ئالەم

خاۋكىڭنىڭ قارا ئۆڭكۈر قىياسى خىرىسقا ئۇچرىدى: قارا ئۆڭكۈرگە «تۈك» چىقىشى مۇمكىن

1973-يىلى سىتىفېن خاۋكىڭ قاتارلىق كىشىلەر تۈكسىزلىك تېئورېمىسى (No Hair Theorem)نى ئىسپاتلىغان. بۇ نەزەرىيەگە ئاساسلانغاندا، قارا ئۆڭكۈر پەقەت ماسسا، بۇلۇڭلۇق ھەرىكەت مىقدارى ھەمدە زەرەتتىن ئىبارەت ئۈچ دانە ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىنىڭ ساقلىنىش مىقدارىغا ئايلىنالمايدۇ، باشقا ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ. لېكىن بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئېكسترېموم قارا ئۆڭكۈرى داڭلىق قارا ئۆڭكۈرنىڭ تۈكسىزلىك تېئورېمىسىنى بۇزۇپ تاشلىشى ھەمدە بىز ئۇنى مەلۇم ئۇسۇل بىلەن تەكشۈرۈپ بايقىيالىشىمىز مۇمكىن.

خاۋكىڭنىڭ قارا ئۆڭكۈر قىياسى خىرىسقا ئۇچرىدى: قارا ئۆڭكۈرگە «تۈك» چىقىشى مۇمكىن

قوشكېزەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق قارا ئۆڭكۈر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقتىن خېلىلا چوڭ. قوشكېزەكلەرنىڭ گېنى ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار سالاپىتى، تاشقى قىياپىتى، ھەتتا چاچ پاسونى جەھەتتە ئۆزلىرىنىڭ پەرقىنى نامايان قىلالايدۇ. ئەمما قارا ئۆڭكۈرگە نىسبەتەن ئېينىشتىيىننىڭ تارتىش كۈچى نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، پەقەت ماسسا، ئىسىپىن ۋە زەرەتتىن ئىبارەت ئۈچ ئالاھىدىلىكىلا بولىدۇ. ئەگەر ئىككى قارا ئۆڭكۈرنىڭ بۇ قىممەتلىرى ئوخشاش بولسا، ئىككى قارا ئۆڭكۈرنى پەرقلەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئۈستىدە بىز ئۇلارنىڭ«تۈكى»نى پەرقلەندۈرەلمەيمىز، مانا بۇ داڭلىق قارا ئۆڭكۈرنىڭ تۈكسىزلىك تېئورېمىسىدۇر.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى پائۇل چېسلېر (Paul Chesler) مۇنداق دېگەن: «كىلاسسىك كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىدە، ئۇلار پۈتۈنلەي ئوخشاش، سىز ھېچقانداق پەرق تاپالمايسىز».

ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولغان مەسىلىلەر

ئەمما ئالىملار تۈكسىزلىك تېئورېمىسنىڭ تامامەن توغرا ياكى توغرا ئەمەسلېكىنى ئويلىنىشقا باشلىدى. 2012-يىلى ئەينى چاغدا كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى (ھازىر تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ)دە ماتېماتىكا ئالىمى ستېفانوس ئارېتاكىس (Stefanos Aretakis) بىر قىسىم قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ ۋەقەنىڭ كۆرۈش دائىرىسىدە مۇقىمسىزلىق بولۇشى مۇمكىنلېكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ مۇقىمسىزلىقلار ۋەقەنىڭ كۆرۈش دائىرىسىدىكى بەزى رايونلاردا تېخىمۇ كۈچلۈك تارتىش كۈچى پەيدا قىلىپ، ئەسلىدە پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان قارا ئۆڭكۈرنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ.

ئەمما ئۇنىڭ تەڭلىمىسى پەقەت ئېكسترېمۇم قارا ئۆڭكۈرگە، يەنى ماسسا، ئىسىپىن ۋە زەرەتتىن ئىبارەت ئۈچ ئالاھىدىلىككە ماس كېلىدۇ، بىرى نەزەرىيە جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ قىممەت. چېسلېر مۇنداق دېدى: «بىلىشىمىزچە بۇ قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ياكى ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، تەبىئىي مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس».

ئەگەر بىر قارا ئۆڭكۈر بولسا، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خاسلىق قىممىتى ئېكسترېمۇم قىممەتكە يېقىنلىشىدۇ، ئەمما ئېكسترېمۇم قىممەتكە يېتەلمەيدۇ. مەسىلەن، يېقىندا دۆلەت رەسەتخانىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئاققۇ يۇلتۇز تۈركۈمى X1گە بولغان توغرا ئۆلچەش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇنىڭ ئىچىدە قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئىسىپىن پارامېتىرى 0.95دىن چوڭ بولۇپ، نەزەرىيەۋى چەك قىممىتى بىرگە ئىنتايىن يېقىنلاشقان (باشقىچە قاراش بويىچە ئېيتقاندا، بۇ قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش سۈرئىتى يورۇقلۇق تېزلېكىنىڭ %95 تىدىن يۇقىرى بولغان). ئۇنداقتا، بۇنداق يۇقىرى چەككە يېقىنلاشقان ئەمما چەككە يەتمىگەن قارا ئۆڭكۈر، تەكشۈرۈپ ئۆلچىگىلى بولىدىغان تۈكسىزلىك تېئورېمىسىغا خىلاپ بولامدۇ؟

خاۋكىڭنىڭ قارا ئۆڭكۈر قىياسى خىرىسقا ئۇچرىدى: قارا ئۆڭكۈرگە «تۈك» چىقىشى مۇمكىن

ئاققۇ يۇلتۇز تۈركۈمى X1 تەسەۋۋۇر رەسىمى (سۈرەت مەنبەسى: دۆلەت رەسەتخانىسى، خەلقئارا رادىيو ئاسترونومىيەسى تەتقىقات مەركىزى)

ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا«فىزىكا ئوبزورى D» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ئىلمىي ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەقىقەتەن مۇشۇنداق قىلمىش بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىل«تۈك»نى تارتىش كۈچى دولقۇنى تەكشۈرۈش پونكىتى كۆزىتەلەيدۇ.

ماسساچۇسېتس ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە رود ئارىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا ئالىمى، گاۋراف خاننا (Gaurav Khanna) مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «ئارېتاكىسنىڭ تەتقىقاتىدا، ۋەقەنىڭ كۆرۈش دائىرىسىدە بەزى ئۇچۇرلار بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئەمما بىزنىڭ ئىلمىي ماقالىمىز بۇ خىل«تۈك» نى ئۆلچەش ئىمكانىيىتىنى ياراتتى».

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئالىملارنىڭ قارىشىچە قارا ئۆڭكۈر ئۇچۇرىنىڭ قالدۇق ماددىسى ياكى قارا ئۆڭكۈر ئارقىدىنلا ئۇچرىغان تەۋرىنىش (مەسىلەن، قارا ئۆڭكۈرگە چۈشكەن ماددا) ، لىمىتلىق قارا ئۆڭكۈرگە يېقىنلاشقان ھادىسە كۆرۈش دائىرىسى ياكى ئەتراپىدا بۇ خىل تارتىش كۈچى تۇراقسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. خاننا مۇنداق دېدى: «بىز ئادەتتىكى قارا ئۆڭكۈر بىلەن پەرقى ناھايىتى چوڭ بولغان تارتىش كۈچى سىگنالىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمىز».

پىرىنسېتون ئالىي تەتقىقات يۇرتىدىكى ئاستروفىزىكا ئالىمى لىيا مېدېروس مۇنداق دېدى: «ئەگەر قارا ئۆڭكۈر ھەقىقەتەن «تۈك»كە ئىگە بولسا ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى ساقلاپ قالسا، بۇ بەلكىم داڭلىق فىزىكا ئالىمى سىتىفىن خاۋكىڭ ئوتتۇرىغا قويغان قارا ئۆڭكۈر ئۇچۇرى پارادوكسىغا زەربە بولۇشى مۇمكىن». بۇ پارادوكس 20-ئەسىر فىزىكىسىنىڭ ئىككى چوڭ تۈۋرۈكى بولغان كۋانت مېخانىكىسى بىلەن كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئاساسلىق زىددىيەتنى تاۋلىغان. مېدېروس: «ئەگەر سىز (ئۇچۇر پارادوكسىنىڭ) پەرەزلىرىدىن بىرىگە خىلاپلىق قىلسىڭىز، سىز بەلكىم بۇ پارادوكسنىڭ ئۆزىنى ھەل قىلالىشىڭىز مۇمكىن» دېگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر پەرەز دەل تۈكسىزلىك تېئورېمىسى.

بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەت ناھايىتى چوڭ بولۇشى مۇمكىن. مېدېروس مۇنداق دېدى: «ئەگەر بىز قارا ئۆڭكۈرنىڭ سىرتىدىكى ئەمەلىي قارا ئۆڭكۈرنىڭ ۋاقىت-بوشلۇقى بىلەن بىزنىڭ مۆلچەرىمىزنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالىساق، ئۇنداقتا مېنىڭچە بۇ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىگە غايەت زور زەربە بولىدۇ».

لېكىن ھازىر يەنە بەزى زور توسالغۇلار مەۋجۇت. نۆۋەتتە ئېكسترىمىزمغا يېقىن قارا ئۆڭكۈرنىڭ كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس، ئاسترونوملار ئېكسترىمىزملىق قارا ئۆڭكۈرنى تەقلىد قىلسا بولىدۇ، لېكىن نۆۋەتتە تەقلىدىي پەيدا بولغان قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ ھەممىسى ئاز دېگەندىمۇ «ئېكسترىمىزم» بىلەن %30 پەرق مەۋجۇت. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قارا ئۆڭكۈرلەر ئىنتايىن ئەسەبىي بولسىمۇ، تارتىش كۈچى دولقۇنىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ يېتەرلىك سەزگۈر ياكى سەزگۈر ئەمەسلېكىنى ئېنىق بىلگىلى بولمايدۇ، بۇ «تۈك»لەر ئارقىلىق مۇقىمسىزلىقنى بايقىغىلى بولىدۇ.

خاۋكىڭنىڭ قارا ئۆڭكۈر قىياسى خىرىسقا ئۇچرىدى: قارا ئۆڭكۈرگە «تۈك» چىقىشى مۇمكىن

قارا ئۆڭكۈر سانلىق قىممەت تەقلىدى

تېخىمۇ مۇھىمى بۇ «تۈك»لەرنىڭ مۆلچەردىكى ئۆمرى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، داۋاملىشىش ۋاقتى پەقەت نەچچە مىنۇت ياكى بىر سېكۈنتلا بولىدۇ.

بىراق، ھېچبولمىغاندا نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىلمىي ماقالىنىڭ ئۆزى ئىشەنچلىك. چېسلېر مۇنداق دېدى: «مەن ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ھەرقانداق ئادەمنى ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىدۇ دەپ قارىمايمەن، بۇ پۇرسەتپەرەسلىك ئەمەس، پەقەت ئېينىشتېيننىڭ تەڭلىمىسى بەك مۇرەككەپ، بىز ھەر يىلى ئۇنىڭ يېڭى ئالاھىدىلېكىنى بايقىيالايمىز».

ئالىملارنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى نىشانى ئۇلارنىڭ تارتىش كۈچى دولقۇنىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابىدىن قانداق سىگنال ئىزدەيدىغانلىقىنى بېكىتىشتىن ئىبارەت. بۇنداق تەكشۈرۈش ئەسۋابى LIGO ۋە Virgoغا ئوخشاش ئايلىنىۋاتقان ئۇل تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى، ياۋروپا ئالەم ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسىنىڭ (Laser Interferometer Space Antenna) بوشلۇق لازېر ئېنتېرفېرومېتىرىنى شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ تيەنچىن پىلانى ۋە تەيجى پىلانىغا ئوخشاش ئالەم بوشلۇقى ئاساسىي تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ خىل سىناپ بېقىشقا قارىتا، ئالىملارنىڭ يېتەرلىك ئاساسى بار. گەرچە، تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش ئىلمىي ماقالىسىنىڭ توغرا بولۇش پۇرسىتى ئاز بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق بايقاش ئېينىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىگە جەڭ ئېلان قىلىپلا قالماي، يەنە چېكىدىن ئاشقان قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى