تەبىئەت

بۇ قوي بەش يىلدىن كېيىن ئاخىرى «چاپان» يەڭگۈشلىدى

بىزگە مەلۇمكى، چارۋىچىلار ئادەتتە قويلارنىڭ يۇڭىنى قەرەللىك ھالدا قىرقىپ، ئۇلارغا «مەخسۇس مۇلازىمەت» قىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەردە بىر قوي ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قوتاندىن قېچىپ كەتسە، ئۇنداقتا بۇ خىل «مەخسۇس مۇلازىمەت»تىن بەھرىمان بولالمايدۇ دېگەن گەپ. شۇنىڭدەك چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 1-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئاۋسترالىيەدىكى كەڭ ئورمانلىقتا، كىشىلەر يۇڭى قىرقىلماي ھەددىدىن زىيادە ئۆسۈپ كەتكەن بىر قوينى بايقاپ قالغان.

بۇ قوي بەش يىلدىن كېيىن ئاخىرى «چاپان» يەڭگۈشلىدى

شۇ جايدىكى قۇتقۇزغۇچى خادىملار بۇ قوينى بىر ئورمانلىقتىن ئېلىپ چىققان ھەمدە ئۇنىڭغا «باراك» دەپ ئىسىم قويغان. باراك بايقالغاندا، ئورۇق بەدىنى قېلىن قوي يۇڭى بىلەن «ئورالغان» بولۇپ، ھەتتا ئۇنىڭ يۇڭى كۆزىنىمۇ توسۇۋالغان، پەقەت ئېغزى ۋە بۇرنىنىلا سىرتقا چىقىپ قالغان. شۇنداقلا ئۇنىڭ بايقالغان چاغدىكى بەدەن ھالىتىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس بولۇپ، ئېھتىمال يۇڭى بەك كۆپ بولغاچقا، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز بولۇپ، نورمال مېڭىپ ئوزۇقلۇق تېپىشقا ئامالسىز قالغان بولۇشى مۇمكىن.

بۇ قوي بەش يىلدىن كېيىن ئاخىرى «چاپان» يەڭگۈشلىدى

ئەينى ۋاقىتتا، پۈتۈن بەدىنى يۇڭ بىلەن «ئورالغان» بۇ قوينى بىر ياخشى نىيەتلىك شەھەر ھالىسى بايقاپ قالغان ۋە ئارقىدىن قۇتقۇزۇش خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنى يېقىن ئەتراپتىكى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ قۇتقۇزۇش ئورنىغا ئاپىرىپ قويغان. قۇتقۇزۇش ئورنىنىڭ مەسئۇلى كايل بېرندنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، باراكنىڭ قۇلىقىدا ئۇ قېچىپ چىققان دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ بەلگە ئىزى بار بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ بىر ئىگىسى بار قوي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن، لېكىن بۇ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ بەلگىسىگە ئۇنىڭ يۈزىدىكى قېلىن قوي يۇڭى سۈركۈلۈپ ئۇپراپ كەتكەن بولۇپ، ئۈستىدىكى خەتلەرنى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولمايدىكەن.

بۇ قوي بەش يىلدىن كېيىن ئاخىرى «چاپان» يەڭگۈشلىدى

باراك دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ قۇتقۇزۇش ئورنىغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، قۇتقۇزۇش ئورنىدىكى خىزمەتچىلەر دەرھال باراكنىڭ يۇڭىنى قىرقىپ قويغان بولۇپ، قىرقىلغان قوي يۇڭىنىڭ ئېغىرلىقى ساق 78 قاداق (تەخمىنەن 35.4 كىلوگىرام) كەلگەن. خىزمەتچى خادىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، باراكنىڭ يۇڭىنىڭ قىرقىلىپ باقمىغىنىغا ئاز دېگەندىمۇ بەش يىل بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ناۋادا سەل يىراقتىن قارىغاندا، بىرى سىزگە ئۇنى «بۇ بىر قوي» دەپ بەرمىسە، ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان چاۋار ۋە ھاشارەتلەر چىرمىشىپ پاخپىيىپ كەتكەن يۇڭىغا قاراپ، سىز ئۇنى بىر «مەينەت قاردىن ياسالغان قار ئادەم ئوخشايدۇ» دەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

بۇ قوي بەش يىلدىن كېيىن ئاخىرى «چاپان» يەڭگۈشلىدى

قۇتقۇزۇش ئورنىنىڭ مەسئۇلى بېرند بۇ ھەقتە تونۇشتۇرۇپ: «ئادەتتە ياۋا قوينىڭ يۇڭى تەبىئىي چۈشۈپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ يۇڭى بەك كۆپ ئۆسۈپ كەتمەيدۇ. ئەمما، سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىلغان ۋە كۆپەيتىلگەن قوينىڭ يۇڭى تەبىئىي چۈشۈپ كەتمەيدۇ. شۇڭا چوقۇم ئادەم كۈچىگە تايىنىپ قىرقىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاز دېگەندە يىلدا بىر قېتىم قىرقىش كېرەك. ئەگەر قوي يۇڭىنى قىرقىماي بەك ئۆستۈرۋەتسە، ئاقىۋىتى باراك بىلەن ئوخشاش بولىدۇ» دېگەن.

بۇ قوي بەش يىلدىن كېيىن ئاخىرى «چاپان» يەڭگۈشلىدى

باراكنىڭ يۇڭى قىرقىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولۇپ، نەچچە ھەسسە «شاش» كۆرۈنىدىغان بولۇپ كەتكەن. گەرچە باراكنىڭ بەدىنىدىكى بىر نەچچە يېرىگە قايچا تېگىپ كەتكەن ياكى يارا پەيدا بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تېزلا ساقىيىپ كېتىدىكەن. ھازىر باراك ئۆزىنىڭ ئېغىر «كىيىمى»نى سېلىۋېتىپ، قۇتقۇزۇش ئورنىدا خۇشال تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان بولدى. قارىغاندا، قويلارنىڭ چاچ پاسونى ئىنسانلارنىڭكىگە ئوخشاشلا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن. چاچنى چىرايلىق ياساتسا ،ئادەممۇ باشقىچە ئۆزگىرىپ كېتىدىكەن ئەمەسمۇ!

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى