ساغلاملىق

ئەيدىز بىمارى دەپ دىياگنوز قويۇلغان ئىنژېنېرنىڭ ھېكايىسى

ئەيدىز بىمارى دەپ دىياگنوز قويۇلغان ئىنژېنېرنىڭ ھېكايىسى

ئافىرىقىدىن قايتىپ كەلگەن ئىككىنچى ھەپتىسى شياۋجاۋدا سەۋەبى ئېنىق بولمىغان قىزىتما پەيدا بولدى، ئۇ ئافرىقىدا بەزگەك كېسىلىنىڭ ناھايىتى كۆپ يامرايدىغانلىقىنى ۋە خېلىلا ئېغىر كېسەل ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلەتتى، شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ بەزگەك بىلەن يۇقۇملانغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ دەرھال دوختۇرخانىغا كەلدى. دوختۇر تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ بەزگەك كېسىلى بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقىنى، ئەمما بەزگەكتىنمۇ يامان بىر خىل كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېيتتى. شياۋجاۋنىڭ قىزىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان باش جىنايەتچى ئەمەلىيەتتە ئەيدىز ۋىرۇسى ئىدى، ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، شياۋجاۋ ئۈندىمەستىن بېشىنى ساڭگىلىتىپ يىغلاپ كەتتى.
ئەمدىلا 25 ياشقا كىرگەن بىر ياش ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەيدىز كېسىلىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلۇش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئۇ خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى، ئۇزاق ۋاقىت ياشىيالمايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى.

ئەيدىز بىمارى دەپ دىياگنوز قويۇلغان ئىنژېنېرنىڭ ھېكايىسى

ئىستىقبالى بىردىنلا قاراڭغۇلاشقان ئۇ خۇددى يارىلانغان كىچىك مەخلۇققا ئوخشاش، قاراڭغۇ ئۆيگە مۆكۈۋېلىپ تۆۋەن ئاۋازدا نالە قىلدى. 25 ياشلىق بۇ ياش ئافرىقىدىن قايتىپ كېلىپلا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلانغان، ئۇنداقتا بۇ ئىنژېنېر نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرگەندۇ؟
25 ياشلىق شياۋجاۋ ئىككى يىل ئىلگىرى ئافرىقىدىكى كېنىيەگە بارغان بولۇپ، ئۇنىڭ سالاھىيىتى بىر يول ياساش ئىنژېنېرى ئىدى، ياقا يۇرتتا تۇرۇۋاتقان ئ‍ۇ بىر ئ‍از زېرىكىشلىك ھېس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە شياۋجاۋ قاۋاقخانىغا ھاراق ئىچكىلى بېرىپ، چىرايلىق بىر قارا تەنلىك ساھىبجامال بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ، پاراڭلاشقانسېرى كۆڭلىدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن باشقىچە پىلانلاردا بولىدۇ.
شۇ قېتىملىق گۈزەل ئۇچرىشىش شياۋجاۋنى تۇنجى قېتىم جىنسىيەت تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرىدۇ، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا ئوقۇتقۇچىسى، ساۋاقداشلىرىنىڭ نەزىرىدە ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن خىزمەتداشلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ياش ئىدى، لېكىن شياۋجاۋ گەپ قىلىشنى ياخشى كۆرمەيتتى، شۇڭلاشقىمىكىن ئ‍ۇ ئاياللار بىلەن ئانچە بەك ئالاقە قىلىپ كەتمەيتتى، ئەمما بۇ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىش ئۇنىڭ ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتكەن ئىدى.

باشقا دۆلەتتە تۇرۇۋاتقان شياۋجاۋ بۇنداق گۈزەل ئۇچرىشىشنىڭ ئۆزىگە ئۆمۈرۋايەت بەختسىزلىك ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئافرىقىدا ئەيدىز كېسەللېكىنىڭ كۆپ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئۇ بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس، لېكىن ئۇ يەنىلا ئۆزىنى كونترول قىلالمىدى. شۇ قېتىملىق گۈزەل ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئ‍ۇ نۇرغۇن ماتېرىياللارنى ئاختۇرۇپ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئەيدىز كېسىلىنى توسقۇچى دورىلارنى ۋاقتىدا ئىچسە، ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئ‍افرىقىدا ۋىرۇسقا قارشى دورىلار كەمچىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە دورىنىڭ ئەكس تەسىرى ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، شياۋجاۋ توسقۇچى دورىلارنى يېمەسلىكنى قارار قىلدى، ئۇ ئىزچىل تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، ئۆزىنى يۇقۇملانمايدىغاندەك ھېس قىلدى.
دوختۇرلارنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، شياۋجاۋ تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشتىن كېيىن، گەرچە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللانغان بولسىمۇ، يەنە ئافرىقىدا كۆپ قېتىم ناتونۇش قىزلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ئىدى.

ئەيدىز بىمارى دەپ دىياگنوز قويۇلغان ئىنژېنېرنىڭ ھېكايىسى

ئ‍افرىقىدەك ئەيدىز كېسىلى كۆپ كۆرۈلىدىغان، خەتىرى يۇقىرى رايوندا بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي تۇرۇپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىنى ئاسرىمىغانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىزچىل ھالدا تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا تۇرۇۋاتقان شياۋجاۋ شۇ بىر قېتىملىق بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي تۇرۇپ ئۆتكۈزگەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە يۇقۇملانغان ئىدى.
شياۋجاۋنىڭ ئېيتىشىچە ئەسلىدە ئۆزىنىڭ گۈزەل ئىستىقبالى مۇشۇ ئەيدىز كېسىلى سەۋەبلىك ھەممىسى يوققا چىققان ئىكەن. بۈگۈنكى كۈندە دوختۇرنىڭ پىسخىكا خىزمىتى ئىشلەش بىلەن شياۋجاۋ ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلغان، شۇنىڭ بىلەن مۇنتىزىم داۋالاشنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆمرى بىلەن ئانچە چوڭ پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى بىلگەن شياۋجاۋدا ھايات قېلىشقا نىسبەتەن قايتىدىن ئۈمىد تۇغۇلغان.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى