ساغلاملىق

تۇغۇتتىن كېيىن ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بوۋاققا يۇقۇشىنى قانداق تىزگىنلەش كېرەك؟

تۇغۇتتىن كېيىن ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بوۋاققا يۇقۇشىنى قانداق تىزگىنلەش كېرەك؟

ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئايالدىن تۇغۇلغان بوۋاق 6-12 سائەت ئىچىدە ئەيدىز ۋىرۇسى داۋالىشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلار بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇش جەريانىدا ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىدىكى ھەرقانداق يۇقۇملىنىش خەۋپىدىن ساقلايدۇ.

يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى 21-14 كۈنگىچە، 2-1 ئايغىچە ھەمدە 6-4 ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار تۇغقان بوۋاقلارغا ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈتۈشى قىلىشى كېرەك، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش خەۋپى يۇقىرى بوۋاقلارنى تۇغۇلغان چېغىدا ۋە باشقا ۋاقىت بۆلەكلىرىدە نورمىدىن سىرت تەكشۈرتۈشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

ئەگەر تەكشۈرۈشتىن بوۋاقنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان بولسا، بوۋاققا ۋىرۇسىنى تەتۈر نۇسخلاشقا قارشى داۋالاش ئۇسۇلى ( art )نى قوبۇل قىلدۇرۇش كېرەك. بۇ كۈندە كۆپ خىل ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلارنى ئىشلىتىپ ئەيدىز كېسىلىنى داۋالايدىغان ئۇسۇلدۇر. Art ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىپ، ساغلاملىقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

ئەيدىز كېسىلى ئانا سۈتى ئارقىلىق بالىغا يۇقىدۇ، شۇڭا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئانىنىڭ بالىسىنى ئېمتىشى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، ئامال بار بوۋاقلارنى سۈت پاراشوكى بىلەن بېقىش كېرەك.

ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللار ئەيدىز ۋىرۇسى دورىلىرىنى ئىستېمال قىلغان ھەمدە تۇغۇلغاندا ۋىرۇس تىزگىنلەشنى داۋاملاشتۇرغان بولسا بوۋاقلاردا پەيدا بولىدىغان ئانىدىن بالىغا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇش خەۋپى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى