ساغلاملىق

پوق يېسە چاچ چىقىدىكەن!

گەپكە كەلسەك، دۇنيادىكى ئەڭ ئادىل ئىش تاقىرباش بولۇپ قېلىش بولۇشى مۇمكىن، جەمىيەتتىكى مەشھۇر ئەربابلاردىن تارتىپ ئاقسۆڭەكلەرگىچە، مەيلى باي ياكى نامرات بولسۇن، تاقىر بولۇشقا تېگىشلىكلىرى يەنىلا تاقىرباش.

خۇشخەۋەر: پوق يېسە چاچ چىقىدىكەن!

يېقىندا، ئامېرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى پاينەكباشلارنى قۇتقۇزىدىغان «ئۈمىد تەتقىقاتى»نى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، ھازىرقى چاچ كۆچۈرۈش ئۇسۇلىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ تەتقىقاتتا ئالىملار ئويلاپ چىققان ئۇسۇلنىڭ «پۇرىقى» سەل كۈچلۈك.

چېچى نورمال كىشىلەرنىڭ چوڭ تەرىتىنىڭ بىر قىسمىنى نەيچە ئارقىلىق بۇرۇن، قىزىلۆڭگەچ، ئاشقازاندىن ئۆتكۈزۈپ، ئۈچەيگە يەتكۈزىدۇ ……

خۇشخەۋەر: پوق يېسە چاچ چىقىدىكەن!

خۇشخەۋەر: پوق يېسە چاچ چىقىدىكەن!

بۇ ئۇسۇل ئاڭلىماققا ئادەمنى سەل بىئارام قىلسىمۇ، ئەمما ئالىملار بۇنى مۇنداقلا دەپ قويغان ئەمەس ……

2017-يىلى ئامېرىكا بروۋن ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، بىر تۈرلۈك ئاجايىپ تەتقىقات جەريانى ۋە نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان، ئەينى ۋاقىتتا 38 ياشلىق بىر ئەر ئاشقازان ـ ئۈچەي كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش بىلەن بىرگە، پۈتۈن بەدىنى تۈك تاشلاش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۆتكەن ئون يىلدا بەدىنىدە بىرەر تال سېرىق تۈكمۇ قالماي ھەممىسى چۈشۈپ كەتكەن.

ئۇ ئەسلىدە ئۆزىنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي كېسىلىنى داۋالاتماقچى بولغان، دوختۇرمۇ «گەندە كۆچۈرۈش ئۇسۇلى»نى قوللىنىپ ئۇنىڭ ئۈچەي مەسىلىسىنى داۋالىماقچى بولغان، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن، 28 يېشىدىن باشلاپلا پاينەكباشلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان بۇ ئەرنىڭ ئاشقازان ـ ئۈچەي مەسىلىسى ياخشىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چېچىمۇ «مۆجىزىلەرچە» قايتىدىن ئۆسۈشكە باشلىغان،

پەقەت سەككىز ھەپتىدىن كېيىن، بۇ ئەرنىڭ 10 يىلدىن بېرى مىس قازاندەك پارقىراپ تۇرغان بېشى ئاخىرى سايىدىغان، ئۇنىڭغا چاچ ئۈنۈپلا قالماستىن، يەنە ساقال-بۇرۇت ۋە بەدىنىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى تۈكلەرمۇ قايتىدىن چىقىىشقا باشلىغان!

بۇ تۈكلەر تاسادىپىي ئۆسۈپ قالغان بولماستىن، ئۈچ يىلدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ بەدىنىدىكى تۈكلەر يەنە داۋاملىق ئۆسۈش ھالىتىدە تۇرغان.

خۇشخەۋەر: پوق يېسە چاچ چىقىدىكەن!

كىشىنى ئىلھاملاندۇرۇدىغان بۇ قېتىمقى مۇۋەپپەقىيەت مىسالى، كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ «پۇرىقى ئادەمنى ئايلاندۇرۇۋېتىدىغان» «گەندە بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى»غا بولغان زور قىزىقىشىنى قوزغىغان.

ئەمەلىيەتتە، ھەر قايسى دۆلەتلەردە گەندىگە تايىنىپ تاقىرباشلىق مەسىلىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلغان مىساللار بار، ھەتتا بىر مىسالدا ئالتە ياشتىن باشلاپلا تاقىرباشلىق كېسىلىنىڭ دەردىنى تارتىپ چوڭ بولغان بىر ئەر «گەندە بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى»نى قوللانغاندىن كېيىن، چېچى بەك كۆپ ئۆسۈپ كەتكەچكە، ھەر كۈنى بىر مۇنچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئوشۇقچە تۈكلەرنى قېرىشقا مەجبۇر بولغان……

ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ، شۇنداقمۇ؟

ئېنىقكى، بۇ چاچنى «تىرىلدۈرىدىغان» «گەندە بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى» كىشىنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلىدۇ ……

خۇشخەۋەر: پوق يېسە چاچ چىقىدىكەن!

«گەندە بىلەن چاچ ئۆستۈرۈپ داۋالاش ئۇسۇلى» نورمال كىشىلەرنىڭ ئۈچەي يولىدىكى كۆپ خىل باكتېرىيەلەرنى بىۋاسىتە تاقىر باش كىشىلەرنىڭ ئۈچەي يولىغا يۆتكەپ، نورمال مىكرو جانلىقلار توپى ئارقىلىق تۈك خالتىسىنىڭ نورمال ئۆسۈشىنى قوزغىتىدۇ.

خۇشخەۋەر: پوق يېسە چاچ چىقىدىكەن!

ئالىملار نۇرغۇن تاسادىپىي مۇۋەپپەقىيەت مىساللىرىنىڭ ئىلھامى بىلەن، بۈگۈنكى كۈندە تاقىرباشنىڭ گېن بىلەن باغلىنىشى ئەڭ چوڭ بولغاندىن باشقا، يەنە ئۈچەي يولىدىكى مىكرو جانلىقلار توپىنىڭ ساغلاملىق دەرىجىسى بىلەنمۇ باغلىنىشى بارمۇ-يوق، دەپ گۇمان قىلىشقا باشلىغان ……

نۆۋەتتە بۇ تەتقىقات يەنە ئۈچ يىلدىن كېيىن ئاندىن نەتىجىگە ئېرىشىدۇ، بىراق تەتقىقاتقا قاتناشقان 40 نەپەر تاقىرباش بىمارنىڭ پىسخىك ساپاسى يەنىلا ئىنتايىن كۈچلۈك.

بۇ يەردىكى «گەندە بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى» ھەقىقىي «چوڭ تەرەت» بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت.

خۇشخەۋەر: پوق يېسە چاچ چىقىدىكەن!

ئىلمىي نۇقتىدىن قارىغاندا، چوڭ تەرەت %75 سۇ، %54-%25لىك باكتېرىيە، ھەزىم بولمىغان ئوزۇقلۇق ماددىلار، ئېلېكترولىت ۋە شىلىمشىق سۇيۇقلۇقتىن تەركىب تاپقان ماددىدىن ئىبارەت، «چوڭ تەرەت رەڭگى» ئادەم بەدىنىدىكى ئۆت سۇيۇقلۇقى پېگمېنتىدىن كەلگەن بولۇپ، پۇرىقى باكتېرىيە بىرىكمىلىرى (فېنول، نافتالىن، تېزەك سېسىق ماددىسى، ئاممىياك سۈيى ۋە ھىدرو سۇلفىد)دىن كېلىدۇ.

خۇشخەۋەر: پوق يېسە چاچ چىقىدىكەن!

ئەمما چوڭ تەرەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇلار بىر دۆۋە پۇرىقى ھەم مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان گەندە!

خۇشخەۋەر: پوق يېسە چاچ چىقىدىكەن!

ھالبۇكى بۇ سىرلىق داۋالاش ئۇسۇلى ساغلام كىشىلەردىن چىقىرىلغان «يېڭى گەندە»نى تەتقىقاتچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭدىكى پايدىلىق باكتېرىيەلەرنى ئايرىپ ئالىدۇ (بۇ تەتقىقاتچىلارنىڭمۇ پىسخىك ساپاسى كۈچلۈك بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ).

خۇشخەۋەر: پوق يېسە چاچ چىقىدىكەن!

يەنى بۇ بىر دۆۋە ئارىلاشما ماددىلاردىن تەركىب تاپقان «ھۆل ئەخلەت»نى، لاي ھالەتتىكى جىسىم قىلىپ ياساپ چىقىدۇ (بۇلار ئاپتوماتىك ماشىنا مەشغۇلاتى بىلەن تاماملىنىدۇ).

خۇشخەۋەر: پوق يېسە چاچ چىقىدىكەن!

كەسپىي دوختۇرلار بۇ بىر دۆۋە «ياخشى دورا»نىڭ قەيەردىن كېلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئىككىلەنمەستىن بىمارنىڭ بۇرنىدىن نەيچە ئارقىلىق ئۈچەيگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ (توخو ئەتلىرىم ئۆرلەپ كەتتى دېسە).

بىراق قارىماققا قوپال كۆرۈنىدىغان بۇ داۋالاش ئۇسۇلى، ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئاشقازان-ئۈچەيگە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئاۋسترالىيە قىتئەسىدىكى 15 ياشلىق قىز راچېل چاللېن ئىلگىرى ئۆز دادىسىنىڭ «دەل ۋاقتىدا چىقىرىپ بەرگەن» چوڭ تەرىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئېغىر قەۋزىيەت كېسىلىنى داۋالىماقچى بولغان، نەتىجىدە بىر سىناق بىلەنلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۈچ يىللىق قەۋزىيىتىگە خاتىمە بەرگەن.

خۇشخەۋەر: پوق يېسە چاچ چىقىدىكەن!

شۇنداق قورقۇنچلۇق تەرتىپ ئالدىدا، راچېل ئەگەر قەۋزىيەت يەنە قايتا قوزغالسا بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى قىلچە ئىككىلەنمەي يەنە بىر قېتىم قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قەۋزىيەت ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېخىمۇ قورقۇنچلۇق قاباھەتلىك چۈش ……

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قارىماققا ھېچقانداق پايدىسى يوقتەك كۆرۈنىدىغان «ھۆل ئەخلەت» بولسىمۇ، لېكىن راچېلدىن ئىبارەت بۇ خىل «گەندە بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى»غا تايىنىدىغان ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، نۇرغۇن چىقىمدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ دادىسىنىڭ چوڭ تەرىتىنى ئىشلەتكەندە، نامسىز تەقدىم قىلغۇچىنىڭ تەرىتىنىڭ بەك قىممەت توختاش ئېھتىماللىقىنى ئويلاشقان …

خۇشخەۋەر: پوق يېسە چاچ چىقىدىكەن!

ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بولسا، بۇرۇنلا «گەندە بانكىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل سىرلىق ئاپپارات مەۋجۇت، ئۇلار بۇ يەردە ساغلام كىشىلەرنىڭ چوڭ تەرىتىنى يىغقان، يەنى ھەر قېتىملىق تەرەتكە 40 ئامېرىكا دوللىرى ھەق بەرگەن، «پىدائىي»لارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى ناھايىتى «راھەت» بولۇپ، ئىش تۈگىگەندە پۇلنى ئېلىپ كەتسىلا بولىدۇ. بۇ چوڭ تەرەتنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەن بىمارلار، تېخىمۇ يۇقىرى باھادا «نەپىس ساقلانغان» بۇ چوڭ تەرەتنى سېتىۋالىدۇ …

خۇشخەۋەر: پوق يېسە چاچ چىقىدىكەن!

چوڭ تەرەتنىڭ مېدىتسىنا ساھەسىدىكى ئىشلىتىلىش دائىرىسى بۈگۈنكى كۈندە «يۈكسەك»لەشتۈرۈشكە قاراپ يۈزلەنگەن،

ئىلىم ـ پەن ساھەسىدىكىلەر ساغلام چوڭ تەرەتتىكى ئوخشاش بولمىغان مىڭ خىلدىن ئارتۇق باكتېرىيەنىڭ غايەت زور سىغىمچانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ پايدىلىق باكتېرىيەلەرنىڭ نېرۋا سىستېمىسى، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا غايەت زور پايدىسى بارلىقىنى دەلىللىگەن.

خۇشخەۋەر: پوق يېسە چاچ چىقىدىكەن!

چوڭ تەرەتتىكى باكتېرىيە «ئۈچەي مېڭە ئوقى» ئارقىلىق سېروتونىن سەۋىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئالىملار گەندە ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك (پاركىنسون كېسىلى)، ھەتتا خامۇشلۇق كېسىلى، تەشۋىشلىنىش كېسىلى، ھەتتا روھىي بۆلۈنۈش، خامۇشلۇق كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر يەنە تەرەتنىڭ دىئابېت، ئەيدىز قاتارلىق ئىنسانلار يەڭگىلى بولمايدىغان كېسەللىكلەرگە قارىتا داۋالاش رولى بارلىقىدىن گۇمانلانماقتا، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى، سېمىزلىك كېسىلى، ئاستا خاراكتېرلىك چارچاشقا تېخىمۇ گەپ كەتمەيدۇ، يەنە بەزىلەر گەندە ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ دانىخورەكنى ساقايتالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چوڭ تەرەت ھەقىقەتەنمۇ مىڭ خىل كېسەلگە داۋامۇ نېمە!

خۇشخەۋەر: پوق يېسە چاچ چىقىدىكەن!

بىراق بىردىنبىر مەسىلە شۇكى، باشقىلارنىڭ چوڭ تەرىتىنى ئىشلىتىپ داۋالايدىغان بۇ ئۇسۇلىدا، «چىقىرىش» توختاپ قالسىلا «داۋالاش»مۇ توختاپ قالىدۇ، شۇڭا ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇش كېرەك … (چوڭ تەرەتنىڭمۇ ئۆزىنىڭ بانكىسى بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن.)

«بىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە قېتىق دۇكىنىغا ئوخشاش چوڭ تەرەت مەركىزى تەسىس قىلىپ، قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئالاھىدە چوڭ تەرەت مىكرو جانلىقلار گۇرۇپپىسىنى زاكاز قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشىمىز مۇمكىن. يەنە تېخى ئارىلاشما تەملىك!»

خۇشخەۋەر: پوق يېسە چاچ چىقىدىكەن!

بۇنداق «گۈزەل كەلگۈسى»نى تەسەۋۋۇر قىلىش…ھەي، بىر يەرلىرى بىر قانداق…

ئۇنداقتا سۇئال: كۆپچىلىك، ساغلاملىق ۋە گۈزەللىك ئۈچۈن بۇنداق «مىڭ خىل كېسەلگە داۋا مۆجىزىلىك پوق»نى ئىشلىتىشكە پېتىنالامسىلەر!؟

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى