ساغلاملىق

نېمشىقا بەزىلەر ياش تۇرۇپلا يەللىك بوغۇم ئاغرىقى كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ؟

نېمشىقا بەزىلەر ياش تۇرۇپلا يەللىك بوغۇم ئاغرىقى كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ؟

نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ياش تۇرۇپلا يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ، ئۇنداقتا ياشلار نېمىشقا يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ؟

يەللىك بوغۇم ئاغرىقى ئىرسىيەت ئامىلىدىن باشقا تۆۋەندىكى ئالتە خىل سەۋەب بىلەن مۇناسىۋەتلىك:

  1. گۆشلۈك يېمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ يېيىش

گۆشلۈك يېمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ يېگەندە بەدەننىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىپ، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى پەيدا بولۇش خەۋپىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ.

2. تاتلىق ئىچىملىكلەرنى زىيادە كۆپ ئىچىش

كۆپ قىسىم تاتلىق ئىچىملىكلەر تەركىبىدىكى مېۋە گىلۇكوزا تەركىبلەر يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىشكە بېرىلىش

تاماكا ۋە ھاراققا بېرىلىش يەللىك بوغۇم ئاغرىقى پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ھاراق بۆرەك، جىگەرگە زىيان يەتكۈزۈپ، بەدەننى ئاجىزلاشتۇرۋېتىدۇ، شۇڭلاشقا يەللىك بوغۇم ئاغرىقىدىن يىراق تۇرىمەن دەيدىكەن چوقۇم تاماكا، ھاراق تاشلاش كېرەك.

4. بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە ئېشىپ كېتىش

زىيادە سېمىز كىشىلەر گۆشلۈك، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ يېگەچكە ئاسانلا يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بولۇپ قالىدۇ.

5. ھەرىكەت مىقدارى زىيادە ئاز بولۇش

مۇۋاپىق مىقداردا ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە بەدەندىكى ئەخلەتلەرنى تازىلىغىلى بولىدۇ.

6. زىيادە چارچاش، تۇرمۇش قانۇنىيەتسىز بولۇش

ئادەم زىيادە چارچاپ كەتكەندە، تۇرمۇشى قانۇنىيەتسىز بولغاندا بەدەن زىيادە ئاجىزلاپ، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش، كۆپ سۇ ئىچىش، ھەرىكەت قىلىشقا ئادەتلىنىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى