ساغلاملىق

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ھەر قايسى ئەزالارغا بولغان تەسىرى

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ھەر قايسى ئەزالارغا بولغان تەسىرى

ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ۋىرۇس ئادەم بەدىنىنىڭ قارشىلىق ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، پۈتۈن بەدەندە ئىزنالارنى قالدۇرىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ ۋە ئۆزىنى نۇسخىلايدۇ، ۋىرۇس باشقا نورمال ھۈجەيرىنى ئۆلتۈرىدۇ، گەرچە بەدەن CD4 ھۈجەيرىسىنى تېخىمۇ كۆپ ياساش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرسىمۇ، بىراق ۋىرۇسنىڭ سۈرئىتىگە يېتىشەلمەيدۇ-دە، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى تەدرىجىي ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئەگەر دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا، بۇ خىل دورا ئەيدىز ۋىرۇسىنى تازىلاپ، ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ CD4 ھۈجەيرىسىنى يۇقۇملاندۇرۇشىدىن ۋە يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇشىدىن توسىدۇ.

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش مەزگىلىدە قىزىش، ئەسۋە، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، ھارغىنلىق، لىمفا تۈگۈنى يوغىناش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. كېيىنكى باسقۇچ كىلىنىكىلىق يوشۇرۇن مەزگىلى ياكى ئاستا خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ جەرياندا بەلكىم ئون يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىت ئىچىدە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى بولماسلىقى ۋە يېنىك ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئەگەر داۋالانمىسا ئەيدىز ۋىرۇسى بەدەندە توختىماي كۆپىيىپ، ئۈچىنچى باسقۇچقا يەنى ئەيدىز كېسىلىگە قەدەم قويىدۇ. ئەيدىز كېسىلىدە پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بولۇپ، بۇ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئاجىزراق كىشىلەردە تېخىمۇ كۆپ يۈز بېرىدۇ ياكى ئېغىر بولىدۇ.

1. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كۆزگە بولغان تەسىرى

ئەيدىز بىمارلىرىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كۆز قىسمى يۇقۇملىنىشى كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ قانىشى ۋە ئاجرىلىشىدىن ئىبارەت. شۇڭا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ھامان ئەگەر كۆز غۇۋالىشىش، رەڭ پەرقلەندۈرەلمەسلىك، كۆز ياشاڭغىراش ياكى قىزىرىش، نۇرغا سەزگۈر بولۇش، كۆز ئاغرىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە، قەرەللىك تۈردە كۆز بۆلۈمىگە كۆرۈنۈش كېرەك.

2. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئايلىنىش سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى

ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئىستېمال قىلغان بىر قىسىم دورىلىرى يۈرەك كېسىلىنى قوزغىشى مۇمكىن. يەنە ئىنسۇلىننىڭ قارشىلىقىنى پەيدا قىلىپ، ئاسانلا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار قىلىدۇ ۋە ياغنى پارچىلايدۇ. شۇڭا بۇ ۋاقىتتا دورا ئارقىلىق قان شېكىرى ۋە خولېستېرىننى تىزگىنلەش كېرەك.

3. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بۆرەككە بولغان تەسىرى

بىر قىسىم ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلار بۆرەككە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. شۇڭا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ بۆرىكىدە مەسىلە بولسا قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، ساغلام ئوزۇقلىنىش ۋە چېنىقىش ئادىتى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

4. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى

ۋىرۇس ياكى پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشنىڭ نىشانى ئۈچەي دىۋارى بولۇپ، ئىچ سۈرۈش دائىملىق ئىپادىلىنىش شەكلى. ۋىرۇس ھەزىم يولىنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىنى ۋە تاشقى كۆرۈنۈشىنى ئۆزگەرتىدۇ.

5. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ جىگەرگە بولغان تەسىرى

بەزى ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلار جىگەرگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. بىر قىسىم ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئەسلىدىلا جىگەر مەسىلىلىرى بولسا، ھاراق ئىچمەسلىكى، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى زەھەر ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. كۈندە ئىستېمال قىلىدىغان كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ياغ ۋە كالورىيەگە دىققەت قىلىشى كېرەك. A تىپلىق ۋە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىپ، قەرەللىك قان تەكشۈرتۈش ۋە جىگەر مەسىلىسىنى بالدۇر بايقاش كېرەك.

6. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئېغىزغا بولغان تەسىرى

ئېغىز ئەيدىز ۋىرۇسى ئالامەتلىرىنىڭ ئەڭ بۇرۇن بايقىلىدىغان ئورنى بولۇشى مۇمكىن. ئېغىز قۇرۇش، زەمبۇرۇغ بىلەن يۇقۇملىنىش، چىش مىلىكى كېسەللىكلىرى، كالپۇك قاپارتمىسى ۋە جاراھەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.

7. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ سۆڭەك سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى

ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سۆڭەك زىچلىقى ئاسانلا تۆۋەنلەپ، سۆڭىكى چۈرۈكلىشىپ، ئاسانلا سۇنۇشى مۇمكىن. شۇڭا يېتەرلىك كالتسىي ۋە ۋىتامىن Dنىڭ قوبۇللىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پىيادە مېڭىش قاتارلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەپ، تاماكا ۋە ھاراقتىن ئۆزىنى تىزگىنلەش كېرەك.

8. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش يۇلۇن ۋە چوڭ مېڭىنى زەخىملەندۈرۈپ، نېرۋا ھۈجەيلىرىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەيدىز كېسىلى سىجىل تەرەققىي قىلسا دېۋەڭلىك كېسىلىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

9. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تېرىگە بولغان تەسىرى

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىرىنچى باسقۇچتا كىشىلەرگە ئەسۋە چىقىدۇ-يۇ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن يوقاپ كېتىدۇ. بىراق ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئەسۋە كۆپىيىپ كەتسە بۇ مەسىلە ئېغىرلاشقانلىقىنىڭ بېشارىتى. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردا يەنە بەلباغسىمان قاپارتما، ئاددىي قاپارتما ۋە يۇقۇملۇق يۇمشاق سۆگەل ئەسۋە ياكى سۇلۇق قاپارتمىلار كۆرۈلىدۇ.

ئەگەر بەدەننىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىدا يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بىمارلار چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى