دۇنيادىكى ئەڭ غەلىتە ساياھەت مەنزىرىگاھلىرى
دۇنيادا ئاجايىپ-غارايىپ گۈزەل مەنزىرە رايونلىرى بار، ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان سىرلىق، ئىپتىدائىي، جايلار بىزنىڭ بايقىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. بۇ جايلارنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرەلمىسەكمۇ ئۇلارنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرۈشمۇ بىزنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ. بۈگۈن بىز دۇنيادىكى ئەڭ غەلىتە ساياھەت مەنزىرىگاھلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
-
رورايما تېغى
بۇ بىرازىلىيە، ۋېنېسۇئېلا ۋە گۋىئانا ئۈچ دۆلەت چېگرىلىنىدىغان جايدىكى پاكاراما تاغ تىزمىسىنىڭ ئەڭ ئىگىز چوققىسى بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى ئىنتايىن ئۆزگىچە. تاغنىڭ گىرۋەكلىرى تىك قىيالىق، چوققىسى تەكشى بولغاچقا، «ئۈستەل تېغى» دېگەن نامى بار.
باشقا نۇقتىدىن قارىغاندا مانا مۇنداق ھەيۋەتلىك، ئۆزگىچە كۆرۈنىدۇ.
رورايما تېغىنىڭ تارىخىنى ئۈچ يۈز مىليون يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتتىن سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، 18- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ھېچكىم ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغاچقا ئۇنىڭ گۈزەللىكى كۆمۈلۈپ ياتقان. 18- ئەسىردىن 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىر قانچە ئالىم ۋە ئىنسانشۇناسلار تاغ تىزمىلىرى ئارىسىغا يېتىپ بارغان، ئۇلار بۇ يەردە زور تىپتىكى ھايۋانلارنىڭ تاشقاتمىسىنى بايقىغان، كېيىن بۇ تاشقاتمىنىڭ دىنازاۋۇرنىڭ تاش قاتمىسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.
دىنازاۋۇرنىڭ تاشقاتمىسىدىن باشقا، بۇ يەردە بار بولغان %80 جانلىقلار دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا نەسلى قۇرۇپ كەتكەن جانلىقلار.
رورايما تېغىنىڭ چوققىسىدا ئاجايىپ غەلىتە تاشلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئادەمنىڭ بېشىغا، بەزىلىرى ھايۋانلارغا ئوخشايدۇ، ئۇ جاينىڭ غارايىبانە كۆرۈنۈشى ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنىڭ سىرلىرىغا بولغان قىزىقىشى ۋە قايىللىقىنى ۋايىغا يەتكۈزىدۇ.
بۇ جايدىكى غەلىتە تاشلاردىن باشقا يەنە خرۇستال تاشلار پۈتكۈل جىلغىنى چاقنىتىپ، كىشىنىڭ ئەقلىنى لال، كۆزىنى ئالا-چەكمەن قىلىۋېتىدۇ.
رورايما تېغىنىڭ چوققىسى تەپتەكشى بولۇپ، ئۇ يەردە سۇ ساقلاشقىمۇ بولىدۇ، ئەمما ئۇ جايدا سۇ ساقلاش ھاجەتسىز، چۈنكى تاغ چوققىسىدا شارقىراتما بار. بۇ غايەت زور شارقىراتمىنىڭ تاغ چوققىسىدىن ئېقىپ چۈشۈۋاتقان كۆرۈنۈشى بۇ تاغنىڭ تەبىئىي گۈزەللېكىنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدۇ.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ «پەرىزات شارقىراتمىسى» مۇشۇ يەرگە جايلاشقان.
«ئۇچار ئۆي ساياھەت خاتىرىسى» دېگەن فىلىمنى كۆرگەن بولسىڭىز ئېسىڭىزدە بولۇشى مۇمكىن، كارل بوۋاي بىلەن بودەك قىز «سىرلىق شارقىراتما»نى ئىزدەيدۇ، بۇ فىلىمدە چىقىدىغان شارقىراتما دەل رورايما تېغىدىكى «پەرىزات شارقىراتمىسى»نىڭ ئۆزى شۇ.
ئارتۇر كونان دويىلنىڭ 1912- يېزىلغان «ئۇنتۇلغان ماكان» ناملىق ھېكايىسىمۇ رورايما تېغىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان. رورايما تېغى بۇ دۇنيادىكى بىر گۆھەر، شۇنداقلا رېئال تۇرمۇشتىن يوقالغان بىر خىلۋەت ماكان.
2. بوننانى دېڭىز ساھىلى
ھىندىستاننىڭ ئەرەب دېڭىزىغا يېقىن بوننانى دېڭىز ساھىلى ئەسلىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى باشقا دېڭىز ساھىللىرىغا ئوخشاشلا مەنزىرىسى گۈزەل، بايلىقى مول، كىلىماتى يېقىشلىق، ئەمما باشقىچە ئالاھىدىلىكى يوق بىر جاي ئىدى.
ئەمما، تۇيۇقسىز پەيدا بولغان كەلكۈن سەۋەبلىك بۇ دېڭىز ساھىلىنىڭ قىياپىتى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ، كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان قوش يۆنىلىشلىك ساھىل شەكىللەنگەن.
دېڭىز دولقۇنى ئوڭ-سول ئىككى «قىرغاق»قا توختىماي ئۇرۇلغاندا ئاجايىپ فانتازىيەلىك تۈسكە كىرىدۇ. «قىرغاق»نى بويلاپ بىر كىلومېتىر ماڭسىلا چوڭقۇر دېڭىز رايونىغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر دېڭىز «قىرغىقى»نى بويلاپ بىۋاسىتە چوڭقۇر دېڭىز رايونىغا بارغىلى بولىدىغان جاي.
دېڭىز ساھىلىنىڭ بۇنداق شەكىلگە كىرىپ قېلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئېقىن يولىنىڭ ئۆزگىرىشى ئېقىن مىقدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، نەتىجىدە ئىككى يۆنىلىشتىكى ئېقىننىڭ بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇشى داۋامىدا «قىرغاق» شەكىللەنگەن.
شۇ يەرلىك ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2009- يىلى بۇ يەردە تۆت نەپەر ياش قاپسېلىپ قالغان، ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ بىرى تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتكەن.
دولقۇن كۆتۈرۈلگەندە، ساھىلدىكى ئادەمنى قوشۇپ ئېقىتىپ كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا بۇ جايغا ساياھەتكە بارغاندا چوقۇم ۋاقىت ۋە ساياھەت يېتەكچىسىنى توغرا تالاش كېرەك.
3. كرېملىن يانار تاغ كۆلى
كرېملىن يانار تاغ كۆلى ھىندۇنېزىيەدىكى خومو فلورېسېنسېس ئارىلىغا جايلاشقان. يانار تاغ ئېغىزىدىكى ئۈچ چوڭقۇر كۆلنى كۆرگەنلەر ئۇنى زادىلا ئۇنتالمايدۇ.
بۇ جايدىكى كۆللەرنىڭ رەڭگى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ، شۇڭا ئۈچ رەڭلىك كۆل دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەنە ھەر بىر كۆلنىڭ ئايرىم-ئايرىم گۈزەل نامى بار: ئەڭ غەرب تەرەپتىكىسى «تىۋۇ ئاتا مۇپۇ» (老人湖)، شەرق تەرەپتە بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن ئىككىسىنىڭ نامى «ياشلىق كۆلى» (青年湖) ۋە «ئەرۋاھ كۆلى»(幽灵湖).
بۇ جاينىڭ ئەڭ سىرلىق يېرى بۇ كۆللەر ئەمەس، بەلكى كۆل رەڭگىنىڭ پەسىل ۋە ھاۋارايىغا قاراپ ئۆزگىرىشى.
يەنى، ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا بۇ جايغا كېلىپ ساياھەت قىلغانلارنىڭ كۆرىدىغىنى كەم ئۇچرايدىغان غەلىتە مەنزىرىلەر، بۇ يەردىكى ئاجايىب تەبىئەت مەنزىرىسىنىڭ سېھرىي كۈچى كۆرگەن كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدۇ.
4. قانلىق شارقىراتما
قانلىق شارقىراتما بولسا جەنۇبىي قۇتۇپ مۇزلۇقىدىكى سىرلىق مەنزىرىگاھ بولۇپ، ئۇ خۇددى يارا ئېغىزىدىن ئېقىپ چىقىۋاتقان قان ئېقىنىغا ئوخشايدۇ.
ئۇ جەنۇبىي قۇتۇپتىكى ئەڭ سىرلىق مەنزىرە بولۇپلا قالماستىن، دۇنيا بويىچە مۇھىتى ئەڭ ناچار قۇملۇقلارنىڭ بىرى -مىكمۇردو قۇرۇق جىلغىسى.
مىكمۇردو جىلغىسى گەرچە جەنۇبىي قۇتۇپقا جايلاشقان بولسىمۇ، ئۇ يەردە مۇز ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ، چۈنكى تۆۋەنگە قاراپ بۇرۇلغان شامال سائىتىگە 200 ئېنگلىز مىلىلىق سۈرئەت بىلەن پۈتكۈل جىلغا ۋە ئۇ يەردىكى بارچە مۇزلۇقنى توغرىسىغا سۈپۈرۈپ ئۆتىدۇ، شۇڭا تورداشلار بۇ يەرنى يەر شارىدىكى مارسقا ئەڭ ئوخشايدىغان جاي دەپ تەرىپلىشىدۇ.
بۇ قانلىق شارقىراتما تۆمۈر ماددىسى ئوكسىدلانغاندىن كېيىن، تۆمۈر سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېرىپ مۇز قاتلىمىدىن ئۆتۈشىدىن شەكىللەنگەن. بۇ تۆمۈر ماددىسى مۇزلۇقنىڭ 400 مېتىر ئاستىدىكى تۇز كۆلدىن كەلگەن.
بۇ شارقىراتما جايلاشقان ئورۇن ئىنتايىن خەتەرلىك بولغاچقا، ئۇ يەرگە ساياھەتكە بارالايدىغانلار چەكلىك، پەقەت ئىلمىي تەتقىقاتچىلارلا بۇ جايغا يېقىنلىشىپ، ساقلىۋالغۇدەك نادىر سۈرەتلەرنى يالداما قىلىپ ئېلىپ كېلەلەيدۇ.