ساغلاملىق

چۈش كۆرۈشنىڭ ساغلاملىققا بولغان ئ‍التە چوڭ پايدىسى

نۇرغۇن كىشىلەر ھەر كۈنى دېگۈدەك چۈش كۆرىدۇ، ئاز بولغاندا تۆت-بەشنى، كۆپ بولغاندا يەتتە-سەككىزنى، ھەتتا بەزىلەر بىر خىل چۈشنى خۇددى كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا ئوخشاش ئۇدا نەچچە كۈن كۆرىدۇ…

چۈش كۆرۈشنىڭ ساغلاملىققا بولغان ئ‍التە چوڭ پايدىسى

ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈش كۆرۈش ھەرخىل بولۇپ، بەزىدە ئۆزىنى كونترول قىلالماي كۈلۈپ ئويغىنىپ كېتىدۇ ياكى قورقۇپ ئويغىنىپ كېتىدۇ! ئۇنداقتا چۈش كۆرۈش راستتىنلا ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

چۈش كۆرۈشنىڭ ساغلاملىققا بولغان ئ‍التە چوڭ پايدىسى

چۈشنىڭ بەش باسقۇچى
ئادەم ئۇخلىغاندىن كېيىن چوڭ مېڭىمۇ ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرىدۇ، لېكىن ئاز بىر قىسىم مېڭە ھۈجەيرىلىرى يەنىلا ھەرىكەت قىلىدۇ، مانا بۇ چۈشنىڭ ئاساسى. ئۇيقۇ بولسا ئ‍ۇيقۇغا كىرىشىش، تېيىز ئۇيقۇ، ئوتتۇرا ھال ئ‍ۇيقۇ، چوڭقۇر ئۇيقۇ، كۆزنى تېز سۈرئ‍ەتتە مىدىرلىتىشتىن ئىبارەت بەش باسقۇچ بولۇپ، تۆت دەۋرىيلىك بويىچە ئايلىنىدۇ، ھەر بىر دەۋرىيلىك تەخمىنەن 90 مىنۇت بولىدۇ.

چۈش كۆرۈشنىڭ ساغلاملىققا بولغان ئ‍التە چوڭ پايدىسى

چۈش كۆرۈشنىڭ ساغلاملىققا بولغان ئالتە چوڭ پايدىسى

چۈش كۆرۈش ئادەمنىڭ ئۇخلاش جەريانىدا پەيدا بولىدىغان بىر خىل نورمال فىزىئولوگىيىلىك ۋە پىسخىكىلىق ھادىسە بولۇپ، چۈش كۆرۈشنىڭ بەدەنگە تۆۋەندىكىدەك پايدىسى بار:
1. مېڭە ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە كۈچىيىشىگە پايدىلىق
چۈش كۆرۈش مېڭىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىنتايىن جانلىق خىمىيەلىك رېئاكسىيە پەيدا قىلىپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىدىكى ئاقسىلنىڭ بىرىكىشى ۋە يېڭىلىنىشىنى يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزىدۇ، تېز سۈرئ‍ەتتە ئېقىپ ئۆتىدىغان قان ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق ئېلىپ كېلىدۇ ھەمدە كېرەكسىز ماددىلارنى يۆتكەپ كېتىپ، كەلگۈسىدە يېڭى پائالىيەتلەرگە كىرىشىشكە ئاساس سالىدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، چۈش مېڭە ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە كۈچىيىشىگە پايدىلىق.
2. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق
چوڭ مېڭە چۈش كۆرۈش ئارقىلىق كۈندۈزى ئۆگەنگەن نەرسىلىرىنى رەتلەپ، ماس كېلىدىغان فۇنكسىيەلىك رايونلارنىڭ ئەستە تۇتۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، يەنى چۈش كۆرۈش ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق.

چۈش كۆرۈشنىڭ ساغلاملىققا بولغان ئ‍التە چوڭ پايدىسى

3. كەيپىياتنى تەڭشەپ، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقنى يۇقىرى كۆتۈرۈش
مېڭىدىكى بىر قىسىم ھۈجەيرىلەر ئويغانغاندا رول ئوينىمايدۇ، ئەمما ئۇخلىغاندا بۇ ھۈجەيرىلەر ئەكسىچە جانلىنىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چۈش شەكىللىنىدۇ. چۈش يەنە مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇپ، مېڭىنى سەگەكلەشتۈرىدۇ، تەپەككۇر پائالىيىتىنى كۈچەيتىدۇ، بۇ ھەزىم قىلىش ۋە جىسمانىي، روھىي ساغلاملىققا پايدىلىق بولۇپ، كىشىلەرنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە ئۆستۈرىدۇ، ئىلھامنىڭ بىخلىنىشى ۋە ئىجادىي تەپەككۇرغا پايدىلىق.

چۈش كۆرۈشنىڭ ساغلاملىققا بولغان ئ‍التە چوڭ پايدىسى

4. كىشىلەرگە كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى سىگنالىنى يەتكۈزىدۇ
بەزى كېسەللىكلەر يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، دائىم ئالدىن چۈش كۆرۈش شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. بولۇپمۇ قارا بېسىش، بۇ كۆپ ھاللاردا راك كېسىلى ۋە باشقا بەزى كېسەللىكلەرنىڭ دەسلەپكى سىگنالى، بولۇپمۇ مەزمۇنى ئاساسەن ئوخشاش بولغان بەزى يامان چۈشلەرنى دائىم تەكرار كۆرۈش روشەن كېسەللىك ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.

چۈش كۆرۈشنىڭ ساغلاملىققا بولغان ئ‍التە چوڭ پايدىسى

5. چۈش كۆرۈپ ئۇخلىغاندا ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ
تەتقىقاتچىلار مۇۋاپىق چۈش كۆرۈشنىڭ ئۆمۈرنى ئۇزارتىشقا ياردىمى بولىدىغانلىقى، شېرىن چۈش كۆرۈشنىڭ كىشىگە خۇشاللىق، كۆڭۈل ئازادىلىكى قاتارلىق گۈزەل تەسىراتلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بايقىغان.

6. كىشىلەرنىڭ ئىجادىي تەپەككۇر قىلىشىغا پايدىلىق

چۈش كۆرۈش ھەرگىزمۇ ئۇيقۇ سۈپىتى ناچارلىقنىڭ «باش جىنايەتچى» ئەمەس، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، چۈش كۆرۈش كۈندۈزدىكى پىسخىكىلىق توقۇنۇش ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى زىددىيەتنى پەسەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇپ، سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

چۈش كۆرۈشنىڭ ساغلاملىققا بولغان ئ‍التە چوڭ پايدىسى

چۈش كۆرۈشنىڭ ئادەمگە ۋە ئۇيقۇغا بەلگىلىك پايدىسى بار، لېكىن چۈش كۆرۈش سەۋەبىدىن نورمال خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا تەسىر يەتسە، دوختۇرغا كۆرۈنۈپ سەۋەبىنى ئىزدەش ھەمدە داۋالىنىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى