ساغلاملىق

ئەتراپىمىزدىكى ئەيدىز بىمارلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك؟

ئەيدىز كېسىلى تىلغا ئېلىنسىلا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى دىمىقىنى قېقىشىدۇ، چۈنكى ئادەتتىكى ئاممىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھەممىسى ئەسكى ئادەم ياكى يامان ئىش قىلغانلار، بىز ئۇلارنىڭ بۇ خىل كەمسىتىش ئىدىيەسىنى ۋاقتىدا توغرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، راستىنى ئېيتقاندا ئادەتتىكى ئاممىنىڭ بۇنداق ئويغا كېلىپ قېلىشىنى پۈتۈنلەي ئۇلاردىن كۆرگىلى بولمايدۇ، چۈنكى بۇ يەردە بىر قىسىم ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ يېتەرلىك، كەڭ دائىرىلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىنمۇ ئاشۇنداق ئەھۋال كېلىپ چىققان.
گەرچە بۇ ناھايىتى ئاددىي ئېيتىلغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەتراپىمىزدا ئەيدىز بىمارلىرى بارلىقىنى بايقىغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر سوغۇققان بولمايدۇ، ئۇلار ئەيدىز بىمارلىرى ئولتۇرغان جاي، ئىشلەتكەن ھەر خىل بۇيۇملار، ھەتتا ئەسنىگەندىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى باردەك ھېس قىلىشىدۇ.

ئەتراپىمىزدىكى ئەيدىز بىمارلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك؟

كىشىلەر گەرچە ئەيدىز كېسەللىكىگە ئائىت تۈرلۈك بىلىملەر توغرىسىدا ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل چۈشەنچە تېخى چوڭقۇر ئېلىپ بېرىلمىغاچقا، ئەيدىز كېسەللىكىگە دائىر بەزى چۈشەنچىسى ئانچە توغرا بولمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاسانلا ئۆزىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ، ئەيدىز بىمارلىرىغا ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ، شۇڭا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ساغلام كىشىلەرگە ئەيدىز بىمارلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈش ئىنتايىن زۆرۈر.

ئەتراپىمىزدىكى ئەيدىز بىمارلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك؟

1. ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش يولىغا توغرا قاراش
ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش يولى جىنسىي مۇناسىۋەت، قان، ئانا-بوۋاقلار قاتارلىق ئۈچ چوڭ ئاساسلىق يولنى كۆرسىتىدۇ، پەقەت ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەھۋال يۈز بەرمىگەندىلا يۇقۇملىنىپ قالمايدۇ، بىر قىسىم كىشىلەر ئەيدىز بىمارلىرى ئۇچراشقان نەرسىلەردىن يىراق تۇرىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، نورمال ھالدا ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن پاراڭلىشىش، قۇچاقلىشىش قاتارلىقلاردا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمايدۇ.

شۇنى بىلىش كېرەككى ئەيدىز ۋىرۇسى ئىنتايىن ئاجىز، ئۇ سىرتقا چىقىرۋېتىلسىمۇ ناھايىتى تېزلا ئاكتىپلىقىنى يوقىتىدۇ، شۇڭا ئۇنچە ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئەتراپىمىزدىكى ئەيدىز بىمارلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك؟

2. پىسخىكىلىق بېسىمغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش
بەزى كىشىلەرنىڭ پىسخىك ساپاسى بىر قەدەر تۆۋەن، ئۇلار بەزى ئىشلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر، ئازراق ئىش بولسىمۇ دائىم تەكرار ئىدىيەۋى كۈرەش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ خىل كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئەيدىزدىن قورقۇشى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، ئادەتتىكى پۇت-قوللارنىڭ تېگىشىشىنى ئۇلار يۇقۇملانغان دەپ قاراپ، ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، ھەتتا قايتا-قايتا تەكشۈرىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئېغىر پىسخىكىلىق مەسىلە.
گەرچە ئۇلارمۇ يۇقۇملانمايدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، لېكىن كۆڭلىدە يەنىلا گۇمانلىنىدۇ، شۇڭا بۇ خىل كىشىلەر بەزى كەسپىي خادىملاردىن ياردەم سورىسا بولىدۇ.

ئەتراپىمىزدىكى ئەيدىز بىمارلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك؟

ئەيدىز كېسەللېكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەيدىز بىمارلىرىغا غەمخورلۇق قىلىش، ئۇلارنى كەمسىتمەسلىك ھەممە ئادەم ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىش. كۆپ ساندىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ يۇقۇملىنىشىمۇ بىگۇناھ بولىدۇ، شۇڭا توغرا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش شەرتى ئاستىدا ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ يالغۇز ئەمەسلېكىنى بىلدۈرۈش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى