ساغلاملىق

جاھىل تىپلىق خاراكتېر توسالغۇسىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى

جاھىل تىپلىق خاراكتېر توسالغۇسىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى

جاھىل تىپلىق خاراكتېر توسالغۇسى خام خىيال تىپىدىكى خاراكتېر توسالغۇسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى: جاھىل، سەزگۈر، گۇمانخور، ھەسەتخور، كۆڭلى-كۆكسى تار، زىيادە سەزگۈرلۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تۈردىكى بىمارلارنىڭ ئۆزىگە بولغان باھاسى زىيادە يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە مۇھىم ھېس قىلىپ، تەنقىد قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدۇ. ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەتكە قارىتا زىيادە سەزگۈر بولۇپ، ئەگەر باشقىلارنىڭ گۇمانسىرىشىغا ئۇچرىسا قارشى تەرەپ بىلەن تاكاللىشىپ، كاززاپلىق قىلىدۇ ھەتتا زىيادە ھاياجانلىنىپ، قارشى تەرەپكە زەخىم يەتكۈزۈشتىن يانمايدۇ.

جاھىل تىپلىق خاراكتېرلىك توسالغۇسىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى ئاساسەن شەخسنىڭ تۇرۇۋاتقان مۇھىت ئامىلى مەسىلەن بەختىسز ئائىلە مۇھىتى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ تەسىرى قاتارلىقلاردىن كېلىدۇ.

1. ئۆسۈپ-يېتىلىشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمەسلىك، دائىم رەت قىلىنىش، ئانا مېھرىگە قانماسلىق، دائىم ئەيىبكە ۋە ئىنكار قىلىنىشقا ئۇچراش سەۋەبىدىن ئۇزاققىچە باشقىلار بىلەن ھېسسىيات جەھەتتە يىراقلىشىشتەك ناچار يۈزلىنىش كۆرۈلسە بۇ كېسەللىك شەكىللىنىدۇ.

2. ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىدا توختىمايلا تۇرمۇشنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، دائىم ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىسا، دائىم ئۇۋالچىلىق تارتىپ، ھاقارەتكە ئۇچرىسىمۇ بۇ خىل كېسەللىك شەكىللىنىدۇ.

3. ئۆزىگە بولغان تەلىپى زىيادە يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئەسلىدە مەۋجۇت بولغان بىر قىسىم كەمچىللىكلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈر زىددىيەت شەكىللىنىدۇ. بىراق ئەزەلدىن ئۆزىدىكى ئاشۇ كەمچىللېكىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلماسلىقتىن بۇ خىل ئەھۋال شەكىللىنىدۇ.

4. ئۆزىنىلا مەركەز قىلىدىغانلار ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، ئۆزىنى ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، خام خىيال ئارقىلىق ئۆزىنى كەمسىتىشنى مۇۋاپىق دەپ قارايدۇ.

5. زىيادە تەشۋىشلىك ۋە تۇراقسىز كەيپىياتتىكېلەر ۋە دائىم باشقىلارنى مەسىلىنىڭ مەنبەسى دەپ بىلىدىغان ۋە ئۇلارغا قارىتا دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايدىغان، ئوبيېكتىپ ئادەم ۋە ئىشلار گۇمانسىراش ۋە غەزەپلىنىش نەزىرىدە قارايدىغانلاردا بۇ خىل كېسەللىك شەكىللىنىدۇ.

6. بەزى غەيرىي مۇھىتتا تۇرۇۋاتقان كىشىلەردىمۇ بۇ خىل كېسەللىك شەكىللىنىدۇ، مەسىلەن مۇقىم خىزمىتى يوقلار باشقىلارنىڭ خىزمەت توغرىسىدا پاراڭلىشىشىدىن بىزار بولىدۇ، ئىقتىسادىي كىرىمى ناچارلار كىرىم توغرىسىدىكى پاراڭلاردىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، توي تۇرمۇشى كۆڭۈلسىز كىشىلەر باشقىلار بىلەن توي، ئائىلە، ھېسسىيات توغرىسىدا پاراڭلىشىشتىن قورقىدۇ.

جاھىل تىپلىق خاراكتېر توسالغۇسىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى

جاھىل تىپلىق خاراكتېر توسالغۇسىنى داۋالاشتا پىسخىكىلىق داۋالاش ئاساس قىلىنىدۇ. يەنى بىمارنى گۇمانخورلۇق، سەزگۈرلۈك، جاھىللىق، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يوق ۋە ئۆزىنى مەركەز قىلىشتەك خاراكتېر كەمتۈكلۈكىنى يېڭىشقا ئۈندەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بېقىش كېرەك:

1. دوست تۇتۇش مەشىقى. بۇ تۈردىكى كىشىلەرنى ئىجتىمائىي ئالاقە مۇھىتىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن كىرىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، دوست تۇتۇش جەريانىدا باشقىلارغا ئىشىنىشنى ئۆگىتىش، خاتىرجەمسىزلېكىنى تۈگىتىش كېرەك. دوست تۇتۇش جەريانىدا مۇناسىۋەتكە سەمىمىي، ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئالاقە جەريانىدا دوستىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىش، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان، گېپى بىر يەردىن چىقىدىغان كىشىلەرنى دوستلۇققا تاللاش كېرەك.

2. دۈشمەنلىك ئىدىيەسىنى تۈزىتىش مەشىقى. جاھىل تىپلىق خاراكتېر توسالغۇسى بىمارلىرى باشقىلار ۋە ئەتراپىدىكى مۇھىتقا دۈشمەنلىك ۋە ئىشەنمەسلىك نەزىرىدە قارايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن دائىم ئۆزىنى «دۈشمەنلىك پىسخىكىسى»نىڭ قاينىمىغا چۆكۈپ كەتمەسلىككە ئەسكەرتىپ تۇرۇشى، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلسا ئاندىن ھۆرمەتكە ئېرىشىشتەك ئاساسى قائىدىنى چۈشىنىشى، تونۇش كىشىلەرگە كۈلۈمسىرەشنى ئۆگىنىشى، تۇرمۇشتا سەۋرچانلىق ۋە بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنىشى كېرەك.

جاھىل تىپلىق خاراكتېر توسالغۇسىنىڭ شەكىللىنىشى مۇقىملىققا ئىگە بولىدۇ. بۇ تۈردىكى كىشىلەر خاراكتېرىدىكى زىيادە گۇمانخورلۇق، ھەسەتخورلۇق، زىيادە سەزگۈرلۈك تۈپەيلى، ھەر دائىم ئېھتىيات ۋە جىددىي ھالەتتە تۇرىدۇ. باشقىلارنىڭ ياخشى نىيەتلىك ھەرىكەتلىرىنى بۇرمىلاپ، دۈشمەنلىك ۋە مەنسىتمەسلىك ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. ئىشلارنىڭ ئالدى-كەينى مۇناسىۋىتىگە توغرا باھا بەرمەي، ئاسانلا ئۇلارغا ھەسەت قىلىدۇ. ھەممىلا ئادەم ۋە ئىشلارغا ئىشەنمەسلىك نەزىرى بىلەن قاراپ، ھەمكارلىشىشنى رەت قىلىدۇ. شۇڭا جاھىل تىپلىق خاراكتېر توسالغۇسى كېسىلىنى داۋالاشنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ، بايقالغان ھامان بالدۇر تەڭشەش ۋە داۋالاش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى