ساغلاملىق

بۆرەكتە «قىزىل چىراغ» يانغاندىكى تۆت خىل ئالامەت

بۆرەكتە «قىزىل چىراغ» يانغاندىكى تۆت خىل ئالامەت

سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھامان، بىمارنىڭ بۆرەك ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرايدۇ، تېنىدىكى سۇ ئېلېكتىرولىت ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلىشىپ، بۆرەكنىڭ ئىچكى ئاجراتما ئىقتىدارىمۇ تەڭپۇڭسىزلىشىپ، بەزى زەھەرلىك ماددىلار ۋە مېتابولىزم ئاخىرقى ھاسىلاتلىرى بەدەندە كۆپ مىقداردا يىغىلىپ قېلىپ، بىمارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ.
سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى يەنە ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك زەئىپلىشىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئىپادىسى، ئەگەر دەسلەپكى كېسەللىك ئالامەتلىرى بايقالسا، ۋاقتىدا داۋالانسا سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتىن ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلانغىلى بولىدۇ.

بۆرەكتە «قىزىل چىراغ» يانغاندىكى تۆت خىل ئالامەت

بەدەندە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىشنىڭ بېشارىتى بولىدۇ؟
1. سۈيدۈك نورمالسىزلىقى
بۆرەكتە مەسىلە كۆرۈلگەندە بىمارنىڭ سۈيدۈكىدە بەزى نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ. كونكرېت ئىپادىسى بىمارنىڭ سۈيدۈكىنىڭ رەڭگى بىر قەدەر سېرىق بولىدۇ. بۇ بىمارنىڭ سۈيدۈكىدە سۈيدۈك ئاقسىلى كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل ھادىسە. ئۇنىڭدىن باشقا بىمارنىڭ سۈيدۈكىدە يەنە نۇرغۇن ئۇششاق كۆپۈكچىلەر بولۇپ، بۇ كۆپۈكچىلەر ئاسانلىقچە تارقىلىپ كەتمەيدۇ. يەنە بىماردا كېچىدە كۆپ سىيىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى ياكى بۆرەك زەئىپلىشىشتىن بۆرەكنىڭ سۈيدۈكنى قۇيۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن كېلىپ چىققان ھادىسە.

بۆرەكتە «قىزىل چىراغ» يانغاندىكى تۆت خىل ئالامەت

2. بەدەندىكى سۇلۇق ئىششىق
بۆرەكنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، بەدەندىكى بىر قىسىم ئارتۇق سۇنى ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ. بۆرەك زەئىپلىشىش ۋە سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش مەزگىلىگە كىرگەندە، بۆرەك بەدەندىكى سۇنى ۋاقتىدا سىرتقا چىقىرالماي، بىمارنىڭ بەدىنىدىكى سۇ مىقدارى ئېشىپ كېتىپ بەدىنى ئىششىپ قالىدۇ. ئادەتتە بىمارنىڭ پاقالچاق ۋە ئىككى پۇتىدا ئېغىر دەرىجىدە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ، ئاندىن كېيىن بىمارنىڭ يۈز، كۆز قاپىقىدا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ. ئەگەر بىماردا نورمال سىيەلمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلسە، پۈتۈن بەدەنلىك سۇلۇق ئىششىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

3.ئاشقازان-ئۈچەي يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى

سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا مېتابولىزم خاراكتېرلىك كىسلاتادىن زەھەرلىنىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال بىمارنىڭ ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، بىماردا بىر قاتار ئاشقازان-ئۈچەي يولى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۆرەكتە «قىزىل چىراغ» يانغاندىكى تۆت خىل ئالامەت

4. چارچاش مەنبەلىك نەپەس قىيىنلىشىش
بىمار ئەمگەك قىلغان ياكى جىسمانىي ھەرىكەت قىلغاندىكى نەپەس قىيىنلىشىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئالامەتنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىپ ئۆپكىدە سۇلۇق ئىششىقىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

بۆرەكتە «قىزىل چىراغ» يانغاندىكى تۆت خىل ئالامەت

بۆرەكتە يېنىك مەسىلە كۆرۈلگەندە ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا، ئاسانلا سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى پەيدا بولۇپ، بىمارنىڭ سالامەتلىكى ۋە ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. شۇڭا بۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ھامان، چوقۇم تېزدىن مۇنتىزىم دوختۇرخانىنىڭ بۆرەك ئىچكى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈش ھەمدە بۆرەكنىڭ زەخىملىنىش دەرىجىسىگە ئاساسەن مۇناسىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى