تەبىئەت

پەمىدۇر نېمە ئۈچۈن 200 يىلدىن ئارتۇق زەھەرلىك دەپ قارالغان؟

پەمىدۇرنىڭ (شوخلا) ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىك. ئۇنىڭ ئەجدادى ئەڭ بۇرۇن مېكسىكىدا پەيدا بولغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا مېكسىكىدىكى يەرلىك ئازتېكلار كۆندۈرۈپ يېتىشتۈرگەن.

 

پەمىدۇر نېمە ئۈچۈن 200 يىلدىن ئارتۇق زەھەرلىك دەپ قارالغان؟

تۈر يېتىشتۈرۈش تارىخى:

ئەڭ ئىپتىدائىي پەمىدۇر بىر خىل ياۋا سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئاز دېگەندىمۇ 80 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە. شۇ چاغدىكى پەمىدۇرنىڭ مېۋىسى پەقەت كۆك پۇرچاق چوڭلۇقىدا بولغان، پەمىدۇرنىڭ قانداق مەقسەتنى كۆزلىگەنلېكىنى ھازىر بىلگىلى بولمايدۇ، تەخمىنەن 7000 يىل ئىلگىرى كۆك پۇرچاق چوڭلۇقىدىكى مېۋە بېرىدىغان ئۆسۈملۈكنى شۇ جايدىكى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى يەرلىك خەلق گىلاس چوڭلۇقىدىكى مېۋە تۈپى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىققان.

16-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، ئىسپانىيەلىكلەر بۇ خىل گىلاس چوڭلۇقىدىكى ئۆسۈملۈكنى ياۋروپاغا ئېلىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن نەچچە يۈز يىللىق يېتىشتۈرۈشنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاخىرىدا بىز ھازىر كۆرۈۋاتقان پەمىدۇرغا ئايلانغان.

پەمىدۇر نېمە ئۈچۈن 200 يىلدىن ئارتۇق زەھەرلىك دەپ قارالغان؟

ئىلگىرىكى پەمىدۇرنىڭ تەمى ياخشى ئەمەس ئىدى

دەسلەپكى مەزگىلدىكى پەمىدۇر مېۋىسىنىڭ پوستى ناھايىتى يىرىك، ناھايىتى قوپال بولۇپ، بىز ھازىر كۆرگەنگە ئوخشىمايدۇ. پەمىدۇرنىڭ يۇمران مېۋىسىنى كۆرۈپ باققانلار يېڭى ئۆسكەن پەمىدۇرنىڭ ئۈستىگە «تۈك» ئۆسۈپ كەتكەنلېكىنى بىلىدۇ. بۇ چاغدىكى پەمىدۇرنى ئەبنۇسقا ئوخشايدۇ دېگەندىن كۆرە، «كاۋا»غا ئوخشايدۇ دېگەن تۈزۈك.

پەمىدۇر نېمە ئۈچۈن 200 يىلدىن ئارتۇق زەھەرلىك دەپ قارالغان؟

دەسلەپكى كىتابلاردىكى پەمىدۇر

پەمىدۇر نېمە ئۈچۈن 200 يىلدىن ئارتۇق زەھەرلىك دەپ قارالغان؟

نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى غەرب ماي بوياق رەسىمىدە پەمىدۇرنىڭ تۇرقى

پەمىدۇر نېمە ئۈچۈن 200 يىلدىن ئارتۇق زەھەرلىك دەپ قارالغان؟

ئۇ چاغدىكى پەمىدۇرنىڭ ئىچى كاۋاك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچىدىكى ئۇرۇق بەك چوڭ بولغاچقا، تەمىمۇ ياخشى ئەمەس. پەمىدۇرنى ياۋروپاغا ئېلىپ كىرىپ تېرىغاندىن كېيىن، يۈرەكلىك ئىسپانىيەلىكلەر پەمىدۇر يېيىش سىنىقىنى باشلىۋەتكەن. لېكىن ھازىرقىدەك ئۇنىڭغا شېكەر قوشۇش ئەمەس بەلكى شۇ چاغدىكى ئاساسلىق يېيىش ئۇسۇلى تېتىتقۇ ۋە تۇز قوشۇش، خۇددى نۇرغۇن قۇرۇقلۇقتىن يېڭى كىرگەن تۈرلەرگە ئوخشاش، پەمىدۇرمۇ ئىلگىرى ياۋروپالىقلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.

پەمىدۇر نېمە ئۈچۈن 200 يىلدىن ئارتۇق زەھەرلىك دەپ قارالغان؟

1544-يىلى ئىتالىيەلىك دوختۇر قوشۇمچە بوتانىكا ئالىمى پېترو ئاندرىيە ماتىئولى بۇ خىل يېڭى تىپتىكى «پىدىگەن»نى ئىتالىيەگە ئېلىپ كەلگەن. چۈنكى ئۇ پىشقاندا قىزىل ياكى ئالتۇن رەڭگە كىرگەچكە، «ئالتۇن ئالما» دەپ ئاتىغان، دوختۇر ماتىئولى بۇ خىل پىدىگەننى مەلۇم «سىرلىق» ئۇسۇلدا تەشۋىق قىلغان بولۇشى مۇمكىن. پەمىدۇر ئىتالىيەدىن فىرانسىيەگە تارقالغاندا، فىرانسىيەلىكلەر پەمىدۇرنىڭ بىر خىل باھنى كۈچەيتكۈچى دورا ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشەنگەچكە، فىرانسىيەلىكلەرنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن «سۆيگۈ» دېگەن نام ناھايىتى مۇۋاپىق!

پەمىدۇر نېمە ئۈچۈن زەھەرلىك دەپ قارىلىدۇ؟

پەمىدۇر فىرانسىيەدىن يەنە ياۋروپانىڭ شىمالىغا تارقىلىپ، ئاخىرى 1590-يىلى ئەنگلىيەگە كىرىپ، ئەڭ بۇرۇن جون جېراد ئىسىملىك بىر ساتىراش تېرىغان. گەرچە جېراد پەمىدۇرنى ئىسپانىيە ۋە ئىتالىيەدە يېگىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئۇنى ئۆتكۈر زەھەرلىك دەپ قارىغان. ئۇنىڭ بۇنداق قاراشتا بولۇشىدىكى سەۋەب، پەمىدۇر ئۆتكۈر زەھەرلىك ئۆسۈملۈك ئاتروپا ئوتى بىلەن باغلانغان، ئاتروپا ئوتى بىلەن پەمىدۇردىن ئىبارەت بۇ ئىككى خىل ئۆسۈملۈك ھەقىقەتەن بەك ئوخشىشىدۇ.

پەمىدۇر نېمە ئۈچۈن 200 يىلدىن ئارتۇق زەھەرلىك دەپ قارالغان؟

ئاتروپا ئوتى ئىنتايىن كۈچلۈك زەھەر بولۇپ، پەقەت ئاز مىقداردا مېۋە، يىلتىز غولى ياكى يوپۇرمىقىنى يېسىلا، يۇتۇش قىيىنلىشىش، ئاغزىدىن كۆپۈك چىقىش، بېشى قاتتىق ئاغرىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى غۇۋالىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، ھوشىدىن كېتىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. جېرادنىڭ بۇ خىل ئىدىيەسىنىڭ تارقىلىشىدىن پەمىدۇر نەچچە يۈز يىلغا سوزۇلغان «زەھەرلىك» مۇساپىسىنى باشلىغان. ئەينى چاغدىكى كىشىلەر پەمىدۇر تەركىبىدە توماتىن (پەمىدۇر ماددىسى) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل بىيولوگىيەلىك ئىشقارنىڭ بارلىقىغا ئۇنىڭ ئادەمنى زەھەرلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن.

ياۋروپالىقلار پەمىدۇرنىڭ كىسلاتالىق ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەچكە، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ باسما ماشىنىسىنىڭ قەلەي تاختىلىرىنى تازىلىماقچى بولغان. نەتىجىدە قەلەي تاختايدىكى كۆپ مىقداردىكى قوغۇشۇن ئېقىپ چىقىپ كېتىپ، مەتبەئەچىلەردە قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. لېكىن ئۇ چاغلاردىكى كىشىلەر بۇنى ئېغىر مېتال قوغۇشۇن ئېلېمېنتى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارىماستىن، بەلكى پەمىدۇرنىڭ شىرنىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپالىقلار بارا-بارا جېرادنىڭ زەھەرلىك قارىشىغا قەتئىي ئىشىنىپ، پەمىدۇر يېيىشكە جۈرئەت قىلالمىغان.

يەنە شۇ چاغدىكى ئەنگلىيە دۇنيانىڭ زومىگىرى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قارىشى باشقا رايونلارغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك تەسىر كۆرسەتكەن، پەمىدۇر ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى سۈپىتىدە ئۆستۈرۈلگەن. لېكىن ئۇلار بۇ خىل قىزىل رەڭلىك ئۆسۈملۈكنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا تاقابىل تۇرۇشقا ھەقىقەتەن ئامالسىز قالغان ۋە يەنىلا بۇ «خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان». نەتىجىدە زەھەرلەنمەيلا قالماستىن، چىرايىغا قىزىللىق يۈگۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە پەمىدۇر كەڭ كۆلەمدە ئىستېمال قىلىنىشقا باشلانغان.

پەمىدۇر نېمە ئۈچۈن 200 يىلدىن ئارتۇق زەھەرلىك دەپ قارالغان؟

زامانىۋى مەدەنىيەتتىكى يېمەكلىك ۋەكىلى

ھازىر پەمىدۇر ھەقىقەتەن گۆھەر! ئۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىن، كاروتىن، كىسانتوفىل، لىكوپېن مول بولغان بىر خىل ئوزۇقلۇق يېمەكلىك، پەمىدۇرنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.

پەمىدۇر نېمە ئۈچۈن 200 يىلدىن ئارتۇق زەھەرلىك دەپ قارالغان؟

قاچىلاش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پەمىدۇر قىيامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل يېمەكلىكلەر، سانائەت قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار ئاستىدا ئاۋامنىڭ ئالدىنقى تاللىشىغا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن قورۇمىغا ئازراق پەمىدۇر شەربىتى ياكى پەمىدۇر قىيامىنى قوشۇش، ھازىرقى زامان تېز تاماق مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم قىسمىغا ئايلاندى، شۇنداقلا ھازىرقى تۇرمۇشىمىز ئىلگىرى زەھەرلىك دەپ قارالغان پىدىگەن ئائىلىسىدىكى بۇ خىل ئۆسۈملۈكتىن ئايرىلالمايدىغان ھالەتكە كەلدى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى