ئالەم

ئېلون ماسك يەنە بىر قېتىم تارىخ ياراتتى

 

بۈگۈن ئەتىگەن سائەت يەتتىدە، SpaceX شىركىتىنىڭ سەييارىلەر ئارا ئالەم كېمىسى (Starship، 星舰)نىڭ ئەسلى تىپى SN10 تېكساس ئىشتاتىنىڭ بوكا چىكادا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىگىز بوشلۇقتا ئۇچۇش سىنىقى ئېلىپ باردى، بۇ SpaceXنىڭ سەييارىلەر ئارا ئالەم كېمىسىنىڭ ئۈچىنچى قېتىم كىلومېتىر ئىگىزلىككە رىقابەت ئېلان قىلىشى، شۇنداقلا تۇنجى قېتىم يەر يۈزىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يۇمشاق قونۇشى بولۇپ، بۇ مۇھىم ئابىدە.

ئېلون ماسك  يەنە بىر قېتىم تارىخ ياراتتى

گەرچە، SN10 قونۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا پارتلاپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما، بۇ ھازىر ھېچقانچە مۇھىم ئىش ئەمەس.

ئالدى بىلەن، SN10 ئەڭ يۇقىرى ئىگىزلىككە ئۇچۇپ باردى، ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ بوشلۇقتىكى تۇرۇش ھالىتىگە قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، قورساق قىسىمىنى تۆۋەنگە قاراتتى. قورساق قىسىمىدىن پايدىلىنىپ، ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، SN10نىڭ ھاۋا قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇردى، ئاندىن ئۇ بەلگىلىك ئىگىزلىكتە ئاستا-ئاستا يەرگە تۆۋەنلىدى ھەمدە يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى مەلۇم ئىگىزلىككە يەتكەندىن كېيىن، موتور قايتىدىن ئوت ئېلىپ، SN10نى قايتىدىن تىكلىدى. كېيىن، موتورنىڭ تەتۈر ئىتتىرىش كۈچىگە تايىنىپ يۇمشاق قونۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشۇردى.

ئېلون ماسك  يەنە بىر قېتىم تارىخ ياراتتى

▲ SN8 پارتلاپ كەتكەندىكى كۆرۈنۈش

بۇ قېتىمقى سىناقتىن ئىلگىرى، يەنى، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋە 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى، SN8 ۋە SN9 ئەسلى تىپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10 كىلومېتىر ئىگىزلىكتە سىناق ئۇچۇش ئېلىپ باردى، قويۇپ بېرىش ۋە قايتىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىمۇ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ئىدى. ئەمما ھەر ئىككىسى ئاخىرقى قونۇش باسقۇچىدا، يەر يۈزىگە تېگىپلا پارتلاپ كەتكەن ئىدى. SN8 يېقىلغۇ باكىنىڭ بېسىمى ۋە موتورنىڭ ئىتتىرىش كۈچى يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئالەم كېمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قونۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ مۇۋەپپەقىيەتلىك قونالمىغان. SN9نىڭ ئۈچ موتورىدىن پەقەت بىرىلا قونۇشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ئوت ئالغان بولۇپ، ئىتتىرىش كۈچى يېتەرلىك بولمىغاچقا، پارتلاپ كەتكەن ئىدى.

ئېلون ماسك  يەنە بىر قېتىم تارىخ ياراتتى

▲ SN9 پارتلاپ كەتكەندىكى كۆرۈنۈش

تاماملاش جەھەتتە، SN8نىڭ كۆرسەتكەن ئىپادىسىنى ھەتتا SN9دىن ياخشى دېيىشكە بولىدۇ. گەرچە، SN8مۇ پارتلاپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئازلا قالغان. SpaceX كوللېكتىپى ئېرىشمەكچى بولغان بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلغان ھەمدە بۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك مەغلۇبىيەت دەپ قاراشقا بولىدۇ دېگەن ئىدى. ئەمما، ھېچكىم كېيىنكى SN9نىڭ تېخىمۇ ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. شۇڭا، بۇ قېتىمقى SN10نىڭ سىنىقىدىن ئىلگىرى، ماسكمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقى ئاران %60 دېگەن ئىدى.

2021-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى SN10 تۇنجى قېتىملىق موتورنىڭ تىنچ ھالەتتىكى ئوت ئالدۇرۇش سىنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ باردى ھەمدە موتوردا بىر قىسىم كاشىلىلارنىڭ بارلىقىنى بايقىدى.

2021-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى، موتور ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىن، SN10 ئىككىنچى قېتىملىق موتورنىڭ تىنچ ھالەتتىكى ئوت ئالدۇرۇش سىنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ باردى، ئۈچ راكېتا موتورى بىر نەچچە سېكۈنت ئۇدا ئايلىنىشنى داۋاملاشتۇردى.

ئېلون ماسك  يەنە بىر قېتىم تارىخ ياراتتى

SpaceX سەييارىلەر ئارا ئالەم كېمىسىنىڭ ئەمەلىي نۇسخىسى قانداق ھالەتتە؟

بۇ مەسىلىگە كەلسەك، ئالەم كېمىسىنىڭ ئىشلىتىش ئورنىنى SpaceXنىڭ بۇ ئالەم كېمىسىگە بەرگەن ئىسمىدىنلا كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ بىر خىل قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ھەمدە ئىككىنچى دەرىجىلىك ئوربېتىغا كىرەلەيدىغان راكېتا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەت يەرشارى ۋە ئالەم بوشلۇقى، يەرشارى بىلەن ئاي شارى، ھەتتا يەرشارى بىلەن مارس ئارىلىقىدا ھەر خىل مەنبە ۋە بۇيۇملارنى توشۇش. ئاخىرقى تەسەۋۋۇر ھەتتا راكېتا ئارقىلىق ئادەملەرنى باشقا پېلانېتلارغا كۆچۈرۈش.

ئېلون ماسك  يەنە بىر قېتىم تارىخ ياراتتى

ھازىر سىناق قىلىنىۋاتقان ئىككىنچى دەرىجىلىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئىگىزلىكى 50 مېتىر، دىيامېتىرى توققۇز مېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 1300 توننا كېلىدۇ، ئۇنىڭغا ئۈچ دانە «يىرتقۇچ قۇش» ناملىق موتور ۋە ئۈچ دانە «دېڭىز يۈزى تەكشىلىكى» نۇسخىسىدىكى موتور سەپلەنگەن. ئالەم كېمىسىنى كۆتۈرۈپ ئۇچىدىغىنى بولسا تېخىمۇ كۈچلۈك دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىر تىپتىكى راكېتا (Super Heavy) بولۇپ، ئىگىزلىكى 72 مېتىر، دىيامېتىرى توققۇز مېتىر، ئېغىرلىقى 3500 توننا كېلىدۇ. ئۇنىڭغا 28 دانە «يىرتقۇچ قۇش» ناملىق موتور سەپلەنگەن. ئالەم كېمىسى ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىر راكېتانىڭ ئومۇمىي ئىگىزلىكى 120 مېتىر، تۆۋەن يەر يۈزىگە يېقىن ئوربىتىسىدىكى توشۇش ئىقتىدارى 100 توننىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا 100 يولۇچىنى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقالايدۇ.

ئېلون ماسك  يەنە بىر قېتىم تارىخ ياراتتى

بۇ ئالەم كېمىسىگە سۇيۇق ئوكسىگېن مېتاننى يېقىلغۇ قىلىدىغان چوڭ ئىتتىرىش موتورى سەپلەنگەن. يەككە موتورنىڭ ئەڭ چوڭ ئىتتىرىش كۈچى 2000kNدىن ئېشىپ كېتىدۇ. يەنى، ئۇ 200 توننىدىن ئارتۇق ئېغىر جىسىمنى كۆتۈرۈپ ئۇچالايدۇ، بۇ، تۆت دانە 50 توننا يۈك تولۇق قاچىلانغان پويىز ۋاگونىغا باۋارەر كېلىدۇ. بۇ سىناقتا مۇشۇنداق موتوردىن ئۈچ دانە ئىشلىتىلگەن.

ئېلون ماسك  يەنە بىر قېتىم تارىخ ياراتتى

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، سەييارىلەر ئارا ئالەم كېمىسىنىڭ ئەمەلىي نۇسخىسىغا مۇشۇنداق موتوردىن ئالتە دانە ئىشلىتىلىدۇ، دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىر تىپتىكى راكېتاغا بولسا 28 دانە موتور سەپلىنىدۇ. ئومۇمىي ئىتتىرىش كۈچى ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

ئېلون ماسك  يەنە بىر قېتىم تارىخ ياراتتى

سەييارىلەر ئارا ئالەم كېمىسى سىنىقىدىكى مۇھىم ئىش-ھادىسىلەر

2019-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى SpaceX ئەڭ دەسلەپكى سەييارىلەر ئارا ئالەم كېمىسى ئەسلى تىپ «يۇلتۇز قۇرۇت» (starhopper)دا 20 مېتىر ئىگىزلىكتىكى ئەركىن لەيلەش سىنىقى ئېلىپ باردى.

2019-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى SpaceX «يۇلتۇز قۇرتى»نى يەنە بىر قېتىم سىناق قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 150 مېتىر ئىگىزلىككە ئۇچۇردى ھەمدە يەر يۈزىگە بىخەتەر قوندى.

ئېلون ماسك  يەنە بىر قېتىم تارىخ ياراتتى

2020-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى سەييارىلەر ئارا ئالەم كېمىسى ئەسلى تىپ «SN5» يەر يۈزىدىن 150 مېتىر ئىگىزلىكتىكى ئەركىن لەيلەش سىنىقىنى تاماملىدى. ھېچقانداق باش ئورنىتىلمىغاچقا، يىراقتىن قارىغاندا، ئەسلى تىپ «SN5» ئىگىزلىكى 30 مېتىر كېلىدىغان ئورۇندىكى ھاۋا بوشلۇقىغا چوڭ سىلىندىرلىق داتلاشماس پولات سۇ مۇنارى ئېسىپ قويۇلغاندەكلا كۆرۈنەتتى.

ئېلون ماسك  يەنە بىر قېتىم تارىخ ياراتتى

2020-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى سەييارىلەر ئارا ئالەم كېمىسى ئەسلى تىپ «SN6»مۇ 150 مېتىر ئىگىزلىكتىكى ئەركىن لەيلەش سىنىقىنى تاماملىدى.

2020-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى سەييارىلەر ئارا ئالەم كېمىسى ئەسلى تىپ «SN8» يەر يۈزىدىن 12.5 كىلومېتىر ئىگىزلىكتە سىناق ئۇچۇش ئېلىپ باردى، ئاخىرىدا يەر يۈزىگە قونۇش جەريانىدا پارتلاپ كەتتى.

2021-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى سەييارىلەر ئارا ئالەم كېمىسى ئەسلى تىپ «SN9» يەر يۈزىدىن 10 كىلومېتىر ئىگىزلىكتە يەنە بىر قېتىم سىناق ئۇچۇش ئېلىپ باردى، ئەمما، ئاخىرىدا يەر يۈزىگە قونۇش جەريانىدا ئوخشاشلا پارتلاپ كەتتى.

باشقا سەييارىلەر ئارا ئالەم كېمىسىنىڭ ئەسلى تىپلىرى يا يەر سىنىقىدا پارتلاپ كەتتى، ياكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تارىخى ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىقتى. ھازىر ياسالماقچى بولغان سەييارىلەر ئارا ئالەم كېمىسى ئەسلى تىپ «SN19»غا كەلدى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى