ئانتاركتىكا قىتئەسىگە مۇناسىۋەتلىك سىز بىلمەيدىغان ئىشلار
1. يەر ئاستى مۇز تونېلى
ئانتاركتىكا قىتئەسىنىڭ ئەڭ چىتىدە ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن ئەترىتىنىڭ مەھسۇلى بولغان ئامۇندسېن-سكوت (South Pole Amundsen-Scott) پونكىتى بار، بۇ پونكىت بىرلا ۋاقىتتا ئىچىدە نەچچە يۈز تەتقىقاتچىنى بىمالال سىغدۇرالايدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر مەزكۇر ئىلمىي پونكىتنىڭ ئاستىدا يەنە بىر مۇز تونېل تورىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ، بۇ تونېل ئاساسلىقى مۇزنى ئۈستىدىن ئويۇش ئارقىلىق چىقىرىلغان، مەزكۇر پونكىتنىڭ پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قېلىش تۇرۇبىسى بولۇپ، سۇ كۈچى ۋە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنتايىن مۇھىم ياردەملەر بىلەن تەمىنلەيدىغان تونېل ھېسابلىنىدۇ.
2. مۇز ئاستىدىكى يانار تاغ
2013-يىلى ئالىملار كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، تۇنجى قېتىم بايقالغان جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ مۇز ئاستىدىكى يانار تاغ تەسەۋۇرىنى ئىسپاتلىدى. بۇ تەتقىقاتنىڭ مەسئۇلى دوگ ۋېنېس (Doug Waynes) بىر باياناتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇنىڭ قاچان پارتلايدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، لېكىن ئۇ راستتىنلا پارتلاپ قالسا، ئەھۋال تولىمۇ ئېغىر بولىدۇ.
3. لېنىنگراد جەنۇبىي قۇتۇپ بازىسى
1971-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە بولغان 20 يىل ئىچىدە لېنىنگراد پونكىتى ئىزچىل سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپ بازىسى بولۇپ كەلگەن، ئالىملار بۇ يەردە تۈرلۈك مۇھىم تەتقىقاتلانى ئېلىپ بارغان. 15-نۆۋەتلىك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپ ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىتى ۋىكتورىيە (Victoria)نىڭ قۇرۇقلۇق رايونىدىكى ئوئاتېس دېڭىز قىرغىقىغا ئىگىز بىر تىك قىيا ياسىغان. 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، بازا مەبلىغى ئۈزۈلۈپ قالغان، ئالەم بوشلۇقى پونكىتىمۇ چېكىندۈرۈلۈپ، لېنىنگراد پونكىتى تەبىئىي ھالدا تاشلاندۇق كەپىگە ئايلىنىپ قالغان.
4. 53 يىل بۇرۇنقى ھەميان
دېڭىز ئارمىيە مېتېئورولوگى پاۋلو گرىشام (Paul Grisham) ئىلگىرى يەنى، 1967-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە ئانتاركتىدا تەكشۈرۈشتە تۇرغاندا ھەميانىنى يىتتۈرۈپ قويغان. بىراق ئۇ بۇ ئىشنى ناھايىتى تېزلا ئۇنتۇپ قالغان، 53 يىلدىن كېيىنكى بىر كۈنى بىرەيلەن 91 ياشقا كىرىپ قالغان بۇ بوۋاينىڭ ھەميانىنى قايتۇرۇپ بەرگەن. ھەميان ئىچىدە ئۇنىڭ دېڭىز ئارمىيە كىملىكى، پىراۋىسى، بىيو-خىمىيەلىك ھۇجۇمنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى پايدىلىنىش كارتىسى، پىۋا ئېغىزى ئاچقۇچى، ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇش تالونى ۋە ئايالىغا بېرىلگەن پېرېۋوت چېكى تالونى قاتارلىقلار بار ئىكەن.
5. 90 مىليون يىل ئىلگىرىكى ئۆسۈملۈك خارابىسىنىڭ تاشقاتمىسى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياۋروپا ئالىملىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ بايقىشىچە، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 90 مىليون يىللار بۇرۇنقى دىنوزاۋر دەۋرىدە، ئانتاركتىكانىڭ غەربىي قىسمى بىر پارچە بۈك-باراقسان مۆتىدىل بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى بولۇپ، بۇ ھازىرقى ئۈنۈمسىز ۋە مۇزلۇق ھالەت بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان. ئالىملار ئۆسۈملۈك خارابىسىنىڭ تاشقاتمىسىنى ئانالىز قىلىش ۋە تارىختىن بۇرۇنقى كىلىمات رايىنى ئىنچىكىلىك بىلەن قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئىلگىرى بۇ بىر پارچە مۆتىدىل بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنىنىڭ يەر شارىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا 960 كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان جايدا ئۆسكەنلېكىنى بايقىغان.
6. مارس مىنېراللىرى
«ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي قۇتۇپتىكى مۇز قاتلىمى ئاستىدا يەر شارىدا ئاز ئۇچرايدىغان بىر خىل مارس مىنېرالى بايقالغان. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل كالىي، تۆمۈر زەمچە بىر خىل سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك مىنېرال بولۇپ، سۇ ۋە كىسلاتالىق شارائىتتا شەكىللىنىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، ئالىملار مارستا بۇ خىل ماددىنى كۆپ مىقداردا ئۇچراتقان. ئۇزاقتىن بۇيان ئالىملار مارستىكى سېرىق كالىي، تۆمۈر زەمچىنىڭ قانداق قىلىپ شۇنچە مول بولۇپ كەتكەنلېكىنى بىلمەكچى بولۇپ كەلگەن، بۇ ماددىنىڭ يەرشارىنىڭ ئانتاركتىكادا بايقىلىشى كىشىلەرنى مارسنىمۇ ئىلگىرى مۇز قاپلاپ، ئۇنىڭ شەكىللىنىشىدىكى زۆرۈر جەرياننى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇشى مۇمكىن، دېگەن يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن.
7. مۇمىيالاشقان پىنگۋىنلار
2016-يىلى قۇششۇناس ئالىم ستېۋېن ئېمسلېي (Steven Emsley) روس دېڭىزىدىكى سكوت دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئىلزا تۇمشۇقى بويىدىن نەچچە ئون پىنگۋىننىڭ جەسىتىنى بايقىغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆلۈپ كەتكىنىگە خېلى ئۇزۇن بولغان بولۇپ، ئاللىبۇرۇن مۇمىياغا ئايلىنىپ قالغان، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بىر قىسىم مۇمىيا پىنگۋىنلىرىنىڭ تارىخىنى ھەتتا 5000 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدىكەن.