ئالەم

مارستا ھاياتلىقتىن باشقا يەنە نۇرغۇن سىرلار بار

ئامېرىكىنىڭ «ئىرادە» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قونۇشىغا ئەگىشىپ، ھازىر مارستا «ئۈچ دۆلەت دەۋرى» رەسمىي باشلاندى، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۈچ تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ مارستىكى ھاياتلىق سىرىنى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئۇنداقتا، مەۋجۇت بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان ھاياتلىقتىن باشقا، مارستا يەنە نېمە بار؟

مارستا ھاياتلىقتىن باشقا يەنە نۇرغۇن سىرلار بار

1. مارسنىڭ دىئامېتىرى يەر شارىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ

گەرچە قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى يەر شارىسىمان سەييارىلەر ئومۇميۈزلۈك «دەرىجىدىن تاشقىرى يەر شارى» دەپ ئاتالسىمۇ، ئەمما، قۇياش سىستېمىسىدا ئۇنداق ئەمەس. مارسنىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن 6800 كىلومېتىر بولۇپ، يەر شارى دىئامېتىرىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەجىمى يەر شارىنىڭ %50ىگە توغرا كېلىدۇ، بۇ ئۇنى قۇياش سىستېمىسىدىكى مېركۇرىيدىن چوڭراق ئىككىنچى كىچىك سەييارىگە ئايلاندۇرغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، مارس بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىلىقىمۇ قۇياش سىستېمىسىدا ئەڭ يېقىن ئارىلىق ئەمەس، قۇياش سىستېمىسىدا، يەر شارىغا ئەڭ يېقىن سەييارە ۋېنېرا بولۇپ، مارس تۇنجى قېتىم تاللانغان ئەمەس. ئەكسىچە، ئالدىنقى ئەسىردە ۋېنېرانى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئەھۋالنىڭ مارسقا قارىغاندا ناچار، مۇرەككەپ ئىكەنلىكى بايقالغان، شۇنىڭ ئۈچۈن مارس تەدرىجىي ھالدا ئىنسانلارغا تونۇلۇشقا باشلىغان.

مارستا ھاياتلىقتىن باشقا يەنە نۇرغۇن سىرلار بار

2. مارس بۇرۇندىن قىزىل سەييارە ئەمەس

مارسنى تىلغا ئالساق، ئۇنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇ قارىماققا ئىنتايىن ئۆزگىچە قىزىل رەڭدە كۆرۈنىدۇ، ئەلۋەتتە بىزگە مەلۇمكى، مارستىكى قىزىل رەڭ مارسنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى تۆمۈر ئوكسىدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىراق، ھازىرقى زامان تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مارس پەيدا بولغاندىلا قىزىل بولماستىن، بەلكى بىر مەزگىل «چوڭ ئوكسىدلىنىش دەۋرى»نى باشتىن كەچۈرگەنلىكى بايقالغان، ۋاقىت جەھەتتىن قارىغاندا، تەخمىنەن ئۈچ مىليارد 500 مىليون يىل ئىلگىرى باشلانغان، ئۇ دەۋردىكى مارستىكى كىلىمات مۇھىتى ئولتۇراقلىشىشقا ناھايىتى ماس كېلەتتى.

بۇ مارسنىڭ قۇياش سىستېمىسىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى ھاياتلىق يۇلتۇزى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، چۈنكى تەتقىقاتلاردا، ئاز دېگەندە تۆت مىليارد يىل ئىلگىرى مارستا ھاياتلىق مەۋجۇت بولغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالغان. شۇڭا، يەر شارىدىكى ھاياتلىقنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بەزى تەتقىقاتلار مارستىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، ئۇنى مارس مېتېئورىتلىرى ئېلىپ كەلگەن، دەپ قارايدۇ.

مارستا ھاياتلىقتىن باشقا يەنە نۇرغۇن سىرلار بار

3. مارستىكى ئىگىز چوققا چوققا جۇمۇلاڭما چوققىسىدىنمۇ ئىگىز

يەر شارىدا چومولاڭما چوققىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ، بۇلتۇر، ئېلىمىز جۇمۇلاڭما چوققىسىغا قارىتا ئەڭ يېڭى «بوي ئىگىزلىكى» نى ھېسابلاپ چىققان سانلىق مەلۇماتنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئىگىزلىكى 8848.86 مېتىر كېلىدۇ. نۇرغۇن ئېكسپېدىتسىيەچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇمۇلاڭما چوققىسىنى بويسۇندۇرۇش، ئۆزىنىڭ ئۆمرىدىكى مۇتلەق ئەڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتى ھېسابلىنىدۇ، لېكىن جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئىگىزلىكى مارستا، «ھېچنېمە ئەمەس» .

مارستىكى ئولىمپۇس تېغىنىڭ ئىگىزلىكى تەخمىنەن جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇمۇ پۈتكۈل قۇياش سىستېمىسىدىكى مەلۇم بولغان ئەڭ ئىگىز تاغ چوققىسى. ئەگەر، كېيىن ئىنسانلار مارسقا كۆچۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولسا، ئۇ ھالدا ئېكسپېدىتسىيەچىلەرمۇ يېڭى نىشانغا ئىگە بولۇپ، قۇياش سىستېمىسىدىكى ئەڭ ئىگىز تاغ چوققىسىغا يامىشىدۇ، ئەلۋەتتە، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ناھايىتى تەس.

مارستا ھاياتلىقتىن باشقا يەنە نۇرغۇن سىرلار بار

4. مارستا ئەتىياز ۋە ياز پەسلى 13 ئاي داۋاملىشىدۇ

مارسنىڭ ئەڭ سوغۇق تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن نۆلدىن تۆۋەن 143 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا، ئەلۋەتتە بۇ تېمپېراتۇرىمۇ مارسنىڭ قىش پەسلىدىكى ئەڭ سوغۇق تېمپېراتۇرىسى، يەنە كېلىپ ئاساسلىقى مارسنىڭ قۇتۇپ رايونىدا. ھازىر، مارستا دەل قىش پەسلى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مارسنىڭ كۈز، قىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە، نەچچە ئايغا سوزۇلغان قۇم ـ بورانلىق ھاۋا رايى مارسنى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق قىلىۋېتىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، مارسنىڭ قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىش دەۋرى 686.971 كۈن بولۇپ، تەخمىنەن يەر شارىنىڭ بىر ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئەگەر يەر شارىدىكى يىل خاتىرىلەش ئۇسۇلى بويىچە ھېسابلىغاندا، مارستا بىر يىل ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ ئاي بولىدۇ، شۇڭا مارسنىڭ تۆت پەسلى تېخىمۇ ئۇزاق بولىدۇ.

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مارسنىڭ ئەتىياز ۋە ياز پەسلىنى قوشقاندا تەخمىنەن 13 ئاي بولىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە باھار پەسلى يەتتە ئاي، ياز پەسلى ئالتە ئاي بولىدىكەن، بۇمۇ مارستا ياشاشقا ئەڭ باب كېلىدىغان پەسىل ئىكەن. مەسىلەن، مارسنىڭ ئېكۋاتور بەلبېغىدا، ياز پەسلىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 20 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدىكەن.

مارستا ھاياتلىقتىن باشقا يەنە نۇرغۇن سىرلار بار

5. مارستا ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن

ماقالىنىڭ بېشىدىلا بىز نۇرغۇن تەتقىقاتلاردا مارستا ھاياتلىق بولغان، ھەتتا بۈگۈنگە قەدەر بەزى ئالاھىدە بەلباغلاردا ھاياتلىق يەنىلا مەۋجۇت، دەپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدۇق. يەر شارىسىمان بىر سەييارە بولۇش سۈپىتى بىلەن، مارستا نۇرغۇنلىغان سۇ مۇزلىرى مەۋجۇت، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپ يىللاردىن بۇيان مارسنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئالىملار ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىغان، شۇڭا بۇ، ھاياتلىقنى تەشكىل قىلغۇچى ئېلېمېنتنىڭ مارستا ھازىرلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە مارسنىڭ ئۆزگىرىشى توغرىسىدىكى پەرەزنى قوشقاندا، ئۈچ مىليارد يىل ئىلگىرى مارسنىڭ ھەممە يېرى ئىللىق ھەم نەم ئىدى، بۇمۇ مارسنى ھاياتلىققا ئىگە قىلىپ، چەكسىز ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ قېتىم «ئىرادە» ناملىق ماسنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى قونغان جاي دېزېرو مېتېئورىت ئازگىلىمۇ مارستىكى ھاياتلىقنى بايقاش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى دەپ قارالغان جاي.

مارستا ھاياتلىقتىن باشقا يەنە نۇرغۇن سىرلار بار

يىراق قەدىمكى مارستا، بۇ يەر ئىلگىرى بىر كۆل بولغاچقا، چۆكۈندىلەردىن يىراق قەدىمكى جانلىقلارنىڭ تاشقا ئايلانغان ئىزنالىرىنى بايقاش ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېلىمىزنىڭ «تيەنۋېن 1-نومۇر»مۇ بۇ يىل 5-ئايدا مۇۋاپىق پەيتتە مارس يەر يۈزىگە قونىدۇ، قونىدىغان جايى مارستىكى ئوتوپىيە تۈزلەڭلىكى. ئۇ يەر نىسبەتەن «ياش» تۈزلەڭلىك بولۇپ، شەكىللەنگەن ۋاقتى بىر قەدەر كېيىن، شۇنداقلا ھاياتلىق تاشقاتمىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى جاي ھېسابلىنىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى