كومپيوتېر تېخنىكا

تارقۇت بىلوگى

ئاپتوماتىك كوپىيە

ئاپتوماتىك كوپىيە

Hello

ئەلدەربەگ

تارقۇت تور تۇرايىنىڭ قۇرغۇچىسى
    • ئىسىم – فامىلەم
    •  

    • نۆۋەتتە يۇشۇرۇن ھالەتتە
    • كەسىپىم
    •  

    • كەسپى شوپۇر ( بىلوگخۇمار )
    • ئورۇنۇم
    •  

    • جۇڭگو شىنجاڭ ئاتۇش شەھرى
    • قىزىقىشىم
    •  

    • بىلوگ يېزىش ، كىنو كۈرۈش ، ساياھەت قىلىش
    • مەدىنىيەت سەۋىيە
    •  

    • ئوتتۇرا تېخنىكوم ( قىسىمدىن چىكىنگەن كونا ئەسكەر )
    • خارەكتىرى
    •  

    • مىجەزىم ئوچۇق يۇرۇق چىقىشقاق ئەمما يالغانچىلىق ۋە ناھەقچىلىققا چىدىمايمەن ، سەل ئاغزىم ئىتتىك
    • مۇلازىمەت
    •  

    • سېسستىما چاچىلاش ، ئۇسلۇپ تەمىنلەش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش ، قىستۇرما تەمىنلەش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش

كەمىنە بىلوگچىلىققا ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان بالىمەن ، بىلوگ ئىشتىياقى سەۋداسىنىڭ تۈرۈتكىسى بىلەن تارقۇت بەگلىكىنى قۇرۇپ چىقتىم ، بەگلىكىمىز سەككىز يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ بۇ جەرياندا بىر تەرەپتىن ئۈگەنسەم يەنە بىر تەرەپتىن كەڭ دوستلارنىڭ بىلوگ قۇرۇش يولدا قىينالغان مەسىللەرنى ھەل قىلىشىغا كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە ياردەم قىلىپ كەلدىم ھەمدە بۇ روھنى تۇرانىڭ ئىلگىرلەش نىشانى ۋە مەخسىتى بىلىپ كەدىم ، بۇ ئاددى كەپەمدە مىنىڭ ئىزدىنىشلىرىمدىن كەچمىشلىرىمدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغاندىن سىرىت داۋاملىق تۈردە بىلوگچىلىقتا قىينالغان بۇرادەرلەرگە مەسىللەرنى ھەل قىلىشىپ بىرىمەن .

 

Www.TarQut.Com

 

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭىلاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

4 باھا

  1. مەرھابا ! ياخشىمۇسىز دوستۇم ، بىلوگىڭىزنى ياخشى يېزىپسىز ، مەنمۇ سىزنى قوشۇۋالدىم ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىلوگىڭىزنىڭ css كودىنى ئازراق تەڭشەش كېرەكلىكىنى بايقىدىم ۋە بايقىغان يەرلىرىمنى تۆۋەندىكىدەك تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ …

    1. بولىدۇ رەھمەت دوستۇم !
      مەنمۇ يېڭى ئۆگەنگۈچى بولغاچقا نۇرغۇن خاتالىقلارنى سادىر قىلىۋاتىمەن ، لېكىن ھەممە ئىش تېزلا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ . سىزگىمۇ مەلۇم , قىسقا مۇددەت ئىچىدە نۆلدىن باشلاپ مۇشۇنچە قىلماقمۇ ئاسان ئەمەسكەن ! ھەقىقەتەن تەسكەن .بۇ ئۇسلۇپنى ئېنگىلىسچىدىن بىۋاستە ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان ئىدىم ، يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر بار … مەن سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى بۇرۇندىلا زىيارەت قىلاتتىم يەنە مۇئەللىمنىڭمۇ بار بىراق ھازىر ۋوردپرەس ئوينايدىغانلار بەك ئازلاپ كەتتى . شۇڭا ئامال يوق تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ئاساسلىقى ئېنگىلىسچە ۋە خەنزۇچە مەنبەلەردىن ھەل قىلىۋاتىمەن. مانا ئەمدى سىزنىڭمۇ يېڭىلىنىش سۈرئىتى تىزلىشىۋاتىدۇ … بۇنىڭدىن بەكمۇ خۇش بولدۇم ! مەنمۇ سىزنى قوشۇۋالدىم . پات-پات كۆرۈشۈپ تۇرايلى….رەھمەت سىزگە

  2. مەرھابا ياخشىمۇ سىز؟ بىلوگىزنى بەكلا ياختۇردۇم مەنمۇ بىر بىلوگخۇمار.لىكىن بەك ياخشى بىلمىگەچكە سىلەردەك ئۇستازلارنىڭ ياردىمىدە ھازىر ئۈگىنىۋاتىمەن.شۇڭا قىممەتلىك بىلىمىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.مەقسەت مەن بىر مەسىلىگە يولۇقتۇم. مەسىلەن ۋوردپىرىسنى قاچىلاپ تىلىنى ئۇيغۇرچە تەڭشىگەندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئىنكاس يازىدىغان يەرنىڭ ئاستىدىكى قىسمى ئۇيغۇرچە چىقمايدىكەن بۇنى قەيەردىن تەرجىمە قىلىمىز. مەسىلەن سىزنىڭ بىلىوگىڭىزدا ئۇيغۇرچە تۇرىدۇ. مەن دېگەن يەر « كېيىنكى قېتىم باھا يازغاندا، تورخەتنى ۋە توربەت مەنزىلىمنى بۇ توركۆرگۈچكە ساقلانسۇن» دەپ چىقىدىكەن. مەن دەل مۇشۇ قىسىمنى قەيەردىن تەرجىمە قىلىمەن تەلىم بەرسىڭىز. رەھمەت

    1. ياخشى ئۆزىڭىز سالامەتمۇ؟
      بۇ مەسىلە ئاساسلىقى سىز ئشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبنىڭ تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ ! مەسىلەن ھەربىر ئۇسلۇبنىڭ تىل بولىقى بولىدۇ ياكى بولمىسا ئۇسلۇب ھۆججىتىنىڭ ئۆزىگە يېزىقلىق بولىدۇ . سىز شۇنى تېپىپ ئۆزىڭىز خالىغان تىلغا تەرجىمە قىلسىڭىز بولىدۇ . ئامال بار ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىپ ئىشلەتكەندە ئۆلچەملىك تىل بولىقى بار بولغان ئۇسلۇبنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن . بۇنداق بولغاندا تەرجىمە ئىشلىرىڭىزنى ۋوردپرەسنىڭ قىستۇرمىسى ئارقىلىق ئارقا باشقۇرۇشتىن ھېچقانچە قىينالمايلا تەرجىمە قىلالايسىز بۇنىڭغا كود بىلىشىڭىز بىھاجەت .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى