يانفۇن

نېمە ئۈچۈن ئۆزەك قانچە كىچىك بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ؟ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئۆزەكنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى قانچە نانومېتىر دەرىجىلىك؟

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ھەممىمىزگە مەلۇم، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشتا، كىمنىڭ ياساش ھۈنەر-سەنئىتى تېخىمۇ ئىلغار، ياسىلىشى قانچە كىچىك بولسا شۇنچە ياخشى دەيدىغان قاراش شەكىللەندى. مەسىلەن، تۇنجى 7nm ئۆزەكلىك كىرىن 980 ياسىلىش ھۈنەر-سەنئىتى جەھەتتە كۇالكوم سىناپدىراگون 845 بىلەن بەسلىشەلەيدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئادەتتە بىز دەۋاتقان CPUنىڭ «ياساش ھۈنەر-سەنئىتى» دېگىنىمىز پەقەت CPU ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ھەر خىل توك يولى ۋە ئېلېكتىرونلۇق دېتاللارنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئۆتكۈزگۈچ سىملارنى ھەرقايسى دېتاللارغا ئۇلاشنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئېنىقلىق دەرىجىسى مىكرومېتىر (ئۇزۇنلۇق بىرلىكى، 1 مىكرومېتىر مىڭدىن بىر مىللىمېتىرغا تەڭ) ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، كەلگۈسىدە نانومېتىر (1 نانومېتىر مىڭدىن بىر مىكرومېتىرغا تەڭ)غا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ، توغرىلىق دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر-سەنئىتى شۇنچە ئىلغار بولىدۇ. ئوخشاش ماتېرىيالدىن تېخىمۇ كۆپ ئېلېكترونلۇق دېتال ياسىغىلى بولىدۇ، ئۇلاش سىمى قانچە ئىنچىكە بولسا، CPU نىڭ توپلىشىش دەرىجىسى شۇنچە يۇقىرى بولۇپ، CPU نىڭ قۇۋۋەت سەرپىياتىمۇ شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ياساش ھۈنەر-سەنئىتىدىكى مىكرومېتىر IC ئىچكى توك يولى بىلەن توك يولى ئارىسىدىكى ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ. ياساش ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ يۈزلىنىشى زىچلىقى تېخىمۇ يۇقىرى يۈنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا. زىچلىقى يۇقىرى بولغان IC توك يولىنى لايىھەلەش ئوخشاش چوڭلۇقتىكى IC دا زىچلىقى تېخىمۇ يۇقىرى، ئىقتىدارى تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغان توك يولىنى لايىھەلەشتىن دېرەك بېرىدۇ. مىكرو ئېلېكترون تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئالغا بېسىشى ئاساسلىقى ھۈنەر-سەنئەت تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا تايىنىپ، زاپچاسلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رازمېرىنى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىتىپ، توپلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىش، زاپچاسلارنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

2018-يىلىدىن بۇيان، ئۆزەك، بۇ ئەسلىدە ئاز ساندىكى كىشىلەر بىلىدىغان كەسپىي ئاتالغۇ بارا-بارا كىشىلەر مۇنازىرە قىلىدىغان قىزىق سۆزگە ئايلاندى. بەزىلەر ئۆزەكنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بىز تىرىشىپ قوغلاپ يېتىشىۋېلىشىمىز دېيىشسە، بەزىلەر ئىنژېنېرلار دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئۆزەكنى كۆپرەك ئىشلىتىپ چەتئەل ئۆزىكىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشى كېرەك دېيىشتى، يەنە بەزىلەر دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئۆزەكنىڭ ئىقتىدارى تەكشى ئەمەس، خاتىرجەم ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، دېيىشتى.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئۆزەكنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى قانچە nm دەرىجىلىك؟

نۆۋەتتە ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى تېخىمۇ كىچىك بولۇشنى قوغلاشماقتا، مەسىلەن، تەيجىدىيەن بۇلتۇر 7nm دەۋرىگە قەدەم قويدى، بۇ يىل 5nm دەۋرىگە قەدەم قويماقچى، ھازىرقى سامسۇڭ 8nm، جۇڭشىن خەلقئارا گۇرۇھى 28nm سەۋىيەدە تۇرماقتا.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئۆزەك لايىھەلەشتە ئىلىمىز ئاللىقاچان دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭدى، خۇاۋېينىڭ كىرىن 5G ئۆزىكى كۇالكوم بىلەن بەسلىشەلەيدۇ، كىرىن 1020 دەل يەر شارىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى 5nm ئۆزىكى، ھازىر كەم بولغىنى دەل ئۆزەك ياساش. ئۆزەك ياساشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۈسكۈنە تېخىمۇ مۇھىم.

