تەرمىلەر

ئەتىياز كەلسىلا ئاسان ئاچچىقلىنامسىز؟

ئەتىياز كەلسىلا ئاسان ئاچچىقلىنامسىز؟

ئەتىياز پەسلى گۈل-گىياھلار ئۆسىدىغان، دەرەخلەر بىخ چىقىرىدىغان، ھەممە شەيئىلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدىغان پەسىل بولسىمۇ، بىراق نېمىشقىكىن، كۆپىنچە كىشىلەر ھەمىشە بەدىنى ساقسىزدەك، بىرەر نەرسىسى كەمدەك، كەيپىياتى ناچارلاشقاندەك ھېس قىلىپ، كىچىككىنە ئىشلارغىمۇ ئاسانلا ئاچچىقلىنىپ، مىجەزى چۇسلىشىپ كېتىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئەتىيازدا ئاسانلا ئاچچىقلىنىشى ئەمەلىيەتتە جىگەر ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

غەزەپلىنىش ۋە ئاسان ئاچچىقلىنىش ئەمەلىيەتتە بىر خىل دۈشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىك پىسخىكىسى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ سۇبيېكتىپ ئارزۇسى بىلەن ئوبيېكتىپ ئەمەلىيىتى ماسلاشمىغاندا مۇشۇ خىل پاسسىپ كەيپىيات ئىنكاسى شەكىللىنىدۇ. ھالبۇكى ئەتىياز پەسلى جىگەرنىڭ ئۆزىنى تەڭشەيدىغان مەزگىلى بولۇپ، جىگەرنىڭ ئىسسىقى ئاشسا، مىجەزمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ چۇسلىشىدۇ.

ئەتىياز كەلسىلا ئاسان ئاچچىقلىنامسىز؟

كەيپىيات چۇسلىشىش، دائىم ئاچچىقلىنىش يۈرەك كېسەللىكلىرىنى قوزغاپلا قالماي، يەنە قالقانبەز ئىقتىدارى ئېشىش، دىيابېت، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق باشقا كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئاياللارغا نىسبەتەن ئاچچىقلىنىشنىڭ زىيىنى ئېغىر بولۇپ، ئىچكى ئاجراتمىلارنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، يۈزدە داغ پەيدا بولۇش، ئاق خۇن بىنورماللىقى، ئادەت قالايمىقانلىشىشتەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كۆپىنچە پىسخكىلىق تەتقىقاتلاردا مۇۋاپىق دەرىجىدە ئاچچىقلىنىشنىڭ چوڭ مېڭىدە پىسخىكىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھاسىل قىلىپلا قالماي، كىشىگە خوشاللىق ۋە قانائەت تۇيغۇسى ئاتا قىلىدىغانلىقى، بېسىمنى يېنىكلىتىپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بىراق ئەتىيازدا ئاسانلا ئاچچىقلىنىشقا بولمايدۇ، چۈنكى جىگەرنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ تۇرغان چاغدا ئاچچىقلانسا ئىسسىقنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، بەدەندە ناچار ئايلىنىش پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئەتىيازدا كەيپىياتنى خۇش تۇتۇشقا، تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

ئەتىياز كەلسىلا ئاسان ئاچچىقلىنامسىز؟

بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ، تۇرمۇشىڭىزنى تەڭشەڭ، مۇۋاپىق تۈردە بىر قىسىم پائالىيەتلەرگە قاتنىشىڭ. ئۆزىڭىزگە راھەت بېغىشلايدىغان بوشلۇق ھازىرلاپ، تۇرالغۇ ئۆيىڭىزنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىڭ، كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان زىننەت بۇيۇملىرى ۋە ھاياتقا ئۈمىد ئېلىپ كېلىدىغان ئۆسۈملۈك ۋە گۈللەردىن ئېلىپ ئۆيىڭىزگە تىزىڭ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئوزۇقلىنىش جەھەتتە ھەسەل، چىلان، پېچەكگۈل قاتارلىق تەمى تاتلىققا مايىل يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەڭ. پالەك، كەرەپشە قاتارلىقلارمۇ جىگەردىكى ئىسسىقنى قايتۇرۇشقا پايدىلىق.

ئەگەر يۇقىرىقى ئۇسۇللارنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلمەي، پاسسىپ كەيپىياتىڭىز ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە تۇرمۇشىڭىزغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى