ساغلاملىق

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئەرلەرنىڭ بالا ئېلىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلىرى

ئالدى بىلەن شۇنى بىلىش كېرەككى، ئۇرۇقتا ئەيدىز ۋىرۇسى بولمايدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئەرلەر ساغلام بالىلىق بولالايدۇ. ئەگەر ساغلام، ئەقىللىك بالىلىق بولۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى يەتتە تۈرلۈك تەييارلىقنى ياخشى ئىشلەش كېرەك :

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئەرلەرنىڭ بالا ئېلىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلىرى

1. تۇغۇتنىڭ ئالتۇن مەزگىلىنى ئىگىلەش

ئادەتتە ئەرلەرنىڭ ئەڭ ياخشى بالىلىق بولۇش ۋاقتى 35 ياشتىن بۇرۇن، ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى تۇغۇت ۋاقتى 30 ياشتىن بۇرۇن بولىدۇ. بۇ ياش باسقۇچىدىكى ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك، ئىسپېرما سۈپىتى ۋە ھاياتىي كۈچى ئەڭ ياخشى، ھامىلىدار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى، غەيرىيلىك نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق.

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئەرلەرنىڭ بالا ئېلىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلىرى

2. تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئادىتىنى ئۆزگەرتىش، تاماكا ۋە ھاراقنى تاشلاش

تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن ئىسپېرما مىقدارىنى ئازايتىپ، ئىسپېرما سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئاسانلا جىنسىي ئىقتىدار توسالغۇغا ئۇچراپ، تۇغۇش ئىقتىدارى ۋاسىتىلىك ھالدا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئۇزاق مۇددەت ھاراق ئىچكەندە، ئورگانىزمنىڭ ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىسپېرمىنىڭ سانىنى ئازايتىۋېتىدۇ ياكى ئىسپېرمىنىڭ ھەرىكەتلىنىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، ھاياتىي كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، غەيرىي ئىسپېرما، ئۆلۈك ئىسپېرمىنىڭ نىسبىتىنى ئۆرلىتىۋېتىپ، ھامىلىدارلىق ۋە تۆرەلمىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئەرلەرنىڭ بالا ئېلىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلىرى

3. يېمەك – ئىچمەكنى تەڭشەش، ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش

سۈپەتلىك تۇغۇش، سۈپەتلىك تەربىيەلەشتە ئەرلەرنىڭ بالىلىق بولۇشقا تەييارلىق كۆرۈشتىكى ئاساسلىق خىزمىتى ئىسپېرمىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش، شۇڭا يېمەك – ئىچمەك جەھەتتە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش، بولۇپمۇ سىنك ئېلېمېنتى ۋە ئاقسىل تولۇقلاش كېرەك.

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئەرلەرنىڭ بالا ئېلىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلىرى

4. بەك ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇشتىن ساقلىنىش

ئىسپېرما تۆرىلىشىدىنلا تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنرەك بولۇشىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئادەتتە ھور مۇنچىسى، ھور ئۆيى ۋە توك ئەدىيال قاتارلىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق سورۇنلاردىن يىراق تۇرۇش، پادىچىلار ئىشتىنى، تار ئىشتان كىيمەسلىك، ئادەتتە ئۇزاق ئولتۇرماسلىق كېرەك.

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئەرلەرنىڭ بالا ئېلىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلىرى

5. بەدەن چېنىقتۇرۇش، مەشغۇلات قانۇنىيەتلىك بولۇش

ھازىر تۇرمۇش رىتىمى تېز، بېسىم ئېغىر، نۇرغۇن كىشىلەر ئادەتتە خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، چېنىقىشنى ئاز قىلىدۇ. ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا بەدەن ئاساسى ئاجىز بولۇپ، ئىككىلەمچى ساغلاملىق ھالىتى شەكىللىنىپلا قالماستىن، بەلكى سېمىزلىك نىسبىتىمۇ بارغانسېرى يۇقىرىلايدۇ. بەك سېمىز ياكى بەك ئورۇق بولۇپ كەتسە، جىنسىي ھورمۇننىڭ نورمال سەۋىيەسىگە تەسىر يېتىپ، ئىسپېرما مىقدارى ئازىيىپ، غەيرىي ئىسپېرما نىسبىتى ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە چىدامچانلىق مەشىقىنى ئاساسلىق چېنىقىش ئۇسۇلى قىلىپ، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

 

6. نەپسىنى مۇۋاپىق چەكلەش

زىيادە كۆپ مەنىي چىقىرىش ياكى ئۇزۇن ۋاقىت نەپسىنى يىغىش ئىسپېرما سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. جىنسىي تۇرمۇش زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزىگە قان تولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مەنىي سۇيۇقلۇقىنىڭ مىقدارى، يېپىشقاقلىقى، كىسلاتالىق -ئىشقارلىق دەرىجىسى قاتارلىقلارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئەرلەرنىڭ بالا ئېلىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلىرى

7. بېزەكچىلىكتىكى بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش

ئۇزاق ۋاقىت ياكى قىسقا ۋاقىت ئېغىر مېتال، ھاشارات يوقىتىش دورىسى، ئوت – چۆپ يوقىتىش دورىسى، زەھەرلىك بېزەك ماتېرىياللىرى ۋە سىر، فورمالدېھىد، ئاپتوموبىل كېرەكسىز گازى، رادىيوئاكتىپ نۇر قاتارلىقلار بىلەن كۆپ ئۇچراشقاندا، ئەرلەرنىڭ بالىلىق بولۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن.

ھازىر كىشىلەر تويدىن بۇرۇن يېڭى ئۆي سېتىۋالىدۇ ياكى ئۆي جاھازلىرىنى قايتىدىن بېزەيدۇ، بۇنداق بولغاندا فورمالدېھىد، بېنزول قاتارلىق زىيانلىق ماددىلار بىلەن ئاسانلا ئۇچرىشىپ، ئىسپېرمىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا ھامىلىدار بولۇشتىن ئالتە ئاي ئىلگىرى ئامال بار ئۆي جاھازلىرىنى بېزەشتىن ساقلىنىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى