ساغلاملىق

ئىچ مىجەزلىكنى قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك

ئىچ مىجەزلىكنى  قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك

زىيادە ئىچ مىجەزلىك كىشىلەر خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ياكى كىشىلىك ئالاقىدە بولسۇن جەمئىيەتكە سىڭىشەلمەيدۇ، ھەمىشە زىيان تارتىدۇ. بولۇپمۇ خىزمەت جەريانىدا ئىچ مىجەزلىك كىشىلەر ئۆز مەسئۇلىيىتىنىڭ سىرتىدىكى سەۋەبسىزلا قوشۇلغان خىزمەتلەر بېشىغا كەلسە ئارتۇق گەپ قىلالمايدۇ، بەزىدە ھەتتا سۆز قايتۇرۇش بوشلۇقىغىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ. كۈنلىرى ھارغىنلىق ئىلكىدە ئۆتىدۇ، خىزمەتداشلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش جەريانىدىمۇ زىيادە ئىچ مىجەزلىك سەۋەبىدىن چەتكە قېقىلىدۇ.

شۇڭا خاراكتېرىڭىزنى ئۆزگەرتكەندىن كۆرە، ئارتۇقچىلىقىڭىزنى جارى قىلدۇرۇپ، قولىڭىزدىن كېلىدىغان ئىشلىرىڭىزنى ۋايىغا يەتكۈزگىنىڭىز ئەۋزەل.

ئىچ مىجەزلىكنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار:

1. ئۆزىگە زىيادە ئىشىنىش، ئۆزىنىلا مەركەز قىلىش، تەنھالىقىدىن ھۇزۇر ھېس قىلىش، ئادەتتىكى كىشىلەرنى ياراتماسلىق ھەم ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىشنى خالىماسلىق؛

2. تۇرمۇشىدىكى كۆڭۈلسىز سەرگۈزەشتلەر ۋە تۇرمۇش مۇھىتى شەكىللەندۈرگەن ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى پەيدا قىلغان ئالاقىلىشىشتىكى جىددىيلىك، قورقۇنچ ھېس قىلىش قاتارلىقلار كىشىلىك ئالاقە جەريانىدا ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنى ھەددىدىن ئارتۇق جىددىيلەشتۈرۈپ، ۋەزىيەتنى ئوڭايسىز ھالەتكە كەلتۈرىدۇ، تەكرار داۋاملاشسا شۇ كىشىگە نىسبەتەن زىيىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلايدۇ.

3. دوستنىڭ ئازلىقى تۈپەيلى كۆڭلىدىكى ئازاب-ئوقۇبەت ۋە ئوي-خىياللىرىنى دەيدىغان ھەمراھ تاپالماي ئۆز-ئۆزىنى بېكىندۈرۈۋېلىشتىنمۇ ئىچ مىجەزلىك شەكىللىنىدۇ.

ئىچ مىجەزلىكنى  قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك

ئۇنداقتا ئىچ مىجەزلىكنى قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك؟

* ئىشەنچ تۇيغۇسىنى تىكلەپ، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئالاقە ئورنىتىش. ئۆزىنى توغرا تونۇپ ۋە بەك چوڭ بىلىۋالماي، زىيادە ئۆزىگە ئىشىنىشنى ئۆزگەرتىپ، كىشىلەر بىلەن باراۋەر ئاساستا ئارىلىشىش، شۇنداقلا ئۆزىنى بەكمۇ تۆۋەن كۆرۈۋالماي، ئۆز-ئۆزىنى كەمسىتمەسلىك كېرەك. ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكىگە توغرا يۈزلىنىپ، كىشىلىك ئالاقىدىكى ئىشەنچ تۇيغۇسىنى تىكلەش كېرەك.

* كۆڭلىدىكىنى ئىپادىلەش ۋە ھەمبەھرىلەشنى ئۆگىنىش. غەم-غۇسسىلىرىنى، بىئاراملىقىنى، ئوي-خىياللىرىنى قېرىنداشلىرى ۋە دوستلىرىغا ئېيتىشنى ئۆگىنىش، شۇنداقلا خوشاللىقلىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا ماھىر بولۇش كېرەك، شۇندىلا خاراكتېرى بارغانچە ئېچىلىپ، باشقىلار بىلەن قىزغىن مۇئامىلە قىلىشالايدىغان، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بىلەن دوستلىشالايدىغان بولىدۇ.

* يالغۇزلۇقنى ئالىيجاناپلىق دەپ بىلىۋالماسلىق كېرەك. كۆپىنچە ئىچ مىجەز كىشىلەر ئۆزىنى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغاندەك، كىشىلەر ئارىسىدا بىر خىل ئۈستۈن تۇرىدىغاندەك ھېسابلاپ ئۆز كۆڭلىنى خۇش ئېتىدۇ. ئەگەر سىزدە بۇ خىل ئوي بولسا بىر ئۆمۈر ئىچ مىجەزلىك خاراكتېرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىز. بۇ خىل كىشىلەر باشقىلار بىلەن ئارىلىشىشنى خالىمايدۇ ئەمەس، بەلكى ئۇلاردىكى ئۆزىنى كەمسىتىش، قورقۇنچاقلىق تۇيغۇسى ئۇلارنى كوللېكىتپقا سىڭىشىش ئىقتىدارىدىن ئايرىيدۇ. بىراق ئۆزلىرى ئېرىشمەكچى بولغان غورۇرغا نىسبەتەن خىجىللىق ھېس قىلىدۇ-دە، مانا مۇشۇنداق قۇرۇق ئالىيجاناپلىق ئاتىقىغا ئېرىشىپ قالىدۇ.

* كەڭ دائىرىلىك قىزىقىش يېتىلدۈرۈش. بەزىدە ناچار كەيپىياتنى تۈرلۈك قىزىقىش ئارقىلىق يوقاتقىلى، دىققەتنى يۆتكىگىلى ۋە پىسخىكا يۈكىنى يېنىكلەتكىلى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى تۇرغۇزغىلى بولىدۇ.

* دوستلۇقنى رەت قىلماسلىق. ئىچ مىجەز كىشىلەرنىڭ دوستلىرى تولىمۇ ئاز بولىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا دوستنىڭ يوقلۇقىدىن ئەمەس، بەلكى كۆپىنچە دوستلارنىڭ ئۇنىڭدىن يىراقلاشقانلىقىنىڭ سەۋەبى. چۈنكى ئىچ مىجەزلىكلەر ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەشنى خالىمايدۇ، دوستلىرىغا مېھىر-مۇھەببىتىنى، مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى ئىپادىلەشكە ئاجىز بولغانلىقتىن، دوستلىرىنىڭ ياقتۇرۇشى ياكى ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. شۇڭا ئىچ مىجەزلىك كىشىلەر دوستلۇق قوبۇللاشنى ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوستلىشىشنى ئۆگىنىشى كېرەك.

* باشقىلارنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى تەلەپ قىلماسلىق كېرەك. كۆپ قىىسىم كىشىلەر ھەممىلا ئادەمدىن قۇسۇر ئىزدەشكە ئامراق كېلىدۇ، كىچىككىنە سەۋەنلىكىمۇ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلمايدۇ. شۇڭا ھېچكىم ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلىششنى خالىمايدۇ، شۇڭا ئۇلار نەگىلا بارمىسۇن باشقىلارنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچراپ، ۋاقىت ئۇزارغانچە مىجەزى ئۆزگەرمىگەن تەقدىردىمۇ، تەنھالىق يولىغا قەدەم بېسىپ قالىدۇ، ھالبۇكى تەنھالىق ئىچ مىجەزلىكنى پەيدا قىلغۇچى مۇھىم ئامىلدۇر.

* ھەرخىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقاندا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى تۇرغۇزغىلى، ھەرخىل كىشىلەر بىلەن دوستلاشقىلى ۋە ئىچ مىجەزلىك خاراكتېرىنى تۈزەتكىلى بولىدۇ.

* تەكلىپ-پىكىرلەرنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىش. ئىچ مىجەزلىكلەر جاھىلراق كېلىدۇ، ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرىدۇ. ھېچقانداق كىشىنىڭ تەكلىپ-پىكىرىنى ئاڭلىمايدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئۇلار بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالىمايدۇ. شۇڭا ئىچ مىجەزلىكلەر ئۆزىنى ئۆزگەرتىشتىن ئاۋال باشقىلارنىڭ پىكىرىنى قوبۇللاشنى ئۆگىنىشى، ئەڭ بولمىغاندا تىڭشاپ ۋە سىناپ بېقىشى كېرەك.

زىيادە ئىچ مىجەز كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تەنھالىق ئىلكىدە ياشايدۇ. ‍ئۇلار تۇرمۇش چەمبىرىكىنى كېڭەيتىشكە، تۇرمۇشىنى مەناغا ئىگە قىلىشقا تەلپۈنىدۇ-يۇ، بىراق ئۇلاردا ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ ئاساسىي چارىلىرى كەم بولغانلىقتىن بۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. شۇڭا ئىچ مىجەز بولسىڭىز ياكى شۇنداق كىشىلەرنى ئۇچراتسىڭىز يۇقىرىقى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بېقىڭ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى