ساغلاملىق

تۇغۇتتىن كېيىنكى خامۇشلۇق كېسىلىنى يېنىكلىتىش ئۇسۇللىرى

تۇغۇتتىن كېيىنكى خامۇشلۇق كېسىلىنى يېنىكلىتىش ئۇسۇللىرى

ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىن ئۆزىنى ئاسراشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك، بولمىسا تۈرلۈك جىسمانىي ۋە روھىي كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىۋالىدۇ. ئاياللارنىڭ قىرىقى تۇغۇتتىن كېيىنكى ھەر خىل كېسەللىكلەر ۋە خامۇشلۇق ئاسان قوزغىلىدىغان مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. تۇغۇتتىن كېيىنكى خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەھۋالنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرۈڭ:

1. كەيپىياتىڭىز ناچارلاشقاندا ئۆزىڭىزنى خۇشاللىق ئىشلارنى ئويلاشقا مەجبۇرلاڭ، ئۆزىڭىزگە بەك يۇقىرى تەلەپ قويۇۋالماڭ، كۆڭلىڭىزدىكى ئەندىشىلەرنى باشقىلارغا ئېيتىشقا جۈرئەت قىلىڭ، باشقا يېڭى ئانا بولغۇچىلارنىڭ بالا بېقىشتىكى ھېسسىياتى، تەجرىبىسى بىلەن ئورتاقلىشىڭ، ئۆزىڭىزنى ياساپ، بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش مەشىقلىرىنى ئىشلەڭ. كۆڭلىڭىزنى ئازادە تۇتۇڭ، بىردەم ئۇخلىۋېلىڭ ياكى كىتاب ئوقۇڭ، ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇڭ، كىنو ۋە مودا ئېقىم ژۇرناللىرىنى كۆرۈڭ.

2. ئەگەر بەدىنىڭىزدە بىئاراملىق كۆرۈلمىسە، ھاۋا ئوچۇق چاغلاردا بوۋىقىڭىزنى ئېلىپ سىرتتا سەيلە قىلىڭ، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىڭ، ئەڭ ياخشىسى يېقىن دوستلىرىڭىز بىلەن بىرگە بولۇپ، پىسخىكا خەتىرىدىن بىخەتەر ئۆتۈۋېلىڭ.

3. قىرىقىڭىزنى ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيىدە چىقىرىڭ. تونۇش مۇھىت ۋە تۇرمۇش ئادىتى، شۇنداقلا ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ياردىمى بوۋاقنى بېقىشىڭىزدىكى ئامالسىزلىق تۇيغۇلىرىڭىزنى يېنىكلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ، ئۇلار ھەم بەدىنىڭىزدىكى بىئاراملىق ۋە كۆڭلىڭىزدىكى غەملىرىڭىزنى دەل ۋاقتىدا چۈشىنىپ سىزگە ھەمدەم بولىدۇ.

4. ئايالنىڭ كۆڭلى يېرىم بولسا، يولدىشى كۆپرەك ھېسداشلىق قىلىپ، قوللىشى، ئاسرىشى ۋە توغرا چۈشىنىشى كېرەك. جېدەللىشىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئەرلەر ئۆي ئىشلىرىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىپ، بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا كۆپرەك ياردەملىشىشى كېرەك. بالىنى ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە ئېمىتىش جەھەتلەردە ئايالىنىڭ پىكىرىنى كۆپرەك ئېلىشى كېرەك.

5. يېڭى ئانا بولغۇچىلار ئۆزىڭىزنىڭ ئانىلىق رولىڭىزنى قوللىنىپ، بوۋىقىڭىزغا كۆيۈنۈڭ، ئاسراڭ. ئۇلار بىلەن دائىم ھېسسىيات ئالماشتۇرۇڭ. ئانا سۈتى بىلەن بېقىشتا چىڭ تۇرۇڭ، شۇندىلا ئانا-بالا ئوتتۇرىدىكى پىكىرلىشىش ۋە ئىلھاملاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆزىڭىزدىكى ئىقتىدارسىزلىق تۇيغۇيىڭىزنى يوقىتالايسىز.

6. كۈندە بەدىنىڭىزگە ماسلىشىدىغان ئوكسىگېنلىق مەشىقى ئىشلەڭ. يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىڭىزنى چېنىقتۇرۇڭ.

تۇغۇتتىن كېيىنكى خامۇشلۇق كېسىلىنى يېنىكلىتىش ئۇسۇللىرى

7. تۇغۇتتىن كېيىن ئىمكانقەدەر زۆرۈىيەتسىز ئاۋارىچىلىكلەردىن يىراق تۇرۇڭ. چۈنكى يېڭى ئانا بولغۇچىلارنىڭ كەيپىياتى تۇراقسىز بولغاچقا ھەرخىل روھىي تەسىرلەردىن ساقلىنىشى كېرەك.

8. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يولدىشىڭىز بىلەن بىرگە دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ، مۇناسىۋەتلىك كىتاب ياكى ھامىلىدارلار مەكتىپىگە بېرىپ تۇغۇتتىن كېيىنكى خامۇشلۇق كېسىلى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ، پىسخىكا تەييارلىقى ئىشلەڭ. تۇغۇتتىن كېيىن ئاسان كۆرۈلىدىغان تۇراقسىز كەيپىياتقا ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇڭ.

9. كىتابلاردىن، لېكسىيەلەردىن بوۋاق بېقىش ھەققىدىكى بىلىم ۋە چارىلەرنى مەسىلەن ئېمىتىش، يۇيۇندۇرۇش، زاكا ئالماشتۇرۇش، بوۋاقنى كۆتۈرۈش قاتارلىقلار ئىگەللەڭ ھەمدە بالىنىڭ نورمال ئۆسۈپ-يېتىلىش قانۇنىيىتى، دائىم ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇڭ.

10. كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇش، كەيپىياتىڭىز تۇراقسىزلىشىشتەك ئەھۋال داۋاملىق يۈز بەرسە ياكى ئېغىرلاشسا، كەسپىي خادىملاردىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، دورا ياكى پىسخىكا جەھەتتىن داۋالىنىپ، خامۇشلۇقنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى تىزگىنلەڭ. مۇۋاپىق ياردەمگە ئېرىشسىڭىز، بالا بېقىشنىڭ كۆڭۈللۈك ئىش ئىكەنلىكىنى قايتا ھېس قىلىسىز-دە، خامۇشلۇق پەقەت بىر قېتىملىق قارا چۈشكە ئايلىنىدۇ خالاس.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى