرققىي قىلىشىنى ئاستىلاتقىلى ۋە شۇنداقلا ياخشى بولغان داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ئوكسېگىن ئارقىلىق داۋالاش: ئەگەر بارماق ئۇچىدا ئۆلچىگەن قاندىكى ئوكسېگىن قويۇقلۇقى 88 پىرسەنتتىن تۆۋەن بولسا ئۇنداقتا ئائىلىدە ئوكسېگىن ماشىنىسى ئارقىلىق ئۇزۇن مەزگىل تۆۋەن قويۇقلۇقتا ئوكسېگىن سۈمۈرۈش ئارقىلىق رەئىس ئەزالارغا ئوكسېگىن يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان ئىككىلەمچى زەخمىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ، كۈندىلىك ئوكسېگىن سۈمۈرۈش ۋاقتى 15 سائەتتىن تۆۋەن بولماسلىق لازىم، لېكىن چوقۇم تۆۋەن قويۇقلۇقتا سۈمۈرۈش لازىم.

زەخمىسىز نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئىشلىتىش: ئوكسېگىن سۈمۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا زەخمىسىز نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى ئارقىلىق ئۆپكىگە ھاۋانى بېسىم بىلەن كىرگۈزۈش بولسا كىلىنكىدا كەڭ كۆلەملىك قوللىنىلىدىغان داۋالاش تېخنىكىسى ھېسابلىنىدۇ.

تۇبېركۇليوز بىلىملىرى تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى