چىشىڭىز دائىم قانامدۇ؟ بۇلارغا دىققەت قىلىڭ!
54 ياشلىق يۈ ئەپەندى يېقىنقى ئىككى ئايدا چىش چوتكىلىغاندا دائىم قان چىقىدىغان، بەزىدە ئالما يېسىمۇ قان چىقىدىغان بولۇپ قالغان. دەسلەپتە ئۇ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان، لېكىن مەيلى قانداق ئىسسىقىنى ياندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن كېسەللىك ئالامەتلىرى يېنىكلىمىگەن، كېيىن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەن، ئويلىمىغان يەردىن جىگەر قېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغان.
كىلىنىكىلىق كۆزىتىشكە ئاساسلانغاندا، دەسلەپكى دەۋرلىك جىگەر قېتىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك بەش خىل ئالامىتى بولىدۇ:
1. تەرتىپسىز قاناش: چىش مىلىكى قاناش، بۇرۇن قاناش، تېرىدە سۆسۈن داغ پەيدا بولۇش، قان قۇسۇش، چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
2. ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش: جىگەر رايونى يوشۇرۇن ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، قەۋزىيەت، قورساق كۆپۈش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
3. تېرە رەڭگى سارغىيىش: كۆز ئالمىسى، تېرە، سۈيدۈكنىڭ رەڭگى بىنورمال سارغىيىدۇ.
4. ئۆمۈچۈكسىمان مەڭ: باسقاندا ئاغرىش سېزىمى بولمايدۇ.
5. باشقا بەدەن بەلگىلىرىنىڭ ئىپادىلىرى: ئورۇقلاش، بەدەن قۇۋۋىتى چېكىنىش، ئاسان چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئاز ساندىكى بىمارلاردا چىرايى قارىداش، چىرايى تۇتۇلۇش، يۈزىگە پىگمېنت ئولتۇرۇشۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.