نۆۋەتتە ئېلىمىز ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ ئىلغار ئۆزەك ياساش كەسپى جۇڭشىن خەلقئارا گۇرۇھى (中芯国际)غا تەۋە بولۇپ، «ساپ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن» ئۆزەك دەپ ئاتالغان 14nm ئۆزەك كىرىن 710Aنى دەل جۇڭشىن خەلقئارا گۇرۇھى ۋاكالىتەن ئىشلەپچىقارغان. ئەمما، جۇڭشىن خەلقئارا گۇرۇھىنىڭ كىرىن 710Aنى ۋاكالىتەن ئىشلەپچىقىرالىشى ئۇنىڭ يەنىلا ئامېرىكىنىڭ تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈندۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر ئامېرىكىنىڭ تېخنىكىسى ۋە ئۈسكۈنىلىرى ئىشلىتىلمىسە، جۇڭشىن خەلقئارا گۇرۇھىمۇ كىرىن 710Aنى ۋاكالىتەن ئىشلەپچىقىرالمايدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئۇنداقتا 14nm ئۆزىكى بىلەن 7nm ئۆزىكى ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك چوڭ پەرق بار؟ 14nm ئۆزىكى بىلەن 7nm ئۆزىكى ئوتتۇرىسىدا 1-2 ئەۋلاد پەرق بار، شۇڭا ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق يەنىلا ئىنتايىن چوڭ.

ئەگەر ئۆزەك كۆلىمى ئوخشاش بولغان ئەھۋالدا، 7nm ئۆزىكىدىكى توپلاشتۇرۇلغان كىرىستال لامپىنىڭ سانى 14nm ئۆزىكىدىن كۆپ بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئۆزەكنىڭ ئىقتىدارى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. ئەگەر كىرىستال لامپىنىڭ سانى ئوخشاش بولغان ئەھۋالدا، 7nm ئۆزىكىنىڭ كۆلىمى 14nm ئۆزىكىنىڭ كۆلىمىدىن كۆپ كىچىك بولىدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئېلىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ ياخشى ئۆزەك ۋاكالىتەن ياساش زاۋۇتى بولسا جۇڭشىن خەلقئارا گۇرۇھى، نۆۋەتتە جۇڭشىننىڭ ئەڭ ياخشى تېخنىكىسى 14nm ھۈنەر-سەنئىتى بولۇپ، بۇ يىل 4-ئايدا كەڭ كۆلەملىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، روڭياۋ ئېلان قىلغان روڭياۋ Play 4Tغا ئىشلىتىلگەن كىرىن 710A بىر تەرەپ قىلغۇچ دەل جۇڭشىننىڭ 14nm ھۈنەر-سەنئىتىدۇر. تەيجىديەننىڭ تەسىرىدە، يانفون بىر تەرەپ قىلغۇچىسىلا ئەمەس، خۇاۋېينىڭ باشقا ئۆزەكلىرىمۇ تەيجىديەندىن جۇڭشىن خەلقئارا گۇرۇھىغا يۆتكەلدى. جۇڭشىننىڭ N+1 ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىن ئۈمىد بار. N+1 ھۈنەر-سەنئىتى كۆپچىلىككە بىر قەدەر ناتونۇش بولۇشى مۇمكىن، جۇڭشىن خەلقئارا گۇرۇھىنىڭ N+1 ھۈنەر-سەنئىتى بىز ئادەتتە دەۋاتقان 7nm ھۈنەر-سەنئىتى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ.

تەيجىديەننىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر-سەنئىتى 5nm بولۇپ، پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدىغان كىرىن 1020 بىر تەرەپ قىلغۇچ بىلەن ئالما A14 بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ھەممىسى 5nm ھۈنەر-سەنئىتىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان. جۇڭشىن گۇرۇھى بىلەن تەيجىديەن ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى ئوپتىك ئويغۇچتا.

 

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى