ئالەم

دۇنيادىكى تۇنجى ئالەم بوشلۇقى مېھمانسارىيى 2025-يىلى ئىش باشلايدۇ

دۇنيادىكى تۇنجى تۆۋەن يەر شارى ئوربىتىسىغا جايلاشقان ئالەم بوشلۇقى مېھمانسارىيى 2025-يىلى ئىش باشلايدۇ، ئۇنىڭغا ئاشخانا، كىنوخانا، سۇ بىلەن داۋالاش مەركىزى ۋە 400 ئادەم سىغىدىغان ياتاق سەپلىنىدۇ.
«ساياھەتچى» ناملىق بۇ ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى ئوربىتا قۇراشتۇرۇش شىركىتى (OAC) ئاچقان بولۇپ، ئەڭ بۇرۇن بولغاندا 2027-يىلى ئىشلىتىلىشكە باشلايدۇ، ئۇل ئەسلىھەلەر يەر شارىنى ئايلىنىدىغان تۆۋەن ئوربىتىغا قۇرۇلىدۇ.

دۇنيادىكى تۇنجى ئالەم بوشلۇقى مېھمانسارىيى 2025-يىلى ئىش  باشلايدۇ

بۇ بوشلۇق پونكىتى چەمبەر شەكلىدە بولۇپ، ئايلىنىپ سۈنئىي ئېغىرلىق كۈچى ھاسىل قىلىدۇ، ئېغىرلىق كۈچى ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ئېغىرلىق كۈچى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ يەردە بار ئىقتىدارلار ساياھەت پاراخوتىدا بار بولغان نۇرغۇن ئىقتىدارلارنى، جۈملىدىن ئاشخانا، سۇ بىلەن داۋالاش ئۆيى ۋە كىنوخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدا ئايلانما ھالقىسىنىڭ سىرتىغا تۇتاشتۇرۇلغان بىر قاتار بۆلمە بار، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم بۆلمە ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ۋە ياۋروپا ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلارغا سېتىلىپ، ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتىدا ئىشلىتىلىدۇ.

دۇنيادىكى تۇنجى ئالەم بوشلۇقى مېھمانسارىيى 2025-يىلى ئىش  باشلايدۇ

نۆۋەتتە بۇ ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇشنىڭ تەننەرخ تەپسىلاتلىرى، مېھمانسارايدا قونۇشقا كېتىدىغان چىقىممۇ ئاشكارىلانمىدى، بىراق OACنىڭ ئېيتىشچە SpaceX ئوۋ بۈركۈتى 9-نومۇر ۋە كەلگۈسىدىكى پلانېتىلار ئارا ئالەم كېمىسى قاتارلىق تەكرار ئىشلىتىشكە بولىدىغان توشۇغۇچى راكېتالارنىڭ تەرەققىي قىلشىغا ئەگىشىپ، بۇ ئالەم بوشلۇقى مېھمانسارىيىنىڭ ياسىلىش تەننەرخى بارغانسىرى تۆۋەنلەيدىكەن.

دۇنيادىكى تۇنجى ئالەم بوشلۇقى مېھمانسارىيى 2025-يىلى ئىش  باشلايدۇ

دۇنيادىكى تۇنجى ئالەم بوشلۇقى مېھمانسارىيى 2025-يىلى ئىش  باشلايدۇ

كىشىلەر بۇنىڭ ئىچىدىكى بوشلۇقنى سېتىۋېلىپ شەخسىي داچا قىلسا، يەنە سۇ بىلەن داۋالاش، كىنوخانا قاتارلىقلار بار مېھمانساراي قۇرسىمۇ بولىدۇ. ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئىلىم-پەن بۆلۈمچىسىنى ئورۇنلاشتۇرسا ياكى مارسقا بارماقچى بولغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزى قىلسا بولىدۇ. مەركىزىي يۇمىلاق چاقنى چۆرىدەپ ئوربىتا بوشلۇق پونكىتى قۇرۇش ئويىنى بىرائۇن (Wernher von Braun) ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئاپوللو پىلانىنىڭ لايىھىلىگۈچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ئايلانما چاقلىق ياشاش ئورنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سۈنئىي تارتىش كۈچى پەيدا قىلماقچى بولغان. «ساياھەتچى» ناملىق ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ئۇقۇمى بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئەمما كۆلىمى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، ئەڭ بۇرۇن 2012-يىلى Gateway فوندى جەمئىيىتىنىڭ قوزغىلىشىغا ئەگىشىپ ئوتتۇرغا چىققان. بۇ فوند جەمئىيىتى ئوربىتا پونكىتىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇرغان شىركەت OAC بولسا 2018-يىلى قۇرۇلغان، 2027-يىلى «ساياھەتچى» ناملىق ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى نىشان قىلغان.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى