ئالەم بوشلۇقىدا 40 يىل ئۇچقان «ساياھەتچى 1-نومۇر» نېمىشقا مېتىئورىتلارغا سوقۇلۇپ كەتمىدى؟
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن بۇيان، ئىنسانلارنىڭ ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، ئاي شارىغا چىقىش ئىنسانلارنىڭ قىزىقىشى ۋە ئىزدىنىش ئىستىكىنى قاندۇرالمىدى، ئىنسانلار پۈتكۈل ئالەمگە ئىنتايىن قىزىقتى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ئامېرىكا «ساياھەتچى» ناملىق بىر قاتار تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىنى قويۇپ بەردى، بۇ خىل تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ قويۇپ بېرىلگىنىگە 40 يىلدىن ئاشتى.
ئالىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ساياھەتچى1-نومۇر» نۆۋەتتە قۇياش سىستېمىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچۇپ چىققان بولۇپ، كەلگۈسىدە يەر شارى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالىدىكەن. كىشىلەر ئەپسۇسلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ بۇ 40 نەچچە يىللىق كەچۈرمىشلىرىگىمۇ قىزىقىپ قالدى. «ساياھەتچى 1-نومۇر» ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ يىراق ئۇچقان تەكشۈرۈش ئەسۋابى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ھەتتا قۇياش سىستېمىسىنىڭ چېتىدىكى كىچىك سەييارىلەر بەلبېغىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن، بۇ جەرياندا نېمە ئۈچۈن كىچىك سەييارىلەر ئۇنىڭ بىلەن سوقۇلۇپ كەتمەيدۇ؟ ھەتتا چوڭ تىپتىكى ئاسمان جىسىملىرى تەرىپىدىن تارتېۋىلىنمايدۇ؟
بەزى قاراشتىكېلەر، ئالىملار «ساياھەتچى1-نومۇر»نى قويۇپ بەرگەندە، ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇقىم ئۇچۇش لىنىيەسىنى پىلانلاپ قويغان بولۇشى مۇمكىن، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ ھازىر يەنىلا يەر شارىنىڭ سىگنال كونترول دائىرىسى ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ ھەمدە مۇشۇ ئاساستا، ئالىملار ھەر ۋاقىت كىچىك سەييارىلەرنىڭ ئورنىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق «ساياھەتچى 1-نومۇر»نىڭ ئۇلار بىلەن سوقۇلۇشىنى ئوڭۇشلۇق كونترول قىلالايدۇ دەپ قارىغان.
بۇ خىل قىياسنىڭ بەلگىلىك ئاساسى بار، لېكىن يەنىلا قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە ئەمەس، ئالەم سانسىزلىغان مۇمكىنچىلىككە ئىگە بولۇپ، ھەر ۋاقىت كىچىك سەييارىلەرنىڭ سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بېرىشى مۇمكىن، پەقەت سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقىلا تايىنىش ئانچە رېئال ئەمەس. بۇنىڭغا قارىتا ئالىملار مۇۋاپىق چۈشەنچە بەردى. كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تونۇشىدا، كائىناتتىكى ئاسمان جىسىملىرى بىلەن ئاسمان جىسىملىرى ئارىسىدىكى زىچلىق كىچىك ئەمەس، شۇڭا كىچىك سەييارىلەرنىڭ سوقۇلۇش ئېھتىماللىقى بىرقەدەر چوڭ.
ئەمەلىيەتتە، ئاسمان جىسىملىرى ئارىسىدىكى ئارىلىق بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىن يىراق بولۇپ، پەقەت يەر شارى بىلەن ئاي شارى ئارىسىدىكى ئارىلىق 380 مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ، «ساياھەتچى 1-نومۇر» نىڭ ھەجمى ئانچە چوڭ ئەمەس، نىسبەتەن ئېيتقاندا، سوقۇلۇش ئېھتىماللىقى يوق دېيەرلىك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالىملار ئاتوم قۇرۇلمىسىنى مىسال كەلتۈرۈپ، ئاتوم يادروسى بىلەن ئېلېكتىروننىڭ ئارىلىقى ئەگەر بەلگىلىك نىسبەت بويىچە چوڭايتىلسا، بېيجىڭ شەھەر مەركىزىدىن تيەنجىن شەھىرىنىڭ مەركىزىگىچە بولغان ئارلىقچىلىك چوڭ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسى ۋاكۇئۇم ھالەتتە بولىدۇ، كائىناتتىكى ئاسمان جىسىملىرى ئارىسىدىمۇ تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ.
«ساياھەتچى 1-نومۇر» ساتۇرننىڭ تارتىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ، «رەگەتكە ئېففېكتى»نى تېزلىتىپ، ئۇنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ كونتروللۇقىدىن قالغان ھەمدە ئوخشاش مەشغۇلات بىلەن يۇپىتېرنىڭ يېنىدىنمۇ ئۆتۈپ كەتكەن. شۇڭا ئالىملار بۇ مەسىلىنى تونۇپ يېتىپ، تېخنىكا ۋە نەزەرىيە بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى ئۆزگەرتكەن. بۈگۈنگە قەدەر «ساياھەتچى 1-نومۇر» يەنىلا كائىناتتا ئىزدىنىش باسقۇچىدا، گەرچە نۇرغۇن زاپچاسلار ئېغىر دەرىجىدە خوراپ كەتكەن، ئۇنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بىلەن تەمىنلىنىشىمۇ ئاخىرلىشاي دەپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئىنسانلارنىڭ ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئالغان، شۇنداقلا ئىنسانلارنى داۋاملىق تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ، يۇلتۇزلار ئۈستىدە ئىزدىنىشكە يېتەكلىمەكتە.