سوئال-جاۋاب
كومپيوتېرىمدا ئېلان بەك كۆپ چىقىدىغان بولۇۋالدى، خىزمەتداشلار، بولۇپمۇ چوڭلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ئىشلەتكەندە بەك ئوچۇق ئېلانلار توختىماي چىقىپ تولىمۇ ئوڭايسىز قىلىدۇ. بۇنى چەكلەيدىغان نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلىغان بولساممۇ، ئېلان ئازايماقتا يوق، تېخىمۇ كۆپ چىقىدىغان بولۇۋالدى. ئېلان توسىدىغان بىرەر ئۈنۈملۈك ئامال بارمۇ؟
جاۋاب: ئاشۇ ئېلان كۆزنىكىدە تەپسىلىي دىققەت قىلسىڭىز 不再显示 دېگەندەك تاللاشلار بولىدۇ (ئادەتتە بەك كىچىك ياكى تارماق تىزىملىك ئىچىدە بولۇشى مۇمكىن). شۇنى چېكىپ تاقىۋەتسىڭىز شۇ تۈردىكى ئېلان قايتا كۆرۈنمەيدۇ. ياكى ئېلاننىڭ كېلىش مەنبەسىنى تېپىپ، ئېلاننى ئەۋەتكەن يۇمشاق دېتالنى ئۆچۈرۈۋەتسىڭىز بىراقلا قۇتۇلىسىز. مەسىلەن: 2345 يۈرۈشلۈك دېتاللىرى، 360 ۋە لۇداشى يۈرۈشلۈك دېتاللىرى، جىنشەن دۇبا، ھەر خىل ئويۇن قىستۇرمىلىرى دېگەندەك.
ئېلان چەكلەيدىغان يۇمشاق دېتالغا كەلسەك، Adsafe يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ.
بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى