قاتتىق ھەرىكەت تۇخۇمدان سېرىق تەنچىسىنىڭ يېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
لى خانىمنىڭ قىزى بۇ يىل 16 ياشقا كىرگەن بولۇپ، تولۇق ئىككىنچى يىللىقتا ئوقۇيدۇ، ئالدىنقى ھەپتە قورسىقى ئاغرىپ، كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرغان، تاماق يېگۈسى كەلمىگەن. لى خانىم قىزىدىن ئەھۋالنى تەپسىلىي سورىغاندىن كېيىن، بالىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە تەنتەربىيە دەرسىگە قاتنىشىشتىن بۇرۇن ياخشى ئىكەنلىكىنى، تەنتەربىيە دەرسىدىن كېيىن سىنىپقا قايتقاندا سەل بىئارام بولغانلىقىنى، ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلېكىنى بىلگەن.
لى خانىم ئەھۋالنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلېكىنى ھېس قىلىپ، دەرھال قىزىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتكەن، ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرى ئالدى بىلەن قىزنىڭ قورسىقىنى تۇتۇپ تەكشۈرۈپ، ئاغرىغان ئورۇننىڭ ئاساسلىقى سول تەرەپ ئاستىنقى قورساق ئىكەنلىكىنى بايقىدى. قىزنىڭ ھامىلىدار بولۇش، سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق مەسىلىلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندىن كېيىن، ئەھۋال دەسلەپكى قەدەمدە سېرىق تەنچىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىگە مۇقۇملاشقان.
ئارقىدىن بىمارغا تېخىمۇ ياخشى ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن، دوختۇرلار B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ۋە سۈيدۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، شۇنداقلا قاننى تەكشۈرگەن. ئاخىرىدا دوختۇر لى خانىمغا بالىنىڭ قاتتىق ھەرىكەتتىن كېيىن تۇخۇمدان سېرىق تەنچىسىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئەمەسلېكىنى، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
سەمىمىي ئەسكەرتىش: قىزلارنىڭ قورسىقى ئاغرىغاندا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەك. دوختۇر ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرىدۇ ھەمدە بىمارنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ دىياگنوز قويىدۇ، داۋالاش ۋاقتىغا تەسىر يېتىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەرگىز خالىغانچە پەرەز قىلماسلىق كېرەك.