ئەرلەرنىڭ بەرداشلىق بېرىش ۋاقتى قانچىلىك بولسا نورمال بولىدۇ؟
جىنسىي تۇرمۇشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىغا نىسبەتەن، كۆپ قىسىم ئەرلەر داۋاملىشىش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشى، بۇنداق بولغاندا ئەرلىك جاسارىتىنى نامايەن قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ خىل قاراش زادى توغرىمۇ خاتامۇ؟
تۇرمۇشتا بەزى ئەرلەر ئۆزىنىڭ جىنسىي تۇرمۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن ئەمەسلېكىنى بايقىغاندا، ئەڭ ئاۋۋال جىنسىي ئىقتىدارىمدا مەسىلە بار ئىكەن دەپ قارايدۇ، ئۇنداقتا ھەقىقىي ئەھۋال راستتىنلا ئۇلار ئويلىغاندەكمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ھەر بىر ئادەمنىڭ جىنسىي تۇرمۇشتا ئېرىشىدىغان ھۇزۇرلىنىش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇنىڭغا ماس ھالدا جىنسىي تۇرمۇش ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، جىنسىي تۇرمۇش ھەرگىزمۇ ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس.
ئەرلەر قانچىلىك ۋاقىت بەرداشلىق بەرسە ئاندىن نورمال ھېسابلىنىدۇ؟
ئادەتتە ئەرلەرنىڭ بەرداشلىق بېرىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، بۇ جەھەتتە نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ چۈشەنچىسى يېتەرلىك ئەمەس، بۇ سوئالغا بەلكىم كۆپ قىسىم ئەرلەر بىر نەچچە سائەت دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس، نورمال قىلىپ ئېيتقاندا، ئەر -خوتۇنلارنىڭ ئەڭ ياخشى جىنسىي تۇرمۇش ۋاقتى 15-10 مىنۇتقىچە بولىدۇ، جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىن ئۆزئارا خۇشاللىق ھېس قىلىش يۇقىرى سۈپەتلىك جىنسىي تۇرمۇش ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر جىنسىي تۇرمۇش ۋاقتى بىر مىنۇت ياكى بىر مىنۇتتىن قىسقا بولسا، جىنسىي ئىقتىداردا مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا چوقۇم مەسىلىگە ئاكتىپ قاراپ، دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش كېرەك.
ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئەرلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جىنسىي تۇرمۇش ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ؟
1. زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ھەرىكىتى ئىشلەش
كۆپ ھەرىكەت قىلىش بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، بەدەندىكى مۇسكۇل مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ماينى خورىتىپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئەرلەر جىنسىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جىنسىي تۇرمۇش ۋاقتىنى ئۇزارتماقچى بولسا، چوڭقۇر زوڭزىيىش ھەرىكىتى ئارقىلىق پۇتىنى چېنىقتۇرسا بولىدۇ، چۈنكى جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدا، ئاستىنقى قورساقنىڭ كۈچى كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ، چوڭقۇر زوڭزىيىش ئارقىلىق ئىككى پۇتىنىڭ مۇسكۇل مىقدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئەرلەرنىڭ جىنسىي تۇرمۇش ۋاقتىنى تېخىمۇ ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
2. ئەر ـ خوتۇنلار كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك
پىكىر ئالماشتۇرۇش ئەر ـ خوتۇنلار ئارىسىدا كەم بولسا بولمايدۇ، ئەگەر جىنسىي تۇرمۇشتا ئاياللارنىڭ ھېسسىياتىنى ئويلاشمىغاندا، جىنسىي تۇرمۇش سۈپىتى بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىدۇ، جىنسىي تۇرمۇشتا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇۋاپىق جىنسىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تاللىسا ھەمدە كۆپرەك جىنسىي تۇرمۇشقا بولغان قىزىقىشنى ئاشۇرسا، ئەرلەرنىڭ جىنسىي تۇرمۇش ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
3. يېمەك ـ ئىچمەككە دىققەت قىلىش
ئەرلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا تەركىبىدە سىنك بىر قەدەر يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېسە بولىدۇ، سىنك كۆپىيىش سىستېمىسىدا تەڭداشسىز ئورۇنغا ئىگە، سىنك ئۇرۇق ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىنسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ، سىنك تەركىبى مول يېمەكلىكلەرنىڭ بۆرەككە ياردىمى زور بولۇپ، ئەرلەرنىڭ بۆرىكى ياخشى بولسا، جىنسىي تۇرمۇش سۈپىتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
4. يېتەرلىك ئۇخلاش ۋاقتىنى ساقلاش
كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىغا سەل قارايدۇ، دائىم تۈنەش بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا بۆرەكنىڭ ئىقتىدارىمۇ ناچارلىشىپ كېتىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيقۇنىڭ زېھنى كۈچنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بۆرەكنى ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، ئەگەر ئەرلەر دائىم تۈنەپ ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا، بەدىنى چارچاپ ماغدۇرسىزلىنىپ، زېھنى كۈچى زىيادە خوراپ كېتىدۇ، شۇنىڭغا ماس ھالدا جىنسىي تۇرمۇش ۋاقتىمۇ قىسقىراپ كېتىدۇ، شۇڭا يېتەرلىك ئۇخلاش ۋاقتىنى ساقلاپ، زېھنى كۈچ يېتەرلىك بولسا، بۆرەك ئىقتىدارىمۇ كۈچەيتىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش: ئەرلەر ئۆزىنىڭ جىنسىي تۇرمۇش ۋاقتىنى تېخىمۇ ئۇزارتىش ئۈچۈن يۇقىرىدا ئېيتىلغان نۇقتىلارغا دىققەت قىلغاندىن سىرت، جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانىنى كونترول قىلىپ، زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، نېمىلا دېگەن بىلەن جىنسىي ھەۋەس زىيادە ئېشىپ كەتسە كۆپىيىش سىستېمىسىغا بەلگىلىك ئەكس تەسىر كۆرسىتىپ، بۆرەك ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.