ساغلاملىق

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ناھايىتى ئاز كىشىلەر ئاڭلاپ باققان ھېكايىسى (ھەجۋىي رەسىملىك)

پەن-تەتقىقاتتىكى ئۇلۇغ بايقاشلارنىڭ كەينىگىمۇ چوڭ يېتەرسىزلىك يوشۇرۇنغان بولىدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ناھايىتى ئاز كىشىلەر ئاڭلاپ باققان ھېكايىسى (ھەجۋىي رەسىملىك)

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ناھايىتى ئاز كىشىلەر ئاڭلاپ باققان ھېكايىسى (ھەجۋىي رەسىملىك)

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ناھايىتى ئاز كىشىلەر ئاڭلاپ باققان ھېكايىسى (ھەجۋىي رەسىملىك)

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ناھايىتى ئاز كىشىلەر ئاڭلاپ باققان ھېكايىسى (ھەجۋىي رەسىملىك)

1981-يىلى ئامېرىكا دۆلەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش –كونترول قىلىش مەركىزى لوس ئانژېلېس شەھىرىدە بىر خىل غەلىتە يۇقۇملۇق كېسەلنى بايقايدۇ. ئەينى چاغدا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار بىر خىل ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان كارېل ئۆپكە خالتىلىق قۇرتى خاراكتېرلىك ئۆپكە ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ، ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىللە باشقا خىلدىكى ئادەتتىكى كېسەللەر بىلەنمۇ يۇقۇملىنىدۇ.

ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ساغلام بولۇپ، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى پۈتۈنلەي يوقىلىدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ناھايىتى ئاز كىشىلەر ئاڭلاپ باققان ھېكايىسى (ھەجۋىي رەسىملىك)

كېيىنچە كىشىلەر يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى يەنە كېلىپ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەر ھەمجىنىسلار ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. شۇ سەۋەبتىن بەزى تەتقىقاتچىلار بۇ كېسەلنى «ئەرلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك» دەپ ئاتىشىدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ناھايىتى ئاز كىشىلەر ئاڭلاپ باققان ھېكايىسى (ھەجۋىي رەسىملىك)

بۇ ئاتالغۇ ناھايىتى يۈزەكى بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ھۆكۈمەت ۋە ئاممىنى بىر مەھەل قايمۇقتۇرىدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ناھايىتى ئاز كىشىلەر ئاڭلاپ باققان ھېكايىسى (ھەجۋىي رەسىملىك)

بۇ چاغدا ئامېرىكا ئوڭ قانات كۈچلىرى پۇرسەت كەلگەنلېكىنى تونۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئۆچمەنلىك قىممەت قارىشى توغرىسىدا ھە دەپ جار سالىدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ناھايىتى ئاز كىشىلەر ئاڭلاپ باققان ھېكايىسى (ھەجۋىي رەسىملىك)

بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ كېسەل بەزى ئاياللاردا، يات جىنسلىقلار بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئەرلەردە، قاناشقا مايىللىق كېسىلى بىمارلىرىدا ۋە ئىشپىرىستا زەھەر چېكىدىغانلاردا ھەتتاكى بالىلاردىمۇ كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ناھايىتى ئاز كىشىلەر ئاڭلاپ باققان ھېكايىسى (ھەجۋىي رەسىملىك)

1982-يىلى 9-ئايدا ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزى بۇ كېسەلگە رەسمىي يوسۇندا ئېرىشمە ئىممۇنىتېت سىستېمىسى كەمتۈكلۈك يىغىندى كېسىلى (ئىنگلىزچە قىسقارتىپ ئاتىلىشى: AIDS) دەپ نام بېرىدۇ. يەنى بۇ دەل بىز ئاڭلىغان ئەيدىز كېسلى.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ناھايىتى ئاز كىشىلەر ئاڭلاپ باققان ھېكايىسى (ھەجۋىي رەسىملىك)

بىراق ئەينى ۋاقىتتا ھېچكىم بۇنىڭ نېمە كېسەل ئىكەنلىكىنى، قانداق تەكشۈرۈشنى، قانداق ئالدىنى ئېلىشنى ھەتتاكى قانداق داۋالاشنىمۇ ئۇقالمىغان.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ناھايىتى ئاز كىشىلەر ئاڭلاپ باققان ھېكايىسى (ھەجۋىي رەسىملىك)

ئەيدىز كېسىلى زادى نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ؟

بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىش بىر قەدەر قىيىن. چۈنكى ئالدى بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ناھايىتى ئۇزۇن بولىدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ناھايىتى ئاز كىشىلەر ئاڭلاپ باققان ھېكايىسى (ھەجۋىي رەسىملىك)

يەنە كېلىپ ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى گۇمران بولغاندىن كېيىن، كۆپ خىل كېسەللىكلەرگە تاسادىپىيلا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. ئاستا-ئاستا بىمارنىڭ بەدىنى ھەر خىل كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنىڭ جەمگاھىغا ئايلىنىدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ناھايىتى ئاز كىشىلەر ئاڭلاپ باققان ھېكايىسى (ھەجۋىي رەسىملىك)

ئاخىرىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ كېسەللىك قوزغاتقۇچىسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى فىرانسىيە ۋە ئامېرىكىدىكى تەتۈر كۆچۈرگۈچى ۋىرۇسنى تەتقىق قىلىدىغان ئىككى تەتقىقات ئەترىتى ئېچىپ تاشلايدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ناھايىتى ئاز كىشىلەر ئاڭلاپ باققان ھېكايىسى (ھەجۋىي رەسىملىك)

ھەممىمىزگە مەلۇم بىر خىل DNAنىڭ قوش بۇرمىسىمان قۇرۇلمىسى دەپ ئاتىلىدىغان نەرسە بولسا مۇتلەق كۆپ ساندىكى جانلىقلارنىڭ ئىرسىيەت ماددىسى.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ناھايىتى ئاز كىشىلەر ئاڭلاپ باققان ھېكايىسى (ھەجۋىي رەسىملىك)

DNA بولسا ھۈجەيرە زاۋۇتىنىڭ چېرتيوژى ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە دىرېكتورنىڭ بىخەتەرلىك ئىشكاپىدا ساقلىنىدۇ. زاۋۇت لازىم قىلماقچى بولغاندا، چېرتيوژغا قاراپ لازىملىق زاپچاس قۇيىدىغان قېلىپنى لايىھەلەپ چىقىدۇ. ئارقىدىن قېلىپنى ئىشلىتىپ كېرەكلىك ھەرخىل زاپچاسنى قۇيۇپ چىقىرىدۇ. ھۈجەيرە زاۋۇتىدا DNA ئامال قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۇچۇرىنى ھۈجەيرە يادروسىنىڭ سىرتىغا چىقىرىدۇ، يەنى ئۇچۇرلىرىنى كۆچۈرۈپ RNA دەپ ئاتىلىدىغان نەرسىنى پەيدا قىلىپ، RNAنى ئىشلىتىپ ھاياتلىققا زۆرۈر بولغان ئاقسىلنى بىرىكتۈرىدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ناھايىتى ئاز كىشىلەر ئاڭلاپ باققان ھېكايىسى (ھەجۋىي رەسىملىك)

لېكىن ۋىرۇس دەپ ئاتىلىدىغان بۇ خىل جانلىقنىڭ تۈزۈلۈشى بەكلا ئاددىي بولىدۇ. ئۇلارنىڭ (كۆپىنچە تۈرلىرىدە) DNAسى يوق بولۇپ، پەقەتلا RNA ۋە بىر يۈرۈش ئاقسىلدىن ياسالغان سىرتقى قېپىلا بولىدۇ. شۇڭا ۋىرۇسنىڭ ئۆزىنى كۆپەيتىدىغان ئىقتىدارى يوق بولىدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ناھايىتى ئاز كىشىلەر ئاڭلاپ باققان ھېكايىسى (ھەجۋىي رەسىملىك)

ئۇ خۇددى سودا جاسۇسىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئوغرىلىقچە زاۋۇتقا كىرىپ ئۆزى ئېلىپ كىرگەن قېلىپقا ئاساسەن چېرتيوژنى سىزىپ دىرېكتورنىڭ بىخەتەرلىك ئىشكاپىغا تىقىپ قويىدۇ. تەتۈر كۆچۈرگۈچى ۋىرۇس بولسا يۇقۇملانغان ۋىرۇسنى قايمۇقتۇرۇپ ئۆزىنىڭ RNAسىنى تەتۈرسىگە كۆچۈرۈپ چىقىپ شۇنىڭغا ماس DNAنى بىرىكتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۇقۇملانغان ھۈجەيرىنىڭ يادروسىغا ۋىرۇسنىڭ گېنى قوشۇلۇپ قالىدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ناھايىتى ئاز كىشىلەر ئاڭلاپ باققان ھېكايىسى (ھەجۋىي رەسىملىك)

ئەڭ ئاخىرىدا تەتۈر كۆچۈرگۈچى ۋىرۇس ھۈجەيرىنىڭ قوماندانلىق ئىشتابىنى ئىگىلىۋالىدۇ. شۇ چاغدىن باشلاپ، داۋاملىق يوشۇرنۇش ياكى ھۇجۇمغا ئۆتۈش (كېسەل قوزغىتىش) شۇلارنىڭ بۇيرۇقىغا باغلىق بولىدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ناھايىتى ئاز كىشىلەر ئاڭلاپ باققان ھېكايىسى (ھەجۋىي رەسىملىك)

ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ۋاقتىدا ۋىرۇس مىقدارىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك!

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى